تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
يازما
ماتىرىيال تۈرى

    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى‹‹4-قىسىم››

    0
    ئىنكاس
    755
    كۆرۈش
    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    325

    بايلىق

    86

    يازما

    481

    جۇغلانما
     

    بېكەت مەسئۇلى

    3419250388

    ئەزا ئۇچۇرى 
    تىزىم نومۇرى: 1
     
    يازما سانى:
    86
     
    تىللا:
    325  
    تۆھپە:
    0
     
    جەۋھەر يازما:
    14
     
    توردا:
    112 سائەت
     
    ئاخىرقى:
    2019-5-20
     
     

    كېڭەيتىش ماھىرىتەشۋىقات ماھىرىتېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزاپىشقەدەم ئەزا

     
    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى‹‹4-قىسىم››



    تورخانىغا كىرىپ ئۇ بەرگەن خەتنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم …
    خەت

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم :
    ياخشى تۇردىڭمۇ ، سەندىن بىر سۇئال سوراي ، جاۋابىنى ئۆزۇڭگە دەپ بەرسەڭلا بولىدۇ ، ئەگەر مەن سېنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم دېسەم سەن ئىشىنەمسەن ؟…
    بەلكىم چاقچاق قىلىۋاتىدىغاندۇ دەپ ئويلايدىغانسەن ، لېكىن سەن بىلمەيسەن ، سېنى ھېلىقى كۇنى تورخانىدى كۆرمىگەن بولسام ، بەلكىم كەشلىرى ئۇيقام قاشمىغان ، چۇشۇمگە سەن كىرمىگەن بولغىيدىڭ ! لېكىن بەندە بۇنىڭغا ئاجىز….
    ھەراس ئەرافات ئەسلى ھېلىقى كۇنى مېنى ئويۇمگە ئاپىرىپ قويماسلىقىڭ كېرەك ئىدى ، ماڭا سېغىز بەرمەسلىكىڭ ، يەنە ئەتىگىنى مېنىڭ بورانغا قارىماي مېنىڭ ئۆيۇمگە كەلمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى ..، ھەراس سەن ماڭا بەرگەن سېغىزنى مەن تېخىغىچە چاينىماي ساقلاپ قويدۇم ..!
    كۆڭلۇمدىكىنى ئىيتسام ، سەن بايراق خادىسىنىڭ يېنىدا ئۆرە تۇرغاندىن باشلاپ ساڭا دېققەت قىلدىم ، ئۇچىنجى كۇنى سەن ھەقىقەتەن چىدىماي قالدىڭ ،، شۇڭا مەنمۇ ئامالسىز مەكتەپ مۇدىرىغا سېنى دەرىسكە كىرگۇزۋېتىشنى ئىيتىم ، سەن بەلكىم مەكتەپ مۇدىرى نېمىشقا سېنىڭ گېپىڭنى ئاڭلايدۇ دېيىشىڭ مۇمكىن ..چۇنكى ، دادام بىلەن مەكتەپ مۇدىرى تۇنۇشلاردىن ، دادام مۇشۇ شەھەرنىڭ مائارىپ نازىرى ، مەنسەپ ئەمەلنى چۆرگىلەپ تۇغان چوڭلار ئۇچۇن ھەممىدىن مۇھىمۇ يۇز – ئابروي …،
    دېگىنە ئەرافات مېنى ياخشى كۆرەمسەن، مېنى ئالامسەن ؟
    جاۋابىڭنى كېيىن ئاڭلاي ،ئەتە ئەتىگەن بۇ شەھەردىن ئايرىلمەن ، چۇنكى دادامنىڭ ئەمىلى ئۆسۇپتىمىش ،شۇڭا ئائىلە بويلاپ باشقا شەھەرگە كۆچىدىكەنمىز ..
    ئېسىڭدە بولسۇن چۇقۇم سېنى ئىزدەپ كېلىمەن ، بەلكىم مەكتەپ ئالدىدىكى تورخانىدا يەنە ئۇچرىشىش قالارمىز …
    ئۆزۇڭنى ئاسىرا ، تورخانىدا ئوتۇرۇپ تاماق يېيىشنى ئۇنتۇپ قاما ….
    دەپ يازغۇچى : ئادىلە

