تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
يازما
ماتىرىيال تۈرى

    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹7-قىسىم››

    0
    ئىنكاس
    1306
    كۆرۈش
    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    325

    بايلىق

    86

    يازما

    481

    جۇغلانما
     

    بېكەت مەسئۇلى

    3419250388

    ئەزا ئۇچۇرى 
    تىزىم نومۇرى: 1
     
    يازما سانى:
    86
     
    تىللا:
    325  
    تۆھپە:
    0
     
    جەۋھەر يازما:
    14
     
    توردا:
    112 سائەت
     
    ئاخىرقى:
    2019-5-20
     
     

    كېڭەيتىش ماھىرىتەشۋىقات ماھىرىتېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزاپىشقەدەم ئەزا

     


    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹7-قىسىم››



    كامىردىكى باشقا كىشىلەر ئۇخلاپ بولغان ئىدى ئاستا مەنمۇ ئۇخلاش ئۇچۇن كۆزۇمنى يۇمدۇم ….
    چۇش كورۇپتىمەن ، شۇنچىلىق قورقۇنۇشلۇق ، چۇشۇمدا بىر گۇللۇكتە خانقىز بىلەن كېتىپ باراتتىم ، تۇيۇقسىز ئادىلە ئالدىمغا چىقىپ ئىپپىتىمنى قايتۇرۇپ بەر دەپ مېنى قوغلاۋاتاتتى ، قاچاتتىم .. قاياقتىندۇر خانقىز چىقىپ مېنىڭ ئۆلۇمىمگە سەن سەۋەپچى دەپ ئۇمۇ يۇزلىرىمنى تاتىلاۋاتاتتى ، چۇچۇپ ئويغۇنۇپ كەتتىم ، قارىسام يۇزۇمنى تاتلىغىنى ئادىلە بىلەن خانقىز بولماستىن ، بىر چاشقان ئىدى ، كۆزۇمنى يۇمۇپ يەنە خىيالغا چۆكتۇم …

