تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
يازما
ماتىرىيال تۈرى

    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹6-قىسىم››

    0
    ئىنكاس
    743
    كۆرۈش
    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    325

    بايلىق

    86

    يازما

    481

    جۇغلانما
     

    بېكەت مەسئۇلى

    3419250388

    ئەزا ئۇچۇرى 
    تىزىم نومۇرى: 1
     
    يازما سانى:
    86
     
    تىللا:
    325  
    تۆھپە:
    0
     
    جەۋھەر يازما:
    14
     
    توردا:
    112 سائەت
     
    ئاخىرقى:
    2019-5-20
     
     

    كېڭەيتىش ماھىرىتەشۋىقات ماھىرىتېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزاپىشقەدەم ئەزا

     

    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹6-قىسىم››



    كارمىدا بىكار قالساقلا نېمە سەۋەپتىن تۇرمىگە كىرگەنلىكىمىز توغۇرلۇق سۆزلىشىپ قويىمىز ….

    ئالىم ،دەپ باقا سەن نېمە سەۋەپتىن تۇرمىگە كىرگەن – دېدى تۇرمە نوچىللىردىن بىرى بولغان غەيرەت

    ھەي دەپ كەلسەم گەپ ئوشۇق ، موخوركاڭنى ئەكىلە ، ئىككىنى تارتاي ،- دېدى ئالىم .

    ئالىم موخوركىنى كۇچەپ ئىككىنى تارتىپ گەپ باشلىدى :

    مېنى ‹‹مەخسىدىگە يېتەلمىگەن باسقۇنچۇلۇق ›› دەپ شۇ ، – دېدى ئالىم ھېچ ئىش بولمىغاندەك ،

    ھەي قەلەندەر ، يانچۇقىڭدا 15 يۇئەن پۇلۇق يوقمىدى – شۇنداق دەپ گەپ قوشۇپ قويدۇم مەن ،

    ھەي بۇرادەرلەر ، ئىشنىڭ جەريانى ئەسلى مۇنداق ئىدى ، پۇل تاپماق تەسلىشىپ كېتىپ بارغان بۇ جەمىيەتتە باشقا ئىش قىلىش خوش ياقماي ، يانچۇقچىلىق قىلىپ باقاي دەپ ئويلىدىم، شۇنداق قىلىپ بىر كۇنى بازار ئارىلاپ بىر قىزنىڭ سومكىسىغا كۆز سالدىم ،ئۇ قىزنىڭ ئارقىغا چۇشتۇم ، ئاھ..خۇدا ، ئايال كىشى بازار ئايلانسا پۇتۇن بازاردىكى نەرسىلەرنى كۆرۇپ – تۇتۇپ چىقىدىكەن ، مەنمۇ شۇ قىززىقچىلىقتا كەينىدىن ئەگىشىۋەردىم ، ئۇقىز بىر ئۆينىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىچىگە كىرىپ كەتتى ، مەنمۇ ئەگىشىپلا كىردىم ، مېنىڭ ئىچىگە كىرىشىم ، ئۇ قىزنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۋات ۋاختىغا توغرا كېلىپ قاپتۇ ،شۇنداق قىلىپ ئۇ قىز ئاللا توۋا كۆتۇرۇپ مېنى باسقۇنچى قاتارىغا چىقىرۋەتتى ، ئەتراپتىكى كىشىلەر مېنى ئورىۋېلىشتى ، ساقچى كېلىپ مېنى ئېلىپ ماڭغاندا ‹‹ئۇكام ، بۇلاڭچىلىق بىلەن باسقۇنچىلىقتىن قايسىغا جازا ئېغىر ؟›› دېدىم ، ‹‹بۇلاڭچىلىققا 5 يىل ، مەخسىدىگە يېتەلمىگەن باسقۇنچىلىققا 3 يىل›› دېدى ساقچى ، سىلەر دەپ بېقىڭلار مېنىڭ تاللىغىنىم توغرا بوپتىمۇ خاتامۇ …!

    ئۇھۇي ، ئۇكاموي ، باسقۇنچىلىق قىلايدەپ قىزنىڭ ئۆيىگە كىرسەم ، قىز بەك سەت ئىكەن ، شۇڭا مەخسىدىمدىن ياندىم دېسەڭلا بولماسمىدى – دېدى ئوغۇرلۇق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىرسى ..

