تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
يازما
ماتىرىيال تۈرى

    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹5-قىسىم››

    0
    ئىنكاس
    751
    كۆرۈش
    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    325

    بايلىق

    86

    يازما

    481

    جۇغلانما
     

    بېكەت مەسئۇلى

    3419250388

    ئەزا ئۇچۇرى 
    تىزىم نومۇرى: 1
     
    يازما سانى:
    86
     
    تىللا:
    325  
    تۆھپە:
    0
     
    جەۋھەر يازما:
    14
     
    توردا:
    112 سائەت
     
    ئاخىرقى:
    2019-5-20
     
     

    كېڭەيتىش ماھىرىتەشۋىقات ماھىرىتېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزاپىشقەدەم ئەزا

     

    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹5-قىسىم››



    سۇ كامىردا بىر ھەپتىدەك تۇرغاندىن كېيىن ، جازا مۇددىتىم تۇشۇپ .ئادەتتىكى كامىرغا يۆتكەلدىم ، مەيلى ئادەم ياكى ھايۋان بولسۇن بىرسىگە كۆنۇپ قېلىپ ئايرىلىش ئادەمگە ئېغىر كېلىدىكەن ، فىنەككىيۇ (سۇ چاشقىنى)دىنمۇ ئايرىلدىم ، ھازىر تۇرۇۋاتقان كامىردا تۆت ئادەم تۇرىدىغان بولۇپ ، مەندىن باشقا ئۇچەيلەن ئوبدان تۇنىشىدىكەن ، كىرگەن تۇنجى كۇن ئاخشىمى ‹‹يېڭى كىرگەنلەرنى كۇتىۋېلىش زىياپىتى›› دە خېلە ئوبدان قارشى ئېلىندىم ، ئەتىسى ئىككى كۇزۇم ھوردا پىشقان مانتىدەك ئىششىپ كېتىپتۇ ، ئۇلارنى كۇتىۋېلىش زىياپىتى دېگىنى بىرمەيدان تاياق يېيىش ئىدى ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ يۇزۇمنى يۇيۇپ .مەيدانغا ئاپتاپ كۆرۇش ئۇچۇن چېلىنغان سىگىنالدىن كېيىن مەيدانغا ماڭدىم ، توپلىشىپ قالغان بىر توپ ئادەمنىڭ يېنىغا بېرىپ گېپىگە قۇلاق سالدىم،

    – ۋاھ ، تۇرمە باشلىقى ئاجايىپ ئېسىل ئادەم جۇمۇ ، 200 كويلۇق ھاراقتىن بىرنى ئەكىرىپ بەردى -دېدى بىرسى مەغرۇر ھالەتتە ،

    ئاناڭنى ، ماڭا 30 كويلۇق ھاراقتىن بىر بوتولكا ئەكىرىپتۇ …- دېدى يەنە بىرسى ئارقىدىن ئۇلاپلا ،..

    ئۇلارنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىمىدىم ، ئىچىم ئېچىشىپ كېتىپ باراتتى ، كېچىتىن تاياق يېگەنگە ئەمەس ، مەندەك ئۇشبۇ ‹‹ئاق سارايدا ›› 4 يىلغا يېقىن تۇرغان ئادەمنىڭ ، بىر رومكا ھاراققا يارىغىنىمنى كۆرۇپ ئىچىمدە كۇلدۇم ، بۇتۇن تۇرمە مەيدانىدا، تۆت تال ئۇرۇندۇق بولۇپ بۇلارنى ئاساسەن نوچىلار ئىگەللەپ ئولتۇراتتى ، بىر ئۇرۇندۇقنىڭ ئاقا تەرىپىگە ئۆتۇپ كاسسامنى يەرگە قويۇپ ئۇرۇندۇققە يۆلىنىپ ئولتۇردۇم ، نېمە …مېنى زاڭلىق قىلىۋاتامسىز ، مۇشۇ ئۇرۇندۇقنىڭ يۆلىنىش ھۇقۇقىنىمۇ ناھايىتى تەستە يىغىپ ساقلاپ قويغان تاماكامنى ئارقا ئىشىك قىلىپ ئېرىشكەنمەن ، ھەي سۆزلىسەم گەپ تولا ، ئاستا خىيالغا چۆكتۇم ….

