تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
يازما
ماتىرىيال تۈرى

    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹8-قىسىم››

    0
    ئىنكاس
    705
    كۆرۈش
    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    325

    بايلىق

    86

    يازما

    481

    جۇغلانما
     

    بېكەت مەسئۇلى

    3419250388

    ئەزا ئۇچۇرى 
    تىزىم نومۇرى: 1
     
    يازما سانى:
    86
     
    تىللا:
    325  
    تۆھپە:
    0
     
    جەۋھەر يازما:
    14
     
    توردا:
    112 سائەت
     
    ئاخىرقى:
    2019-5-20
     
     

    كېڭەيتىش ماھىرىتەشۋىقات ماھىرىتېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزاپىشقەدەم ئەزا

     



    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹8-قىسىم››





    مەن ئولتۇردىغان ئۇرۇندا ئولتۇرغان قىز دەل ئادىلە ئىدى…يېقىن بېرىپ نېمە دېيىشىمنى بىلمەي قاراپ تۇراتتىم ، ئۇمۇ مېنى كۆرۇپ ئورنىدىن تۇردى ، سۇكۇتتە تۇرماقتىمىز ، ئاجىرى ئۇ ئېغىز ئاچتى :
    -تىشلىق تۇردىڭمۇ ؟
    -تىشلىق ئۆزەڭ چۇ ؟
    – مەنمۇ تىشلىق ، ساڭا چىدىماي يېنىپ كەلدىم ، بوپتىمۇ يا .؟
    -بوپتۇ
    توۋا قىز بالا يالغان سۆزلەشكە ئۇستىمۇ ياكى راس سۆزى ماڭا يالغاندەك تۇيۇلۋاتامدۇ ، تۇنۇگۇن ئىچكەن ھاراقنىڭ تەسىرىمىكىن بېشىم ئاغرىپلا تۇراتتى ،
    ئادىلەگە قاراپ :
    قورسۇقۇڭ ئاچمۇ ،تاماق يەپ كېلەمدۇق ،- دېدىم كۆزۇمنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ قېچىپ .
    شۇنداق قىلىپ تاماق يېيىش ئۇچۇن كونا شەھەر يېمەك ئىچمەك بازىسى يەنى كىنوخانىنىڭ ئالدىغا قاراپ يۇرۇپ كەتتۇق ، يولدا كېتىپ بارىمىز ، شۇنداق گەپ قىلغۇم بار ، لېكىن نېمىمۇ دېيەلەيمەن ، بەلكىم ھازىر ئۇنى ياخشى كۆرمەسلىكىم مۇمكىن ، ھەي بولدىلا ، كېيىن بىر گەپ بولمامدۇ ،ئۇنىڭ ھېكايىسىگە قىزىقىۋاتاتتىم ، بېشىدىن نېمىشلار ئوتتى ، نېمىشقا قايتىپ كەلدى ، يەنە كېلىپ بۇ قېتىم ئادىلە بۇرۇنقى مەكتەپتىكى كۇندە مەكتەپ فورمىسى كىيىپ يۇرۇدىغان قىزدىن ، ھازىرقى پادىچى ئىشتان ، چاپان ، يەنە شەپكىسىمۇ پادىچىلارنىڭ ئىدى ، بەلكىم چوڭ شەھەر ئادەمنى مۇشۇنداق قىلىۋاتىدىغاندۇ ، …
    بازاردىن ، راڭپىزا ، دوغاپ ، زىقى بىر يۇئەنلىك كاۋاپدىن باشلاپ يېيىشكە باشلىدۇق ، بۇلار ئادىلەنىڭ دېگىنى بويىنچە بولغان ئىدى ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئانا يۇرتنىڭ بۇنداق يېمەكلىكىنى باشقا ھەرقانداق يەردە تاپقىلى بولمايدىكەن ، بەلكىم شۇنداقتۇر. قورساقمۇ تويدى يەنە ئادىلەنىڭ دېگىنى بويىچە خەلىق مەيدانىغا قاراپ كېتىپ باراتتۇق ،
    بىر ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇرۇپ ، قانداق ھېكايەڭنى باشلامسەن دېگەندەك ، ئۇنىڭغا قاراپ قويدۇم …