    توۋا تۇرمىدىكى كىشىلەرنىڭ كاللىسى ئادۇكاتلارنىڭكىدەك ئىشلەيدىكەن دېسە … ئۇلارنىڭ پارىڭىدىن ئايرىلىپ چىقىپ خىيال دۇنياسىغا غەرىق بولدۇم ..

    خانقىز ئاغزىنى ئېتىپ قاۋاققا كىرىپ كەتتى ، نېمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى بىلمىدىم ، ئۇنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلماسلىق ئۇچۇن سۆيۇپ قويدۇمغۇ شۇ …!

    كاللام قۇپ – قۇرۇپ ، ئۆز ئۆيۇمگە قايتتىم ،ئەتە ئەتىگىنى ئادىتىم بويىچە تورخانىغا قاراپ يۇرۇپ كەتتىم ، توۋا تور دۇنياسى ئاجايىپ جۇمۇ ، بىر كۇن قارىسا دوستانە ئۆتۇۋاتقان بېكەتلەر بىركۇنى بىر- بىرسى بىلەن يەڭ ئاستىدا ئۇرۇش قىلىپ كېتىپ بارغان ، نېمىش بوپتۇ دېمەيسىلەر جۇڭگۇ تور ساھەسدىكى ‹‹تور قاتتىق دېسكىسى›› ئىنقىلاپ ئېلىپ بېرىپتۇ ….تەپسىلاتىنى دېمىسەممۇ ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق ، ئەزەلدىن تور قاتتىق دېسكىسىنىڭ سىغىمى 10(gb) گىگابايىتتىن ئاشمىغان تور ساھەسىدە ، بەيدۇ تور دىسكىسى ئەزا تىزىملاتسا ھەم 1 يۇئەن ھەق تاپشۇرسا 100(gb) گىگبايىت سىغىمى چوڭلۇقتىكى بوشلۇق بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېلان چىقارغان ، ئارقىدىنلا 360 بەيدۇغا خىرىس قىلىپ پەقەت ئەزا تىزىملاتسا 360 گىگبايىت چوڭلۇقتىكى تور قاتتىق دېسكىسى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن ، ئارقىدىنلا تېڭشۇن شىركىتى پەقەت كىيۇ – كىيۇ ئىشلەتسىلا ئۆزىنىڭ 1000(gb) گىگبايىت بىلەن تەمىنلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ تور قاتتىق دېسكا ساھاسىگە كىرگەنلىكىنى بىلدۇرگەن ، يەنە قانداق بوپتۇ دېمەيسىلەر ، يەنە بىر تور قاتتىق دېسكىدى پەقەت ئەزا تىزىملاتسىلا چەكسىز بوشلۇق بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن ، ھەي ئىشقىپ مەنمۇ ھەيران قالدىم ، مۇشۇ ئىشلاردىن نېمىنى ھېس قىلدىڭلار دېمەيسىلەر ، دۆلىتىمنىڭ تور شىركەتلىرى بەك سېخىي جۇمۇ …

    بۇ قېتىم پۇل تاپقان ئۇسۇلۇم ھۇجۇم قىلىپ – ياكى بۇزۇپ ئەمەس ، بەلكى يۇقارقى توربەتلەرنىڭ ئېلانلىرنى تارقىتىش بولدى ، بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتا 2000يۇئەن دەك پۇل تېپىپتىمەن .

    ئويلاپ باقسام بەك چارچاپتىمەن ، بەلكىم نېمىشقا دېيىشىڭلام مۇمكىن ، تورخانىدىن قايتىپ كەچلىرى ئۇيقۇ ئالدىدىكى خىياللاردىن ھېچقانداق ئادەم مۇستەسنا ئەمەس ، مەنمۇ ، سىزمۇ ، ئۇمۇ ھەم شۇ ..!