    ئالدىمدا تۇرغان كۇنۇپكا تاختىسىغا نەچچىنى ئۇرىۋەتتىم … ، ئارقىمدىن قاخشاپ كەلگەن تورخانا خوجايىنىغا 100يۇئەن پۇلنى تۇتقۇزۇڭ قويۇپ ، تورخانىدىن چىقىپ كەتتىم ،كۆزۇمگە ياش كەلدى ، تۇيۇقسىز ئاتا – ئانامنىڭ تۇپراق بېشىغا بېرىپ كېلىش ئىسىمگە كەلدى . قوناق بازىرىغا بېرىپ ئازراق قوناق ئېلىپ ‹‹قاراساقال ئاتام›› مازىرىغا قاراپ يۇرۇپ كەتتىم ، يولدا كەلگۇچە كاللامدىن ئۆتمىگەن ئىشلار ئۆتۇشكە باشلىدى ….
    ئېسمنى بىلسەم ئاتا – ئانام مەن كىچىكلا تۇگەپ كېتىپتىكەن ، شۇڭا مۇشۇ كەمگىچە مېنى دادامنىڭ ئاكىسى بېقىپ كەلگەن ئىدى ، ئۇلار مېنى ئۆگەيلىمەيتى ، تىللىمايدى ،سىلكىشلىمەيتى ، ھەتتە ئۆز ئوغلىدىن ئەزىز كۆرەتتى ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىر ئوغلى بولىدىغان ھەر بىر ئىشتا مەن بىلەن بەشلىشەتتى ، شۇڭا ‹‹قول ئىچىگە ئىگىلىدۇ›› دېگەن گەپ بويىنچە كېيىن ئۇلار بارا- بارا مېنى چەتكە قېقىشتى ، بېششىدا بۇ ئىشلا ئانچە ئېغىر كەلمىدى كېيىن چوڭ بولغانسىرى ماڭا ھار كېلىدىغان بولدى شۇڭا ئادەتتە ئۆيگە قايتمايتىم ، ‹‹ئۆزۇڭنى خار قىلغاندىن ، كۇچۇڭنى خار قىل›› دېگەن بويىنچە باشقىلارنىڭ ئۆي كۆچىدىغان ، يۇك تۇشۇيدىغان ، ئاياق مايلايدىغان ئىشلاردىن تاتىپ ھەممىنى قىلىپ باقتىم ، ئاخىردا كومپىيوتۇر ئارقىلىق پۇل تېپىشنى ئۆگۇنىۋالدىم ، خىيالىمدىن سىلكىنىپ چىقىپ قارىسام ئاپام – دادامنىڭ تۇپراق بېشىغا كېلىپ قاپتىمەن ، ئاستا تىزلىنىپ ئولتۇردۇم ، ئىچ- ئىچىمدىن يىغلىغۇم كېلىپ تۇراتتى ، ئۇنۇمنى چىقارماي يىغلاشقا باشلىدىم ، كۆڭلۇم ئۆزۇمگە خىتاپ قىلىۋاتاتتى :
    نېمىشقا ھەممە كەلگۇلۇك ماڭا كېلىدىغاندۇ ، باشقا بالىلار شۇنچا شاد -خورام ، ھېچ قانداق غېمى يوق ، نېمىشقا …زادا نېمىشقا…
    ئەكەلگەن قوناقنى تۇپراق بېشىغا چېچىۋېتىپ ، تورخانىغا قايتتىم ، بىر كېچە قارا بېشىپ چىقىپتۇ ، چۇشۇمدە ئادىلەنى كۆرۇپتىمەن ، ئادىلە بىر قولىدا پالتا ،يەن يەنە بىر قولىدا پىچاق كۆتۇرۇپ ، قىزلىقىمنى قايتۇرۇپ بەر دەپ مېنى قوغلايتى ، مەن قاچاتتىم ، ……