    ‹‹دەرتمەنلەر ئارامگاھى›› نىڭ ئىشىكى ئىچىدىن تاقالدىن ، كۆرۇنۇشتىن كىچىك كۆرۇنىدىغان ئىككى رومكىدا ئۇ جىن ھاراق قۇيۇشقا باشلىدى ، ئۇچ رومكىدىن توختاتماي ھاراق قۇيۇلدى ، گەپمۇ قىلماي ، ئىچىۋەردىم ، ئايال جىن تاماكىنى ئېلىپ بىر تالنى ماڭا تەڭلىدى ، مەن ئالمىدىم ، ئۇ تاماكىسىنى كۇچەپ تارتىپ ئىسىنى ماڭا پۇۋلەپ قويدى ، قاراشتىن گەپ قىلىدىغاندەك تۇراتتى ،..

    نېمىشقا تاماكا چەكمەيسە – دېدى ئۇ ئىپادىسىزلا .

    چېكىپ باقمىغان -دېدىم مەنمۇ ئالدىمغا قۇيۇلغان رومكىنى كۆتۇرۇپلا .

    دۇنيادا ھەممە نەرسىنىڭ جۇپتى بىلەن يارىتىلغانلىقىغا ئىشىنەمسەن – دېدى جىن ماڭا قاراپ ..

    قانداق دەيسىز – دېدىم مەن ئۇنىڭ سۇئالىنى چۇشەنمەي ..

    چىش پاستىسى بىلە چىش چوتكىسى ، ماشىنا بىلەن چاق ، ئۇستەل بىلەن ئۇرۇندۇق ، ئوڭ كۆزۇڭ بىلەن سول كۆزۇڭ ….. ھەممىسى بىر – بىرسى بىلەن بىرجۇپ ، ئەلۋەتتە شۇڭا ھاراق بىلەن تاماكىنىمۇ ئايرىۋەتمەسلىك كېرەك ،- دېدى ئۇ جىن ماڭا قاراپ قانداق بىرتال چېكىپ قويامسەن دېگەندەك ، بىر تال تاماكىنى ماڭا سۇنۇپ …

    تاماكىنى نېمىشقا ئالدىم ، نېمىشقا چەكتىم ئۇنى ئۇقمايمەن ، لېكىن ئۇنىڭ دېگەن گېپى راس ئىدى ، ..

    ئىسمىڭز نېمە – دېدىم ، ئاغزىمدىكى ئىستى پۇۋلەپ بولالماي يۆتەلگەن ھالەتتە ،

    ئىسمىم خانقىز ، قانداق سوراپ قالدىڭغۇ ، يەنە سۇئالىڭ بولسا ھەممىنى سورا ، بىراقلا جاۋاپ بېرەي ، – دېدى خانقىز ، تاماكىسىنى شورىغاچ ..

    نېمىشقا بۇنداق يولغا مېڭىپ قالدىڭىز ؟ئويدىكىللىرىڭىز يوقما ؟، – دېدىم مەن سۇئال ھەم ئۆتۇنۇش نەزىرىدە خانقىزغا قاراپ ،

    ئېسىمنى بىلسەم دادام ئۆلۇپ كەتتى ، كېيىن ئانام باشقا ئەرگە تەگدى ، كېيىن ئاناممۇ ئۆلۇپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن – گېپىنى توختۇتۇپ قويۇپ يەنە ئىككى رومكا ھاراق ئىچۋېلىپ گەپ باشلىدى ،

    شۇنىڭ بىلەن ، ئۆگەي دادام بىلەن يالغۇز قالدىم ، ئۆگەي دادام توختىماي ئاغىنىللىرنى ئۆيگە باشلاپ ھاراق ئىچەتتى ، بىر كۇنى شۇنداق ئولتۇرۇشتا دادام ھەددىدىن زىيادە مەس بولۇپ كېتىپتۇ ، شۇنداق قىلىپ قالدى دادامنىڭ قالدى نىجىز ئاغىننىللىرى ماڭا نۆۋەتلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلدى ، كېيىن بىلسەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپتىمەن ،- خانقىز قانداق مۇشۇنداق پۇل تاپسام بولماپتىما دېگەدەك ماڭا قاراپ قويدى …

    ئۇنىڭ ئۇستى بېشىغا سەپ سالدىم ، قاراشتىن ئۇرۇق ، ئوماق كەلگەن بۇ قىز ‹‹ئەيدىز›› ئىدى ،

