تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
يازما
ماتىرىيال تۈرى

    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹9-قىسىم›

    0
    ئىنكاس
    629
    كۆرۈش
    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    325

    بايلىق

    86

    يازما

    481

    جۇغلانما
     

    بېكەت مەسئۇلى

    3419250388

    ئەزا ئۇچۇرى 
    تىزىم نومۇرى: 1
     
    يازما سانى:
    86
     
    تىللا:
    325  
    تۆھپە:
    0
     
    جەۋھەر يازما:
    14
     
    توردا:
    112 سائەت
     
    ئاخىرقى:
    2019-5-20
     
     

    كېڭەيتىش ماھىرىتەشۋىقات ماھىرىتېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزاپىشقەدەم ئەزا

     
    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹9-قىسىم›



    كامىرنىڭ بىر بۇلىڭىدا ئولتۇرۇپ بۇگۇن يېڭى كىرگەن بىر دوستۇمىزنى كۇتىۋالدۇق ، كۇتىۋېلىش زىياپىنى ئەمدى باشلىنىشقا تەلىيىمىز كاج كەلدىمۇ چارلاش ساقچىللىرى كىرىپ كەلدى . بىزمۇ باشقىلار بىلەن كېلىشىپ كۇتىۋېلىش زىياپىتىنى كەشلىك زىياپەت قىلىپ ئۆزگەرتتۇق ،

    ئوي يېڭى كەلدى دەپ گەپ باشلىدى بىرسى :

    – نېمە گۇنا بىلەن كىردىڭ ، بىز چىقىپ بولالماي..ئېيتە نېمە جىنايەت ئۆتكۇزدۇڭ ؟

    – شۇ .. شۇ … ئاغىنىلەر ..دېسەم گەپ تولا ، تاماكا بولسا بىرتال چەكمەيمەنمۇ ، مېنڭ تاماكامنى بايام كىرگىچە ساقچىلار مۇسادىرە قىلغان…

    – تاماكا يوق ، چەكسەڭ مانا موخۇركا ،،،، – دېدى قولىدىكى ئۆزى چېكىش ئۇچۇن يۆگەپ قويغان بىر ئورام موخۇركىنى يېڭى كەلدىئاخۇنغا تەڭلىگەچ …

    – ھەي شۇ دېسەم گەپ جىق ئاغىنىلەر – دېدى ئاق پىشماق كەلگەن ،قاراشتىن 23~24 لەرنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇيىگىت ،،

    ھەممىڭلارنىڭ مەكتەپ ھاياتى ئۆتۇپ باققان ، مەكتەپتە شۇنچىلىك ئەسكى ئىدىمكى ، مەكتەپ ئوبۇرنىسىغا كىرگەن خېلە كۆپ باللىلارنىڭ يانچۇقۇدىكى پۇلىنى ئېلىۋالاتتىم ، شۇڭىلاشقىمۇ مەكتەپتىكى قىز -ئوغۇللارنىڭ كۆپىنچىسى مەندىن تەپ تارتتاتتى ، مۇشۇنداق نەخ تۇلۇقسىزنى پۇتتۇرۇشكە ئاز قالغاندا بىر قىزنى ياخشى كۆرۇپ قالدىم ، بەلكىم تۇنجى مۇھاببەت دېگەن مۇشۇ بولسا كېرەك ، بۇرۇن مەكتەپكە بېرىش باھانىسىدە، نەدە دېسكوخانا ، بېرلىياتخانا دېگەندەك يەرنى ئىزدىسەم ، ئۇ قىزنى ياخشى كۆرۇپ قالغاندىن ياقى كۇندە تۇلۇق دەرىسكە قاتنىشىدىغان بولدۇم ، شۇنداق قىلىپ ئۇ قىز بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان بىر ئاغىنەم ئارقىلىق ئۇ قىز بىلەن تۇنۇشۇپ ، كېيىن دوس بولۇپ ،…. تەدرىجى يۇرۇپ قالدۇق ، مەكتەپ پۇتتۇرۇپ مەنمۇ ئوقۇمۇدۇم ، ئۇمۇ ھەم شۇ ، شۇنداق قىلىپ تۆت يىلغا يېقىن ۋاقىت مۇھاببەتنىڭ تەمىنى تېتىپ شۇنداق ياخشى ئۆتتۇق ، ئىشەنسەڭلار – دېدى بۇ يېڭى كەلگەن ، قولىدىكى موخۇركىنى كۇچەپ تارتتىپ..