    ئادىلە ماڭا بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ گېپىنى باشلىدى :
    ئەرافات ، ھېلىقى مەن كېتىشتىن بىر كۇنكى ئىشتىن پۇشايمەن قىلامسەن ، ئەگەر پۇشايمان قىلساڭ مەن ھازىرلا بۇ شەھەردىن ئايرىلىپ باشقا يۇرتقا كېتىمەن .- دېدى ئادىلە ،قاراشتىن بۇگېپى يالغاندەك تۇرمايتى …
    تاماكىدىن بىرتال تۇتاشتۇرۇشنى نىيەت قىلىپ قولۇمنى يانچۇقۇمغا سالدىم ، لېكىن قانداقتۇر بىر كۇچ بۇ تاماكىنى چېكىشكە يول قويمايۋاتاتتى ..
    ياق – دېدىم خېلە ۋاقىتتىن كېيىن ،
    نېمىمۇ دېيەلەيتىم ، قىلغان ئىشنى قىلىپ بولۇپ ئىگە بولمىغاننى نېمە دەيمىز ئەمدى ..
    ئادىلە گېپىمنى ئاڭلاپ گەپ باشلىدى :
    بۇ يەردىن كەتكەندىن كېيىن دادام ئۇنمىغىنىمغا قويماي بىر كومپىيوتۇر مەكتىۋىگە دېتال لاھىلەشنى ئۆگەن دەپ كىردۇرۇپ قويدى ئۇنىڭ دېيىشچە بۇ كەسىپنىڭ ئاخىرى بارمىش ، لېكىن ئۆزۇم يالغۇز ئۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇم كەلمىدى ، شۇنداق قىلىپ دادام بەرگەن پۇللارنى ئويناپ تۇگەتتىم ، بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقان دادام مەكتەپتىن چېكىندۇرۇپ ئويگە بەنىت قىلىۋەتتى ، بىر كۇنى ئويدا ئالاھىدە ئادەم جېقىيىپ كەتتى ، كېيىن بىلسەم مېنى بىر يېقىن ئاغىنىسىنىڭ ئوغلىغا بەرمەكچى بوپتۇ ، شۇنداق قىلىپ بىركۇنى كەشتە ئۆيدىن ئاستا قاچتىم ، شۇ قاچقانچە ئۇدۇل سەن بار يەرگە كەلدىم ، لېكىن سېنى تاپالمىدىم ، سېنى تورخانىغا كىرىپ ئىزدەش كېيىن ئېسىمگە كەلدى ، ئەرفات تۇشۇك مۇنچاقنى كىم ئالىدۇ دەيسەن ، كارتامدىكى پۇل بىر ھەپتىلىككە ئاران يېتەتتى ، ئەگەر سېنى تاپالمىغان بولسام قانداق قىلاتتىم ، بەلكىم گېپىمگە ئىشەنمەيدىغان سەن
    ئادىلە .ئەمدى گېپى تۇگىدى سەن گەپ قىلغىن دېگەندەك ماڭا قاراپ قويدى ، ..
    -ھەئە،،، ھازىر نەدە تۇرۇۋاتىسەن ؟
    – بىر ئايلىق ياتاق ئېلىپ قويغان ، بۇگۇن ۋاقتى تۇشارمىكى ،
    – ھە ، ئەمدى نېمىش قىلىشنى ئويلىشىۋاتسەن ،
    ئادىلەنىڭ چىرايى بىردىنلا ئوزگىرىپ كەتتى ..
    – ئېليار مېنى ئۆلسۇن دەمسەن ، يەنە نېمىش قىلسام بولاتتى ،
    – ياق، ياق ، خاتا سۆزلاپ قويۇپتىمەن
    خاتا دېگەن بۇ گېپىم ئۇچۇن شۇنچىلىك خىجىل بولدۇم ، دېمىسىمۇ شۇنچە يىراقدىن مېنى دەپ كەلسە ، بۇنداق دېگىنىم ‹‹سەن نەدىن كەلگەن بولساڭ شۇيەرگە كەت›› دېگەندىن نېمە پەرىقى قالسۇن ،
    ئادىلە ، ئەگەر مېنى تاپالماي ، ياكى مەن سېنى تۇنىماس بولۋالسام قاندق قىلاتتىڭ ، – دېدىم سۇئال نەزىرىدە ئۇنىڭغا قاراپ ،
    ئادىلە بىر ئېغىز گەپ قىلماي يىغلاشقا باشلىدى ،ئەگەر ئۇ كومپىيوتۇر مەكتىۋىدە ئوقۇدۇم دېمىگەن بولسا ، ئۇنى ئارتىس بولۇپ كەلگەن ئوخشايدۇ دېمەسمىدىم ،
    باشقا تاللىشىم يوق ئەرافات ، سەن دەپ باقە يەنە قانداق قىلسام بولىدۇ ، ئەگەر سەن ماڭا قارىمىغان بولساڭ ، ياشلىق گۈلۇمنى تۇزۇتقان سەندەك سۆزىگە ئىگە بولالمىغان يىگىتتىن ئۆمۇرلۇك نەپرەتلىنىپ ئۆتەتتىم خالاس ..- دېدى ئادىلە تېخىمۇ ئېسەدەپ