    ئەتىسى ئەتىگەن ئويغۇنۇپ خانقىز ئۆلۇپ كېتىشنىڭ ئالدىدا بەرگەن خەتتىكى ھېلىقى بانكا كارتىسى ئېسىمگە كەلدى ، پۇل ئادەمنى شۇنداق تېتىكلەشتۇر ۋېتىدىكەن ، كارتىنى كۆتۇرۇپ بانكا تەرەپكە قاراپ يۇرۇپ كەتتىم ، بانكىنىڭ ئالدىغا كەلدىميۇ لېكىن خانقىز بەرگەن بانكا كارتىسىنىڭ مەخپى نۇمۇرنى مەن بىلمىسەم ، تۇيۇقسىز كاللامغا مۇنداق بىر ئىش كەلدى ، ھېلىقى كۇنى ئىككىمىز تورخانىغا بارغان ئىدۇق ، مەن خانقىزغا كىيۇ-كىيۇ ئېلىپ بەرمەكچى بولدۇم ، مەخپى نۇمۇرنى خانقىزنىڭ تەلىۋې بويىنچە تۇغۇلغا كۇنىگە سېلىپ قويغان ، كاللامدىن شۇ ئىشلار ئەگىپ ئۆتۇپ ئاپتۇماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنىڭ ئالدىغا كەلدىم ، كارتىنى كىرگۇزۇپ ، مەخپى نۇمۇرنى باستىم ‹‹199628›› ، بىر ئۇچۇر كۆزنىكى چىققان ئىدى . ‹‹كەچۇرۇڭ ، مەخپى نۇمۇرىڭىز خاتا بولۇپ قالدى، يەنە ئىككى قېتىم پۇرسىتىڭىز بار›› ، كارتىنى سۇغۇرۋېلىپ تورخانا تەرەپكە يۇرۇپ كەتتىم ، بۇگۇنمۇ تورخانىدۇ ‹‹قەھرىمانلار ئىتپاقى ‹英雄联盟›(بۇ ئۇيۇننىڭ ئۇيغۇرچە ھېكايىسىنى مەشۇقۇم توربەت يازغۇچىسى ئەڭ تىز سۇرەتتە تەرجىمە قىلۋاتىدۇ ، ئۇيۇنغا قىزىقسىڭىز مەشۇقۇم تورىغا دېققەت قىلىڭ )›› ئويۇننى ئويناش قىززىپ كەتكەن ئىدى، ئاستا توردىن cdky ئاپتۇماتلىك ھاسىل قىلىش دېتالىنى چۇشەردىم ، ھەمدە تۇنۇش ئىككى بالىغا .8~10 تال قەھرىمان ‹英雄› ، يەنە بىرەر تالدىن چاپان ‹皮肤›ھەقسىز ئېلىپ بەردىم ، بىردەمدە تورخانا قىززىپ كەتتى ، تورخانىدا مۇشۇ ئويۇنغا قىزىقىدىغانلار مېنى ئىزدەپ كېلىپ ئۆزىنىڭمۇ قەھىرمان ئالماقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ، ئادەتتى .ئۇلانى ئويۇن ئىچىدىن پۇل تۆلەپ ئالسا بىر قەدەر قىممەت ئىدى ، بىردەمدە ، 500 يۇئەندىن ئارتۇق پۇل تاپتىم ، بۇگۇنكى تاپاۋىتىمدىن رازى بولۇپ تورخانىدىن چىقىپ كەتتىم ، بازار ئايلانغاچ كىنوخانىنىڭ ئالدىدىن ساراڭ دوغاپ ئىچىشنى نىيەت قىلىپ كېتىپ باراتتىم ، دوغاپ ئىچىپ باشقىلارنىڭ دېگەن گېپىگە دېققەت ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىنچە ئەتە قۇربان ھېيت كېلىپ قالغان ئىدى ، توۋا ئادەمنىڭ ئۆيدىكىللىرى بولمىسا ھېيت بايراملارنىمۇ ئۇنتۇپ قالدىكەن ، ئاتا- ئانامنىڭ تۇپراق بېشىنى يوقلاپ كېلىش ئۇچۇن سايباغ تەرەپتىكى قاراساقال ئاتام مازىرىغا قاراپ يۇرۇپ كەتتىم ،بىر كېچە ئۇيقىدىن بىدار ئۆتتۇم ، ئەتە ئەتىگەن بېشىمغا بازاردىن دوپپا ئېلىپ بۇگۇن بازار ئايلىنىشنى نىيەت قىلىپ كېتىپ باراتتىم ، توۋا بۇگۇن پۇتۇن شەھەردە بىر تۇرلۇك ئادەمدىن باشقا ئادەم يوق ئىدى ، ئەلۋەتتە مەنمۇ مۇشۇ ئادەملەرنىڭ قوشۇنىغا قوشۇلۇشنى ئويلاپ كېتىپ باراتتىم ، بۇلار كىملەردەمسىز ، بۇلار شىر يۇرەك ئەزىمەتلار ، ھەقىقىي زابويلار ، ۋۇسۇڭنىڭ شاگىتلىرى ، زامانىمىزنىڭ ھاراقكەشلىرى ، ئەلۋەتتە مەنمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ، يولدا كېتىپ باراتتىم ، تۇيۇقسىز ئەزەلدىن كۆرۇپ باقمىغان ئىشلارنى كۆرەتتىم ، بۇلار بەلكىم چۇشۇمدۇ ، ياكى ئوڭۇم … قاراشتىن ئاشىق-مەشۇقتەك كۆرۇندىغان بىر قىز بىلەن يىگىتكە كۆزۇم چۇشتى ، قىز يىگىتنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۇرۇپ قويغاندەك قىلاتتى ، يىگىت قولىنى كۆتۇرۇپ قىزنىڭ ئوڭ يۇزىگە بىر تەستەك سالدى ، قىز بولسا ھېچ ئىچ بولمىغاندەك، يەنە يىگىتنىڭ قولىغا ئېسىلىپ تۇراتتى ، ئىچىمدە قىز يىگىتنى ياخشى كۆرسە كېرەك دەپ ئويلۇدۇم ، يىگىت بولسا قىزنى يەنە سىلكىشلەشكە باشلىدى ، يىگىتنىڭ يېنىدا ، 3~4 ئوغۇل بالا تۇراتتى ، قاراشتىن يىگىتنىڭ دوسلىرىدەك قىلاتتى ، شۇندىلا يىگىتنىڭ ھاراق ئىچىۋالغانلىقىنى جەزىملەشتۇردۇم ، مېڭىۋاتىمەن ، كەش كىرىپ قالغان ئىدى ، تۇيۇقسىز بىر كوچىغا كۆزۇم چۇشتى، توۋا مۇشۇ يۇرتلۇق تۇرۇپ ئەزەلدىن مۇنداق بىر كوچىنى كۆرۇپ باقمىغان ئىدىم ، كۆچىنىڭ ئىككى تەرىپى زابويلار بىلەن تولغان ، ئاپتۇبۇس بېكىتى ، ئاپتۇماتلىك پۇل ئېلىش ماشىنىسىنىڭ ئىچىدىن تارتىپ ھاراقكەشلەر ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىۋاتقان ئىدى ، كوچىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى مەس بىر – بىرسىنى يۆلەپ ‹‹قىرلىق ئىستاكان›› نىڭ ناخشىسىنى بۇزۇپ توۋلاپ كېتىپ باراتتى ، ……..‹‹كەپ تۇرۇڭ خېنىم ، ئوي ، كېپ تۇرۇق خېنىم ، ئىچەيلى ھاراقنى راسا توشقىچە…..›› ..