    بۇ بىر ئاي ئىچىدە ، دەتمەنلەر ئارامگاھىنى خېلە جىق يوقلاپ باردىم ، لېكىن خانقىز بۇرۇنقىدەك ماڭا چىراي ئاچماس بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدىم ، ئۇنىڭ كۇلۇشلىرىمۇ ئۆزىنىڭ تەبىي كۇلىشى ئەمەس ئىدى …

    بۇگۇن ئەتىگەندىلا ئورنۇردىن تۇرۇپ خانقىزنىڭ قېشىغا بېرىپ كېلىشنى ئويلىدىم ، دەرتمەنلەر ئارامگاھىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تۇرۇپ قالدىم ، ساقچىلار بۇ يەرگە يېغىپ كەتكەن ئىدى ، ئۇزاق ئۆتمەي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يېتىپ كەلدى ، نېمىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالماي ، تۇرۇپ قالدىم ، قاۋاق ئىچىدىن بىر جەسەتنى ئېلىپ چىققان ئىدى ، كۆزۇم قاراڭغۇلىشىپ ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن ، كۆزۇمنى ئاچسام دوختۇرخانىنڭ بىمارلار كارۋىتىدا يېتىپتىمەن ، مىڭ تەستە سۇرۇشتۇرۇپ خانقىز توغۇرلىق خەۋەر ئالدىم ، ھەم قالدى ئىشلارنى بىلمەكچى بولسام سايباغ ساقچىخانىسىغا بېرىشىمنى ئېيتتى ..

    دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۇدۇل سايباغ تەرەپكە قاراپ يۇرۇپ كەتتىم ،ساقچىلارنىڭ دېيىشىچە جەسەت يېنىدىن بىر قۇتا چاشقا دورىسى ، ھەم بىر پارچە خەت بولۇپ ، خەتنىڭ سىرتىغا ئەرافاتقا تەگسۇن دەپ يېزىلغان ئىكەن ، ..خەتنى ئېلىپ خەلىق مەيدانى تەرەپكە قاراپ يۇرۇپ كەتتىم ، يولدا كېتىپ بارىمەن ، كاللام قۇپ – قۇرۇق ، بولغان ئىشلارنى ھېچ ئاڭقىرالمىدىم ، دادام- ئاپامنىڭ تۇگەپ كېتىشى ، ئادىلەنىڭمۇ كېتىشى ، ئەمدى بولغاندا خانقىزنىڭ ئۆلىمى …

    خەتنى ئېچىپ ئوقۇشقا باشلىدىم ،:

    خەت

    تىشلىقمۇ جېنىمدىن ئەزىز ئەرافات ، بەلكىم بۇ خەتنى كۆرگىنىڭدە مەن بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان بولىمەن ، بەكىم ئىشىنەمسەن سېنى ياخشى كۆرەتتىم ، ئەگەر تەغدىر رەھىمسىزلىك قىلماي ، مەن ئەيدىز بولمىغان بولسام كېيىن چوقۇم بەخىتلىك بولۇشقا كۆزۇم يېتەتتى ، خەتنى قىسقا يازاي ، بەلكىم مۇھاببەت ئادەمنى مۇشۇنداق كۆزى كور قىلىپ قويىدىغاندۇ ، مېنىڭ ئۆلۇمىمنى ھەرگىز ئۆزۇڭدىن كۆرمە ، ئادەمگە ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەمى بىلەن بىللە بولالماسلىق، يېنىدا تۇرۇپ سۆيەلمەسلىكتىن ئېغىر ئىش يوق بولسا كېرەك ، بىر ئاي ئىلگىرى دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۇرتكەن ئىدىم ، دوختۇر ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئىككى ئاي ئۆمۇر كۆرەلەيدىغانلىقىمنى ئېيتتى ، بۇگۇن دەل بىر ئاي توشقان كۇنى ، ناھايىتى ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق مۇشۇ ئۇشۇلنى تاللىدىم ،خەتنىڭ ئىچىدە ، بانكا كارتىسى بىلەن مېنىڭ بىر پارچە سۆرىتىم بار، قاۋاقخانىنى سېتىۋەتتىم ،…

    سېنى سۆيۇپ: خانقىزدىن .



    نېمىش قىلىشىم كېرەكلىكىنى بىلمىدىم ، يولدا كېتىپ باراتتىم ، قاياقتىندۇر بىررى ئىسمىمنى توۋلىغاندەك قىلدى، قاراپ شۇنداق سۆيۇنۇپ كەتتىم ، بۇ دەل مېنىڭ پارتادىشىم ، ھېلىقى كىتاپ خالتىسى ئېليار ئىدى،

    بىر- بىرىمىز بىلەن ئەھۋال سورىشىپ بولۇپ ، پاراڭلىشىش ئۇچۇن بىر يەرگە بارماقچى بولدۇق ، بارىدىغان يەرنى ئېليار تاللايدىغان بولدى ، شۇنداققىلىپ  جەنۇبى بىرىنجى ماي يۇلى تەرەپتىكى ‹‹كورىيە كاۋاپلىرى›› دېگەن قاۋاققا كىرىپ كەتتۇق ..