    خىيالىمدىن سىلكىنىپ چىقىپ كامىرغا قاراشقا باشلىدىم . فىنەككىيۇ (سۇ چاشقىنى) يەنە ماڭا قاراپ تۇراتتى، تۇرمە ئىشىكى ئېچىلىپ ئىككى ساقچى كىرىپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ ئىيتىشىچە بۇگۇن تۇرمە باشلىقىنىڭ تۇغۇلغان كۇنى ئىدى ، شۇڭا خوشاللىغى تۇتۇپ پۇتۇن مەھبۇسلارغا بىر رومكىدىن ھاراق تارتقاتقان ئىدى ، لېكىن بۇنىڭ چۇقۇم مەخپى تۇتۇلىشىنى ئىيتى ، چۇنكى بۇ تۇرمە قائىدىسىگە خىلاپ ئىدى ..
    ئالدىمدىكى بىر رومكا ھاراققا قاراپ يەنە خىيال دۇنياسىغا كىرىپ كەتتىم ،
    تورخانىدا ئىككى كۇندىن ياقى ئادەم كۆپ ئىدى ، سەۋەبى : ئۇلارنىڭ دېيىشىچە يېڭى چىققان ‹‹ئاشىق كۇيى›› ناملىق كىنونى كۆرۇش ئىكەن.
    تورخائىدا ھەممىسى شۇنى كۆرەتتى ، شۇ قىزىقچىلىقتا مەنمۇ مەشۇقۇم تورىنى ئېچىپ كىنونى ئىزدەشكە باشلىدىم ، ئادەتتە مەشۇقۇم تورىغا كۇندا بىر كۇلكە فىلىمى ، كۇلدە بىر كۇلكىلىك پۇتبول فىلىمى ، كۇندا بىر قورقۇنۇشلۇق ئەسەر ، ھەم كۇندە دېگىدەك يۇمۇر ،ئىگىلىك تىكلەش بىلىملىرى يوللىناتتى ، شۇڭا ھەر ئىككى كۇندە كىرىپ زىيارەت قىلىپ ،ھېچ ئوقويدىغان نەرسە تاپالمىسام ‹‹مەشۇقۇم كۇلكە خۇرۇچى›› نىڭ يېڭى قىسىمىنى ئوقۇپ چىقىپ كېتەتتىم ، كىنونى تېپىپ كۆرۇشكە باشلىدىم، كىنونىغۇ كۆرۇپ تۇگەتتىم ،ماڭا تەسىر قىلغىنى باش پىرسۇناژنىڭ توختىماي ھاراق ئىچىشى ئىدى ، ھاراق ھەقىقەتەن ئادەمدىكى ئازاپ ئوقوبەتنى ئۇنتۇلدىرالامدىغاندۇ ، ئەگەر راس شۇنداق بولسا مېنى ساقايتىدىغان دورا شۇ ئىدى ، سائەتتە قارىسام خېلە كەش بولغان ئىدى ، سىرىتقا چىقىپ نەدە ھاراق ساتىدىغاندۇ دېگەننى ئويلاپ ئىككى تەرەپكە قاتاپ كېتىپ باراتتم ، كۆزۇم بىر تاختايغا چۇشتى ‹‹دەرتمەنلەر ئارامگاھى ›› ، توۋا بۇ ئىسىمنى ھەجەپ قويىۋاپتا ، ئاستا ئەيمىنىش تەلەپپۇزىدا ئىچىگە كىردىم ، بۇ قاۋاقخانا ئاددىلا ، ئىچىگە 6 تال ئۇستەل قويۇلغان ، ئىچىگە كىرىپلا بىرخىل قاڭسىق پۇراقتىن سەسكىنىپ كەتتىم ، ھاراق تىزىپ قويۇلغان تام ئىشكابىنىڭ ئالدىغا كېلىپ پوتولكىسى كىچىگەرەك ، قىزىل رەڭلىك ھاراقتىن بىرنى ئالدىم ، ئاغزىنى ئېچىپ بىر كۆتۇرۇپلا ئىچىۋەتتىم ، ۋاھ … ئاھ …. بۇ قىزىل سۇ ئىچكەندە تاتلىق تېتىغان بىلەن ئىچىمگە كىرىشى بىلەن بىر تۇتۇم ئوتنى يۇتىۋالغاندەك سەسكىنىپ كەتتىم ، يېنىمدىكى توڭلاتقۇ تۆپىسىگە قويۇپ قويۇلغان ئاغزى ئۇچۇق شاپتۇل سۇيى نى بىر كۆتۇرۇپلا ئىچىۋەتتىم ، خېلە يىنىكلەپ قالغان ئىدىم ..