    خىيالىمدىن سىلكىنىپ چىقىپ كامىرغا كۆز يۇگۇرتتۇم ، خۇداغا شۇكرى بۇ يەردە ھاراقكەشلەر يوق ئىدى ، تۇنۇگۇن كۆرگەن چۇشۇم يادىمغا كەلدى ..

    چۇشۇمدا خانقىزنى كۆرگەن ئىدىم بۇرنقىدىن چىرايلىق بوپ كەتكەن ئىدى ، خانقىزنىڭ يېنىدا ئادىلە تۇراتتى ، ئادىلەنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمىدىم ، بەلكىم ئۇنىڭ چىرايى ئېسىمدە قالمىغاندۇ ، …..كامىردىكى باشقىلارنىڭ پارىڭىغا دېققەت قىلدىم ،

    ھوي ئاۋۇ بۇرۇتلىق ئاداش ، سەن نېمە بۇلۇپ تۇرمىگە كىرگەن – دېدى بىرسى .

    باشقىلارنىڭ خوتۇنىنى ئېلىپ قېچىپ – دېدى ئۇ

    ئىچىمدە توۋا دېدىم ، بۇ گەپنىڭ ئاخىرىغا قىزىقىپ ئۇلارغا دېققەت قىلدىم ،

    كېمنىڭ خوتۇننى ئېلىپ قاچتىڭ – دېدى يەن

    نەۋرە ئاكامنىڭ – دېدى ئۇ ،

    ئورنۇمدىن تۇردۇمدە ، ھېلىقى خوتۇن ئېلىپ قاچقان نوچىنىڭ يېنىغا باردىم ، ئۇ خىيالىدا يوق ئولتۇرۇپ تۇرغان ئىدى ، پۇتۇن كۇچۇمنى يىغىپ كاللىسىغا تەپتىم ، كىم بىلسۇن بۇ كارمىدا ئۇنىڭ قول چوماقچىللىرى خېلە كۆپ ئىكەن ، تاياق دېگەننى بىكارغا بەرگەندەك يېدىم ،يەنە تېخى ئۇلار ئاكتىپلىق بىلەن تۇرمە ساقچىللىرىغا مېنى تۇتۇپ بەردى ، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ، مەن قەستەن جېدەل چىقىرىپتىمەن ، شۇنداق قىلىپ يەنە سۇ كامىرغا يۆتكەلدىم ،يەنە خىيال دۇنياسىغا كىرىپ كەتتىم ،

    بۇگۇن تورخانىدا ئولتۇرۇپ كۇندىلىك سودامنى قىلىپ بولۇپ كىنو كۇرۇ پ ئولتۇرغان ئىدىم ، كىيۇ-كىيۇغا بىر قىز قاچىلغان ئىدى ، ئىكىلەنگەن ھالدا قاچىلەپ قويدۇم .. ئۇ قىزىن خەت كەلدى ..