    ھەراس ، سەن مېنىڭ پاك ۋاقتىمدىكى ئوغۇل دوستۇمغا بەك ئوخشايدىكەسە ، ئىسمىڭ نېمە ،- دېدى ئۇ ھېچ ئىچ بولمىغادەك
    ھە ، ھە ، ئىسمىم ئەرافات ، بۇنىڭدىن كېيىن كۇندە كىرىپ تۇرىمەن ، – دېدىم مەنمۇ ،

    يەنە ئالاھەزەل يېرىم سائەت بولغاندە بېشىم قايغاندەك قىلدى ، ئاخىرقى ئىشلار ئېسىمدە يوق ، شۇنداق بىر چۇش كۆرۇپتىمەن ، چۇشۇمدە ئادىلەنى كۆرۇپتىمەن ، بىر بىرىمىز بىلەن قۇچاقلىشىپ تۇراتتۇق ، ئۇنى سۆيۇش ئۇچۇن شۇنداق تىرىشساممۇ ئۇنى سۇيەلمەيتىم ، تۇيۇقسىز ئادىلە قولىغا پالتا ئېلىپ ‹‹قىزلىق ئىپپىتىمنى›› قايتۇتۇپ بەر دەپ مېنى قوغلايتى ، مەن قاچاتتىم ، چۆچۇپ ئويغۇنۇپ كەتتىم يېنىمدا ئادىلە ئەمەس ، خانقىز ياتاتتى ، يۇرۇگۇم تېخىمۇ تېز سۇقۇۋاتاتتى ، تۇيۇقسز كۆرگەن چۇشۇمنى ئەسلىدىم ، سۆيگىلى قويمىغىنى ئەسلى ئادىلە ئەمەس خانقىز ئىكەنلىكىنى مۇقۇملاشتۇردۇم ، شۇندىلا كۆڭلۇم خاتىرجەم بولدى ، خانقىزمۇ ئويغۇنۇپ بولغان ئىدى ،

    ئەرافاتجان ، ھەجەپ كۆزىڭىزنى يۇمۇۋېلىپ سۇيۇمەن دەپ كەتتىڭىز ، ئۆلۇشتىن قورقمىسىڭىز ئەمدى سۆيىڭە مانا ، يەنىغۇ سۆيۇشكەن تىرىك يەيمەن دېسىڭىزمۇ مەيلى ، -دېدى خانقىز مېنى مازاق ئازلاش كۇلۇپ .

    كەچرۇڭ ، كىيمىڭىزنى كىيىۋالامسىز ، – دېگەن گېپىم ئۇنى خىجىل قىلىمۇ ئىككى مەڭزى قىپقىزىپ بولۇپ كەتتى ، ….

    ئاخشامقى ئىشلارنى بىلسەم مەن بەك مەس بولۇپ كېتىپتىمەن ، ئۆيۇڭگە ئاپىرىپ قوياي دېسە ئۆيۇمنى يوق دەپتىمەن ، ھەي بۇ ئىش بولماپتۇ ، بېرىپ بانكىدىكى پۇلنى ئېلىپ ئىككى يىللىق بىر ئۆي ئىجارە ئېلىپ قويدۇم ، ئاندىن يوتقان كۆرپە ، توك قازىنى قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ جايلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ، تورخانىغا يۇرۇپ كەتتىم ، ئىككى كۇن تۇرخانىغا كىرمىگەن سەۋەبىمتىن نۇرغۇنلىغان خېرىدار مېنى ئىزدىگەن ئىدى ، ئۇنىڭ ئارىسىدا بىرسى بىر تال ئامرىكا توربېتىنىڭ ھوقۇقىنى(shell) ئېلىپ بەرسەم 200 يۇئەندىن ئالدىغانلىقىنى ئىيتى ، نېمىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالماي ، جۇڭگۇ قىزىل خاككىر تەشكىلاتىغا كىرىپ قاراسام ، جۇڭگۇ بىلەن ئامرىكىنىڭ تور ئۇرۇشى قوزغالغان ئىدى ، مەنمۇ ۋەتەنپەرۋەر بولۇش سۇپىتىم بىلەن ، كۇندىزى ئامرىكا توربەتلىرنى بۇزۇپ پۇل تاپساپ ، ئاخشاملىرى باشقا جۇڭگۇ خاككىرلىرى بىلەن بىرلىشىپ ‹‹ئېقىن مىقدارى ھۇجۇمى (ddos)›› قوزغاپ ، ئامرىكا توربەتلىرنى پالەچ ھالغا چۇشۇرۇپ قوياتتۇق ، ‹‹توپىلاڭدىن توغاچ ئوغۇرلاش›› دېگەندەك قىسقىغىنە بىر ئايدا 40مىڭ يۇئەن دىن ئارتۇق كىرىم قىلغان ئىدىم ، بۇ بىر ئاي ئىچىدە ‹‹دەرتمەنلەر ئارامگاسىنى›› تۇزۇق يوقلىيالمىدىم ، چۇنكى مەن خىزمەت قائىدىسى بېكىتىۋالدىم ،كومپىيوتۇر ئوينىغاندا ھاراق ئىچمەيمەن ، ھاراق ئىچكەندە كومپىيوتۇر ئوينىمايمەن دەپ ، تور ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى ، خانقىزنىڭ قاۋاقخانىسىغا قاراپ يۇرۇپ كەتتىم ، ئىشىكتىن كىرىشىم بىرسى مېنى شۇنچە جىق ئادەمگە قارىماي قۇچاقلىۋالدى ،،ھەمدە.