    ۋوجۇن .ئاپپاق ئۇكام ، جېنىڭىزنى قىيناپ نېمە قىلىسىز بۇنداق ھاراق ئىچىپ – دېدى بىر قىز ،
    ئارقىمغا قارىسام بايامقى شاپتۇل سۇيىنىڭ ئىگىسى ئىدى ، ئاستا كەچۇرۇپ سوراپ ،توڭلاتقۇدىن ئاغزى ئېچىلمىغان ئىچىملىكتىن بىرنى ئېلىپ ئۇ قىزغا تەڭلىدىم ھەمدە ، پۇلنى تۆلەش ئۇچۇن خوجايىن دەپ دەپ توۋلاپ قويدۇم ، ئۇ قىز يەنە ماڭا قاراپ تۇراتتى ، يەنە بىر قېتىم توۋلاپ قويدۇم ، شۇئان ھېلقى قىزچاق گەپ قوشۇپ قويدۇ ،.
    ئاپپاق ئۇكام ، مەن خوجايىنغا ئوخشىمامدىكەنمەن ، سىزچە خوجايىن قانداق بولىدۇ .- دېدى ئۇ قىز يانچۇقۇدىن بىرقاپ تاماكىنى ئېلىپ بىرتالنى ماڭا تەڭلىگەچ .
    كەچۇرۇڭ مەن تاماكا چەكمەيمەن ، -دېدىم سىللىقلىق بىلەن ،…
    ئوۋۋۋ ، چەمى 13 يۇئەن ، ئاغزى ئۇچۇق ئىچىملىكنى سىزگە سوغا قىلاي كېلىپ تۇراسىز ..- دېدى ئۇ قىز تاماكىسىنى شورىغاچ .
    ماقۇل ، خوش ئەمىسە – دېدىم ”دەرتمەنلەر ئارامگاھىدىن “ چىقىپ كەتكەچ .
    كاللام ئانچە مۇنچە قايغاندەك بولۇپ تورخانىغا قاراپ ماڭدىم ، بۇ قىزىل ھاراق ئىچكەندە ئانچە قىلمىغان بىلەن ، .ئەمدى كارامىتىنى كۆرسۇتىۋاتاتتى .
    بۇگۇن ئازراق بولسىمۇ پۇل تېپىشنى ئويلاپ كومپىيوتۇر ئالدىدا ئولتۇردۇم ، لېكىن ئادام ھاراق ئىچسە ھىچقانداق ئىش خوشياخمامدۇ قانداق ؟ .كاللامنى كۇنۇپكا تاختىسىغا قويۇپ ئۇخلاپ قاپتىمەن ، يەنە ئويغۇنۇپ كېتىمەن ، بەدەنلىرىم ئاغرىدۇ ، تۇرۇپ ئاشقازىنىم ئوغۇشقا باشلىدى ، قاراشتىن ياندۇردىغاندەك قىلاتتىم …
    ھەي بىر كېچىنى شۇنداق تەستە ئۇيقۇسىز ئۆتكۇزدۇم ، تۇنجى قېتىم ھاراق ئىچىپ ھېس قىلغان تەسىراتىم : ھاراق ئىچسە چوقۇم ياتىدىغان يېرى بولىشى ، قانغۇدەك ئۇخلىيالىشى ، ھەم كومپىيپتۇر ئوينىماسلىقى كېرەك ئىكەن ، …