    ئېليارمۇ خېلە ئوبدان ھاراق ئىچىشنى ئۆگۇنىۋالغان ئىدى ، بىز  ئايرىم خانىغا ئورۇنلىشىپ 8~10 زىخ كاۋاپ ، ئىككى بوتولكا سوغۇق ئىچىملىك ، ھەم ‹‹قەدىمى شەھەر›› ھارىقىتىن بىرنى بۇيرۇتتۇق ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ نەرسىلەرمۇ چىقىشقا باشلىدى ..

    بىرىنجى رومكا ھاراقنى ئېليار ئۆز ئالدىغا قويۇپ گەپ باشلىدى …

    شۇنداق قىلىپ ، مەكتەپتىن خوشمۇ دېمەي كېتىۋالدىڭ ، تېخى سېنى ئۆلگەنمىكى دەپتىمەن – دېدى ئېليار ، ئالدىدىكى بېلىق كۆزى قۇيۇلغان ھاراقنى گۇپپىدە ئىچىۋېتىپ ،….

    ئۇنىڭڭغا ئادىلە ھەم خانقىز بىلەن بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم ، ھەم ‹‹سەنچۇ بويتاق ئەمەسسەن ؟›› دەپ قوشۇپ قويدۇم ..

    دېسەم گەپ جىق ئاداش ، بىزنىڭ سىنىپتا نازىلە دەپ بىرسى بولىدىغان ،ئېسىڭدە بارمۇ – دېدى ئېليار، قىز دوستۇم شۇ دېگەندەك ماڭا قاراپ قويۇپ …

    ھە ھە ، ھېلىقى بىزنىڭ ئارقىمىزدا ئولتۇردىغان ، سېنىڭ دۇمبەڭگە توختىماي ھېلىقى ئۇچلۇق قەلەمنى تىقىدىغان قىزبالىنى دەمسە ..-دېدىم مەن،

    دېمىسىمۇ ئېليار بىلەن يېڭى تۇنۇشقان ۋاقىتلارنى مەندىن ئۆتە ئۇيۇن قېپى ، دەرىس ئۆگەنمەيدىغان سىنىپ لۇكچەكلىردىن بىرى ئىدى ، كېيىن نېمە سەۋەپ بولدىكىن ، تۇرۇپلا تىرىشىپ ئۆگۇنۇپ ماڭىمۇ نەسىھەت قىلىدىغان بولدى ،

    ھەئە ئاداش ، ساڭا دېسەم ، تۇلۇقسىز پۇتكەندىن كېيىن ، ئۇنىمۇ ئۆيدىكىللىرى ئوقۇتمىدى ، مەنمۇ ئوقۇمۇدۇم ، شۇنداق يۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن تېپىشىۋالدىم ، سەنمۇ بىلىسەن ، نازىلە نىڭ داداسى يوق بولغاچقا ، ئوتۇن يېرىش دېگەندەك ئېغىر قاتتىق ئىشلارنىڭ ھەممىنى مەن قىلىشىپ بېرەتتىم  ، ئاپىسىمۇ ماڭا خېلە ئامراق ئىدى ، شۇ كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە ئەلچى كىرىپتۇ ، – دېدى ئېليار ، ئالدىغا قويۇلغان ھاراقنى گۇپپىدە ئىچىۋېتىپ …