    ۇنىڭ يىغىسىنى ئېيتىپ قويۇشنى ئويلىدىميۇ لېكىن ئۇنداق قىلمىدىم ، سەۋەبىنى ئۆزۇممۇ بىلمەيمەن ، ئۇ ئالغان ياتاقنىڭ ئىككى ھەپتىلىك پۇلىنى تۆلىۋېتىپ، ئادىلە بىلەن توي قىلىشنى نىيەت قىلىپ ، ئادىلەنى ئېلىپ دادامنى ئاكىسىنىڭ ئۆيىگە قاراپ ئېلىپ ماڭدىم ، نېمىلا دېمىگەن بىلەن ، ئۇلار مېنى بېقىپ چوڭ قىلدى ئەمەسمۇ ، قائىدە بويىنچە ئۇلارنىڭ ئۆيىدىن يېنىپ چىقىپ ، توي خېتى ئالغىلى يۇرۇپ كەتتۇق ، بىر ھەپتە يۇرۇپ توي خېتىنى ئوڭۇشلۇق ئالدىم ، ئادىلە بىلەن مەسلەتلىشىپ تۇنۇش يېقىنلاردىن چاقىرىپلا توينى ئاددى ئۆتكۇزمەكچى بولدۇق ، شۇنداق كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئادىلە بىلەن كىيىم -كېچەك كۇرۇپ بازاردا ئايلىنىپ يۇردۇق ،
    ئالدىمىزدا كېتىپ بارغان ئىككى ياشقا كۆزۇم چۇشتى ، بىرسى قاراشتىن ھېلىقى كىتاپ خالتىسى ئېلياردەك قىلاتتى ، يېنىدىكى قىز ،،، نازىلەمۇ قانداق ، كاللامغا كەلگىنى ھېلىقى كۇنى ئېليارنىڭ ‹‹باشقىلار كولاپ قويغان قۇدۇقتىن سۇ ئېچمەيمەن ، ئىچكىم بولسا ئۆزۇم كولاپ ئىچىمەن›› دېگەن گېپىگە ئەمەل قىلمىغاندەك تۇراتتى،..
    ئۇنى چاقىردىم:
    -ئوي ئېليار ، نەگە ،نەگە ماڭدۇق بازارغا چىقساق ئادەم تۇنىمايمىزما …
    ئۇ ئارقىغا قاراپ مېنى كۆردى ،
    -ياق ، ياق ئاداش دېققەت قىلماپتىمەن ،
    – ھە يامان يەردە تۇتىۋالدىممۇ يە ، ئېليار يىگىت سۆزىدىن يولۋاس ئىزىدىن يانماس جۇما .
    -ھەئە ، ھەئە ئاداش ، بۇگۇن ياخشى ئۇچراشتۇق ، بۇياق كىم بولىدۇ ، ؟
    ئادىلەنى قىسقىچە تۇنۇشتۇرغاندىن كېيىن ، ئېليار بىلەن ئىككىمىز تاماق يەپ كېلىدىغان ، ئادىلە بىلەن نازىلە بىللە كىيىم ئېلىپ ياناشىدا تېلفۇن قىلىدىغان بولدى ،
    يېقىن ئەتراپتىكى ، قاۋاققا كىردۇق ، ئېنىق قىلىپ ئېيتسام ئېليارغا بۇرۇنقىدەك ھۆرمىتىم قالمىغان ئىدى ،
    بۇرۇنقىدەك بۇيرىتىدىغاننى بۇيرۇتۇپ ، ئۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئولتۇردۇم ، ئۇ ئارقا- ئارقىدىن خېلە جىق ئىچىۋەتتى،
    ئاداش دەپ گەپ باشلىدى ئۇ :
    نازىلە ئەيدىز بولۇپ قاپتۇ ، دوختۇرنىڭ دېيىشىچە يۇقۇملانغىلى خېلە بوپتۇ ، 4 ئايغا يېقىن ئۆمرى قاپتۇ ….- دېدى ئېليار ،
    بېشىمدىن تۇتۇن چىكەتتى ، ئەمدى ئاغزى ئېچىلغان ھاراقنى بىر كۆتۇرۇپلا ئىچىۋەتتىم ،
    ئېليارنىڭ دېيىشىچە نازىلە توي قىلغان ھېلىقى گۇي بۇرۇنلا ئەيدىز ئىكەنتۇق ، يىگىتنىڭ ئۆيىدىكىللىرى شۇنى بىلىپ تۇرۇپ نازىلەنى ئېلىپ بېرىپتۇ ئاقىۋەت ئۆز مەنپەتىنى دەپ بىر جاننىڭ بېشىغا چىققان ئىدى …كاللام قۇپ قۇرۇق ، بەزىدە ، تەغدىر بىرنى ھەرخىل ئامال بىلەن سىنايدىكەن ، قۇم باسقان شەھەر ناملىق روماندىكى ئۇچ ئاكا ئۇكىنى 100 تىللا بېرىپ سىنىغاندەك ، سىزنىمۇ ، مېنىمۇ ،ئۇنىمۇ ھەم سىنايدۇ ، كىم سىناقتىن ئۆتەلەيدۇ ،كىم ئۆتەلمەيدۇ ، بۇ پەقەت نىيەتكە باغلىق ..