    لېكىن مەن كومپىيوتۇر ئوينىمىسام كىم مېنى باقىدۇ ، ئەگەر ئاتا – ئانام بولغان بولسا ئىدى ،شۇلارنى ئويلاپ يەنە كۆڭلۇم بۇزۇلدى ، تورخانىدىن چىقىپ ئىككى ئەتىراپقا قاراشقا باشلىدىم، قورسۇقۇم ئاچقاندەك قىلاتتى ، ئىچ-ئىچىمدىن بىر خىل چاڭقاپ ئۇساپ كېتىپ بېراتتىم ، بىر ئاشخانىغا كىردىم ، قوسۇمقۇمنى تويغۇزۇپ تۇنۇگۇنكى ئىشلارنى ئەسلەشكە باشلىدىم كۆپىنچىسى يادىمدا قالماپتۇ ، لېكىن يادىمدا قالغىنى ھېلىقى ئايال خوجايىن ، قاراشتىن 20 ياشقا كىرگەندەك تۇراتتى ، لېكىن نېمىشقا قاۋاق ئېچىۋالغاندۇ ، بەلكىم …..خىيال قىلىشتىن توختۇدۇم ، چۇنكى كاللامغا كەلگىنى ‹‹پاھىشە قىزنىڭ مۇھاببىتى››،‹‹ئوغۇرى قىز ۋە پاھىشە قىز›› قاتارلىق رومانلارنىڭ باش پىرسۇنازلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىپ تۇراتتى ، بەلكىم شۇلاردەك بىرەر قىسمەتكە ئۇچۇرغاندۇ ..
    ئىختىيارسىز مېڭىپ شۇ ئاددى قاۋاقنىڭ ئالدىغا كەلدىم ، ئىچىگە قەدەم بېسىشىمغا يەنە ھېلىقى قاڭسىق پۇراق بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى ، قاۋاق ئىچىدە ئادەم يوق ئىدى ، ‹‹تۇنۇگۇن مەن كۆرگەن ھاراق كەشلەر بەلكىم ئۆيىدە تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندۇ ›› دېگەننى ئويلاپ يەنە كۆڭلۇم يېرىم بولدى، چۇنكى ئۇلارنىڭ ئۆيى باردە ، كېلىپ بىر ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم ، ئايال خوجايىن مېنى كۆرمىگەندەك خىيالىدا يوق گىرىمىنى قىلىپ ئولتۇراتتى ، بۇ ئاددى كەپە ئىچىگە كۆز يۇگۇرۇتتۇم ، تۇساتتىن بىرنەرسە خىيالىمنى بۆلىۋەتتى ، چۇنكى ئىشىكتىن كىرگەن ئۇدۇلقى تامدا ‹‹مەھمۇد قەشقىرى›› بوۋامنىڭ رەسىمى تۇراتتى ، ئىچىمنى بىرنەرسە تاتىلاۋاتاتتى ، توساتتىن ئايال خوجايىن ئولتۇرغا ئورنىدىن تۇرۇپ مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ ئولتۇردى ،ھەمدە گەپ باشلىدى :
    -قانداق ئۇكام ھاراق ئىچسە ياخشى بولامدىكەن ، ئەتىگەندە ئۇساپلا قوپقانسە
    – ھەئە ، لېكىن كېچىچە ئۇخلىيالماي قىينىلىپ كەتتىم ،
    -ئاپاڭ-داداڭ ، كېچىچە سېنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويغان ئوخشىمامدۇ ، – دېدى بۇ جىن مەسخىرە ئارلاش كۇلۇپ قويۇپ ،
    ئۇلار ئۆلۇپ كەتكەن .- دېدىم نەشتەردەك تىكىلىپ .