    ھە ئاخىرىچۇ – دېدىم مەن ، بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىقىپ .
    ئەلچىلىككە كىرگەن كىمنىڭ ئۆيىدىكىللىرىكەن دېمەيسە ، بىزنىڭ سىنىپتا دائىم بۇرنىنى كوچىلاپلا ئولتۇردىغان بىر بالا بولىدىغان ، ئىسمى نىيازمۇ ، نىجاتمۇ ،ئىشقىلىپ شۇ ،شۇنداق قىلىپ نازىلەنىڭ ئاپىسى ئۇلارنى باي دەپ ، قىزىنىڭ ئۇنمىغىنىغا قويماي شۇ ماڭقىغا بېرىۋەتتى ، كىم بىلسۇن تەغدىر شۇنداقمۇ ، ئۇ ماڭقىنىڭ داداسى ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ پارا يېگەن دەپ تۇرمىگە كىرىپ كەتتى ، ئۇ ماڭقىمۇ ئاق چېكىشنى ئۆگۇنىۋاپتۇ ، ھازىر ئۆيدىكى پۇتۇن مال – مۇلىكىنى تۇتۇنگە تىگىشىپ بولدى ، نازىلەنىڭ ئاپىسى ، قىزىنى ئاجىرتىپ ئۆز ئۆيىگە ئەكىلىۋالدى- دېدى ئېليار ئېغىر ئۇھ سىنىپ ، ئالدىدىكى قۇيۇلغان رومكىنى ئىچىۋېتىپ ، يەنە گەپ باشلىدى :

    تۇنۇگۇن نازىلەنىڭ ئاپىسى ئىزدەپ كەپتۇ ، نېمە دەيدۇ دېمەيسە ، قىزىمنى ئەمدى بەرسەم دەيدۇ ، – دېدى ئېليار جىرتتىدە يەرگە تۇكۇرۇپ

    ھە نېمە دېدىڭ – دېدىم مەنمۇ ئېليارنىڭ نېمە دېگەنىكىنى بىلىش ئۇچۇن  .

    مەن باشقىلار كولاپ قويغان قۇدۇقتىن سۇ ئىچمەيمەن ، ئىچىشكە توغرا كەلسە ئۆزۇم كولاپ ئىچىمەن دېدىم – دېدى ئېليار …

    ئىشقىلىپ ئېليار بىلەن ناھايىتى ئازادە پاراڭلىشىپ خوشلاشتۇق ، ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەن كۇنلەرمۇ ئاز ئەمەس ئىدى ، دېمەك ئادەمنىڭ ھاياتى نۇرغۇنلىغا ئەگرى توقايلىققا تولغان  ، نام ئابروي قوغلۇشۇپ ، پەرزەنلىرىنىڭ بەختىنى نابۇت قىلغان ئاتا- ئانىلارغا شۇنداق دېگۇم كەلدى ، ‹‹ئەجىبا سىلەرنىڭ ياشلىق دەۋىرىڭلار ئۆتمىگەنما ››

    ئېليار بىلەن خوشلىشىپ، يولدا كېتىپ باراتتىم ، ئېليارنىڭ ‹‹باشقىلار كولاپ قويغان قۇدۇقتىن سۇ ئىچمەيمەن ، ئىچىشكە توغرا كەلسە ئۆزۇم كولاپ ئىچىمەن›› دېگىنى نېمە دېگىنىكىن تاڭ .. .. خىيالىمدىن سىلكىنىپ چىقىپ كامىردىكى باشلارنىڭ ئاللىبۇرۇن ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆردۇم ھەم مەنمۇ ئاستا ئۇخلاشقا تەييارلىق قىلدىم ، چۇش كۆرۇپتىمەن ، شۇنداق قورقۇنۇشلۇق…. چۇشۇمدە خانقىز ، ئادىلەنى كۆرۇپتىمەن ،…..بىرىنىڭ قولىدا پىچاق ، بىرىنىڭ قولىدا پالتا ،

    6-قىسىم تۇگىدى
    ______________________________________________
    ھىكايىنىڭ  داۋامى  بۇ سالۇندا



    تۆھپىكارلار:


    بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

    x
    تور بىكىتىمىزدە قەلبىڭىز شاتلانغۇسى
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

    سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

    بىكەت باشلىقى

    QQ:3419250388

    نامى:شاتلان تورى

    QQ1群:812447719

    QQ2群:3419250388

    قىززىق لىنىيە كىيۇ كىيۇ

    3419250388

    (工作日:365天
    www.xatlan.cn
    3419250388@qq.com

    بۇ خەتنى چىكىپ ئۇلىنىش قۇشۇڭ-يانفون نۇسخا-قاماقخانا- شاتلان تورى  

    Powered by wzmiao! X3.2© 2001-2013 wzmiao Inc.