    قىز : ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، تىشلىقمۇ ،ۋاقتىڭىز بولسا بىردەم پاراڭلىشايلى ،

    ئىچىمدە كۇلدۇم، نېمانچە ياسالمە گەپ قىلىدىغاندۇ ، بۇ قىز…

    مەن: ۋالايكۇم ئەسسالام ، بولىدۇ ،

    قىز : ئىسمىڭىز نېمە ؟

    مەن : ئېليار

    قىز :ھەئە.. سىزنى نېمە ئۇچۇن قوشقانلىقىمنى ، مېنىڭ كىملىكىمنى بىلىشكە قىزىقمامسىز ؟

    مەن : كەچرۇڭ ، مېنىڭ ھۆل خىشقا دەسسىگۇم يوق ،

    قىز : ئېليار سېنىڭ مۇشۇ مىجەزىڭنى دېمىسەم …..

    مەن : … كەچرۇڭ گېپىڭىنى چۇشەنمىدىم .

    قىز : مەن ئادىلە سېنى مەكتەپتە بىللە ئوقۇغان باللاردىن تەستە تېپىپ قاچىلىدىم ، بىر ئايدىن ياقى سېنى نۇرغۇن قېتىم قاچىلدىم ، تەلىيىمگە بۇگۇن قاچىلاپسەن ، مەن كۇچاغا كەلگىلى بىر ئايدىن ئاشتى ، سەن نەدە ..

    راس گەپ قىلسام ئۇنى شۇنداق كۆرگۇم بار ، ..لېكىن ھازىر ….ئوخشىمايتى ، ئەگەر ئۇ كەتمىگەن بولسا ، ھاراق ئىچىشنى ئۆگەنمىگەن ، خانقىز بىلەن تۇنۇشمىغان ، ئۇنىڭ ئۆلىمىگە سەۋەپچى بولمىغان بولاتتىم،ئادىلەگە جاۋاپ قايتۇرماي تورخانىدىن چىقىپ قاۋاقخانىغا قاراپ يۇرۇپ كەتتىم 。。。

    ھەي توۋا بۇرۇنقىلانىڭ دېگەن ‹‹قاچقانغا قوغلاش ، قوغلاشقانغا قاچ›› … ئەتىسى بېشىم ئاغرىپلا قوپۇپتىمەن ، تورخانىغا بېرىشنى نىيەت قىلىپ كېتىپ باراتتىم ، تورخانىغا كىرىپ ئادەتتە مەن ئولتۇردىغان ئورۇنغا قاراپ كېتىپ باراتتىم ، يىراقتىن قاراپ ئادەم بارلىقىنى كۆرۇپ تورخانا خوجايىنىغا ئاچچىقلاپ كەتتىم ، ئادەتتە بۇ ئۇرۇننى ماڭا ئېلىپ قوياتتى ، ھېيت – بايرام كۇنلىرىمۇ خاتىرجەم كىرى ۋېتەتتىم ئەمەسمۇ ، ھەي …. يېقىن بېرىپ قاراسام بىر قىز ئىدى ، بېشىدىكى شەپكىسى چىرايىنى توسىۋالغاچقا يېقىن بېرىپ قاراچقا مەجبۇر بولدۇم ،

    ھەيران قالغان ئىدى بۇ دەل ھېلىقى قاچقۇن ئاشىقىم ئادىلە ئىدى ….

    7-قىسىم تۈگىدى .
    ______________________________________


    تۆھپىكارلار:


    بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

    x
    تور بىكىتىمىزدە قەلبىڭىز شاتلانغۇسى
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

    سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

    بىكەت باشلىقى

    QQ:3419250388

    نامى:شاتلان تورى

    QQ1群:812447719

    QQ2群:3419250388

    قىززىق لىنىيە كىيۇ كىيۇ

    3419250388

    (工作日:365天
    www.xatlan.cn
    3419250388@qq.com

    بۇ خەتنى چىكىپ ئۇلىنىش قۇشۇڭ-يانفون نۇسخا-قاماقخانا- شاتلان تورى  

    Powered by wzmiao! X3.2© 2001-2013 wzmiao Inc.