    ئايال خوجايىن ئوغايسىزلانغان ھالدا ئورنىدىن تۇردى ، ھەمدە قىزىل قۇتۇلۇق شەكلى قاپاققا ئوخشايدىغان بىر بوتولكا ھاراق ۋە گازىر ، خاسىڭ ، ئىككى بوتولكا ئىچىملىك كۆتۇرۇپ كەلدى ۋە :
    كېلە ئۇكام ،خاتا دېگەن گېپىم ئۇچۇن سېنى مېھمان قىلاي . – دېدى ئەكەلگەن نەرسىلەرنى ئالدىمغا قويۇپ ..
    راسما – دېدىم مەن ھەيران بولغان تەلەپپۇزدا ، چۇنكى تۇغۇلۇپ مۇشۇ كەمگىچە مېنى ساۋاشدىشىم ئېلياردىن باشقا ھېچكىم مىھمان قىلمىغان ئىدى ،
    -ئەلۋەتتە ، يەنە بۇگۇن بۇ دۇكان ئىككىمىزنىڭلا ئارامگاھى بولسۇن دېدى ، – ئايال خوجايىن …
    ھەم ئىشىكى ئىچىدىن تاقىۋەتتى .
    ئايال خوجايىن ئىككى كىچىك رومكا ئەكىلىپ ھاراق قۇيۇشقا بەشلىدى ..ھەمدە :
    ئىچە باشقۇش بۇگۇن قانچىلىك ئىچسەڭ ،مەندىن …
    ئايال خوجايىننىڭ مېنى نېمىشقا مېھمان قىلدىغانلىقىنى بىلمىدىم لېكىن ھاراققا ئۆزۇمنى ئاتىۋەتكەن ئىدىم …
    ئىچىۋاتىمەن ، ئىچىۋاتىمەن ، بۇ ئاق ھاراق تۇنجى ئىچكەندە ئاچچىق بولغىنى بىلەن ، ئىككى رومكا ئىچىۋالدىمۇ ، بولدى ھەسەلدىن تاتلىق تېتىيتى ..
    خىيالىمدىن سىلكىنىپ چىقىپ ، بايام ساقچىلار ئەكىرىپ بەرگەن بىر رومكا ھاراقنى گۇپپىدە ئىچىۋەتتىم ….
    ئاستا ئىچىمدە پىچچىرلىدىم ‹‹ۋۇ تويمايدىغان تۇرمە باشلىقى ، ئاران ھاراق تارتقارتقاندا قىممەت ھاراق تارتقاتسىمۇ بولىدىغۇ ،6 كويلۇق ھاراق بىلەن ئادەم ئەخمەق قىلىپ ››..
    4-قىسىم تۇگىدى ..
    ____________________

    تۆھپىكارلار:


    بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

    x
    تور بىكىتىمىزدە قەلبىڭىز شاتلانغۇسى
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

    سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

    بىكەت باشلىقى

    QQ:3419250388

    نامى:شاتلان تورى

    QQ1群:812447719

    QQ2群:3419250388

    قىززىق لىنىيە كىيۇ كىيۇ

    3419250388

    (工作日:365天
    www.xatlan.cn
    3419250388@qq.com

    بۇ خەتنى چىكىپ ئۇلىنىش قۇشۇڭ-يانفون نۇسخا-قاماقخانا- شاتلان تورى  

    Powered by wzmiao! X3.2© 2001-2013 wzmiao Inc.