    شۇنداق قىلىپ ئادىلە بىلەن نىكاھ ئوقۇتۇپ توي قىلۋالغىنى بىر ھەپتىدىن ئاشقان ئىدى ، مەندەم كۇندە تورخانىغا قاتىرىپ يۇرسەم بولمىغىدەك دېگەننى ئويلاپ ئۆيگە ئىككى كومپىيوتۇر سېتىۋالدىم ، ئەمدىكى مەخسىدىم ئادىلەنى خاككىر قىلىپ چىقىش ئىدى ، …
    ئىككى ئايدىن ئارتۇق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىپ ئادىلەمۇ ‹‹ئۆلۇم ئەلچىسى ›› دېگەن نام بىلەن خېلە تۇنۇلغان ئىدى ، مانا بۇگۇن مەلۇم بىر بىلوگنىڭ ئەزا ئۇچۇرىنى باشقا رىقابەتچى بىلوگقا سېتىش ئۇچۇن شۇ توربەتنى تەكشۇرۋاتقىلى 3 كۇندى ئاشقان ئىدى ، يۇچۇقنى ئوغۇشلۇق تېپىپ mysql ساندانىنى چۇشۇردۇم ، كېلىشىپ قويغىنىمىز بويىنچە 30مىڭ يۇئەنگە ساتتۇق .
    ئادىلە بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئىشى ئاسان ئىدى ، كۇندە كۇندىلىك ۋەزىپىنى تېپىپ بولساق كەشكىچە بازاردا ئايلىنىپ يۇرەتتۇق ، مۇشۇ تەرىقىدە ئۇچ ئاي ئۆتۇپ كەتتى ، نازىلەنىڭ ئۆلۇم خەۋىرى بىلەن بۇيىلقى قىش پەسلى تەڭلا  يېتىپ كەلدى ، نازىلەنىڭ ئۆلىمىدىن ئېليار جۇدەپ بىر تېرە بىر ئۇستخان بولۇپ قالغان ئىدى ، بەلكىم مۇھاببەت مۇشۇنداق بولسا كېرەك ….
    خىيالىمدىن سىلكىنىپ چىقىپ كامىرنىڭمۇ ئادەتتىكىدىن سوغۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم كامىر دېرىسىدىن بۇ يىلقى تۇنجى ياققان قارنى كۆرگىلى بولاتتى ..

    8-قىسىم تۈگىدى .



    تۆھپىكارلار:


    بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

    x
    تور بىكىتىمىزدە قەلبىڭىز شاتلانغۇسى
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

    سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

    بىكەت باشلىقى

    QQ:3419250388

    نامى:شاتلان تورى

    QQ1群:812447719

    QQ2群:3419250388

    قىززىق لىنىيە كىيۇ كىيۇ

    3419250388

    (工作日:365天
    www.xatlan.cn
    3419250388@qq.com

    بۇ خەتنى چىكىپ ئۇلىنىش قۇشۇڭ-يانفون نۇسخا-قاماقخانا- شاتلان تورى  

    Powered by wzmiao! X3.2© 2001-2013 wzmiao Inc.