    ئەمدى نەدە تۇرىدىغانلىقىڭنى ، كۇندىزى نەلەرگە بارىدىغانلىقىڭنى ئېيتىپ بەر – دېدى خانقىز شۇنداق چىرايلىق ئۇمچەيگەن ھالدا .

    ماقۇل ، ماقۇل ، خالىسىڭىز بۇگۇنسىزنى مىھمان قىلاي ،- دىدىم مەن ئالدىنقى قېتىپ كۇندە كىرىپ تۇرۇمەن دېگەن يالغانچىلىقى ئۇچۇن كەچۇرۇپ سوراپ ،

    ئۇ ماقۇل بولدى ،شۇنداق قىلىپ يىمەك ئىچمەك بازىرى ‹‹ئوچا›› غا قاراپ يۇرۇپ كەتتۇق ، خانقىز بىلەن تۇنۇشقاندىن ياكى كۆڭلۇم باشقىچە ئازادە ئىدى ، ئۇ قىز ئادەمنى تورختىماي كۇلدۇرەتتى ، ئادەم يوق يەردە ئىككى يۇزۇمگە سۇيۇۋالاتتى ، بەزىدە ئادەم مۇشۇنداق ئۆتسىمۇ ياخشىكەن ، ئىككىمىز ئوچا بازىردىكى ياخشى تاماقخانىلاردىن بىرى ‹‹ئەلبېك›› قا كىرىپ تاماق يېدۇق ، كۇچانىڭ يەرنى دوغاپلىردىن قانغۇچە ئىچتۇق ، ئاندىن خەلىق مەيدانى تەرەپكە قاراپ يۇرۇپ كەتتۇق ، خەلىق مەيدانىنىڭ ئوتتۇرسىدا بالىلار ئۇيۇنچۇقلىرى قۇيۇلغان بولۇپ ، ئالاھىدە قىزىپ كەتكەن ئىدى ،

    ئەرافات ، ياخشى كۆرىدىغان ئادىمىڭ بارمۇ ، – دېدى خانقىز قولىدىكى ئىچىملىكنىڭ ئاغزىنى ئاچقاچ .

    نېمۇمۇ دېيەلەيتىم ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن كۇنلەرنىڭ ئىچىدە بارلىق چىقىم ئۇنىڭدىن ، تېخى دۇكىننى ئاچماي مەن بىلەن ئويناپ يۇرەتتى ، ئۇنىڭ دېيىشچە ئۇنىڭ تاپقان پۇلى خېلە جىق ئىكەن ، بەلكىم شۇنداقتۇر ، بەلكىم باشقا سەۋەپ باردۇر ، گەپ قىلىشنىڭ ئورنىغا ، ئۇنىڭ قولىدىكى ئۇ ئىچىپ قويغان ئىچىملىكنى ئېلىپلا بىر كۆتۇرۇپ ئىچىۋاتتىم ، ھەمدە ئۇنىڭغا قاراپ ،

    تورخانىغا بېرىپ كېلامدۇق خانقىز ، بەلكىم ئۇ يەر ساڭا يېقىپ قالار- دېدىم چىرايىمغا كۇلكە يۇگۇرۇتۇپ .

    بولىدۇ ،- دېدى ئۇمۇ بېشىن يەردىم كۆتەرمەي ،

    تورخانىغىمۇ كىردۇق ، لېكىن خانقىز يەنىلا جىمجىت ئولتۇراتتى ، ئۇنىڭغا ‹‹ئاشىق كۇيى 2›› قويۇپ بەردىم ، توۋا قىزلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداقمىدۇ ، كىنو بىر باشلىنىپ ئاخىرلاشقىچە ، يىغلاپ چىقتى ئۇ بايقۇش، تورخانىدا ئولتۇرۇپ ۋاقىت خېلە كەش بولۇپ قالغان ئىدى ، تورخانىدىن چىقىپ ئۇنىڭغا دېدىم ،

    خانقىز سېنى ئۆيۇڭگە ئاپىرىپ قوياي- بولامدۇ دېگەن نەزەردە ئۇنىڭغا قارىدىم ،

    بېشىنى لىككاڭشتىپ قويدى ئۇ ، يولدا كېتىپ بارىمىز ، ئاددى قاۋاقنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ،

    سەندىن بىر سۇئال سوراي ، چۇقۇم راس گەپ قىلغىن – دېدى ئۇ قەتتى تەلەپپۇزدا ،

    بولىدۇ – دېدىم مۇئەللىمگە بېشىنى ئەگكەن ئوقۇغۇچىدەك .

    سېنى ياخشى كۆرۇپ قالسام ، مەندىن يىراقلىشىپ كېتەمسەن – دېدى ئۇ ،

    راس گەپنى قىلسام ، ئەگەر ئۇ ئەيدىز بولمىغان بولسا ئۇنى ئېلىشنىمۇ ئويلاپ باققان ئىدىم،لېكىن بۇ ئىشلار مۇمكىن بولمايتى ، تەغدىر مۇشۇنداق بولسا كېرەك ، ئادىلە بىلەن بىللە بولسام قەتتى زېرىكىش ھېس قىلمايتىم..

    بەزىدە سۇئالغا جاۋاپ بەرگەندىن كۆرە ئەمىلى ئىش ئارقىلىپ ئىسپاتلىغان ئەۋزەل ئىكەن ، بىر قولۇمدا بېلىدىنلا ئالدىمدە لېۋىمنى خانقىزنىڭ لېۋىگە باستىم ، بەزى ئىشلار ئادەم ئويلىغاندەك بولمايدىكەن ، بېشىمغا تاراسلاپ تاياق تەككىلى تۇردى ،

    ۋۇ ساراڭ ، ساراڭ بوپسە ، سەن قورقمىغان بىلەن مەن قورققىمەن ،- دېدى خانقىز خوشمۇ دېمەن ئاغزىنى ئېتىپ قاۋاققا كىرىپ كەتتى ، كاللامدا ھەرخىل سۇئال ، مۇھەببەت ئادەمنى مۇشۇنداق جاندىنمۇ كەچكۇزۋېتەمۇ ، لېكىن مەن ئۇنى ياخشى كۆرمىسەم ، ياخشى كۆرگەن تەغدىردىمۇ ئۇ ئەيدىز ، ئۇنىڭ ئۇستىگە تېخى ئادىلەنىڭ پاكلىقى ……..

    كۆڭلۇم ئۆزىگە خىتاپ قىلاتتى ، ئىنسان مەڭگۇ تويمايدۇ ….

    خىيالىمدىن سىلكىنىپ چىقىپ ئەتراپقا قارىدىم مەھبۇسلارنى كارمىرغا ھەيدەۋاتاتتى ، مەنمۇ ئاستا شۇلارنىڭ قاتارىغا قوشۇلۇپ كامىر تەرەپكە قاراپ يۇرۇپ كەتتىم..

    5-قىسىم تۇگىدى     


    تۆھپىكارلار:


    بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

    x
    تور بىكىتىمىزدە قەلبىڭىز شاتلانغۇسى
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

    سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

    بىكەت باشلىقى

    QQ:3419250388

    نامى:شاتلان تورى

    QQ1群:812447719

    QQ2群:3419250388

    قىززىق لىنىيە كىيۇ كىيۇ

    3419250388

    (工作日:365天
    www.xatlan.cn
    3419250388@qq.com

    بۇ خەتنى چىكىپ ئۇلىنىش قۇشۇڭ-يانفون نۇسخا-قاماقخانا- شاتلان تورى  

    Powered by wzmiao! X3.2© 2001-2013 wzmiao Inc.