    – بۇ تۆت يىل جەريانىدا ، ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ باقتىم بولمىسا ياخشى كۆرگەن سەۋەپلىك ، باشقا سۇيۇش ، قۇچاقلاش دېگەندەك ئىشلارنى ئۆزەمدىن نېرى قىلدىم ، بەلكىم قىز بالىغا ياخشىلىق قىلسا ياراشمايدىغاندۇ ، ….كېيىن ئۇ ئاشىقىم ، ھېلىقى مۇشۇ قىز بىلەن بىر سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئاغىنەم بىلەن يۇرىۋالدى ، بۇ ئىشلارنى قانداق بولغانلىقىنى ئۇقمايتىم ، لېكىن مېنىڭ ئۇ قىزنى بۇ ئاغىنەمدىن كۇنلىمىگەنلىكىم ، تېلفۇن سۆزلەشسە گەپ قىلمىغانلىقىم راس ئىدى ،،

    شۇنداق قىلىپ قىز دوستۇممۇ ئايرىلدىم ،، ئۆزۇمنى بىر مەزگىل كەيىپ ساپاغا ئۇرۇپ بېقىپ ، يەنىلە كەيىپ ساپا قىلماس بولدۇم، چۇنكى تېنىم ئاجىزلاپ كېتىپ بارتتى … كېيىن ئۇ ئاغىنەم مەن تۆت يىلدىن چېقىلىپ باقمىغان بۇ قىزنىڭ ئۆمۇرلىك بەختىنى نابۇت قىلىپتۇ ، ، شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاشىقىم كۇندە ئاغىنەمنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا باراتتى ، لېكىن ئۇغۇل قىزنى كەشكىچە سىلكىشلەيتى، بۇلارنى كۆرمەي دېسەممۇ ، ئۇ ئاغىنەم بىلەن ئۆيىمىز بىر مەھەللەدە بولغاچقا مەندە ئامال يوق ،، شۇڭا ئاخىرى چىدىماي ، ئاۋال ئۇ ئاغىنەمنى ئۆلتۇرۋەتتىم كېيىن ئۇ قىزنى ئۆلتۇرۋەتتىم ،…

    دېدى يېڭى كەلدى ، قولىدىكى ئاز قالغان موخۇركىنى كۇچەپ تارتىپ .. توۋا بىز ئەسلى بۇ يېڭى كەلدىنى ، ئازراق قۇسۇر تېپىپ تازا ئۇرۇپ ئاچچىقىمىزنى چىقارماقچى ئىدۇق…. كىم بىلسۇن ، كامىردىكى ھەممىسى خىيالغا چۆكۇپ كەتتى ، مەنمۇ ئۇلارنىڭ پارىڭىدىن ئايرىلىپ چىقىپ خىيال دۇنياسىغا سەپەر قىلدىم…

    نازىلەنىڭ ئۆلىمى ئېليارغا بەكلە تەسىر قىلدىمۇ .. ئۇرۇقلاپ بىر تېرە- بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغان ئىدى ، بەلكىم مۇھاببەت ئادەمنى مۇشۇنداق قىلىپ قويسا كېرەك ، ئېليار كۇندە ھاراق ئىچەتتى ، كېچە – كۇندۇر توختىماي ئىچەتتى ، بۇرۇن قاۋاقتا ئىچسە ،ئەمدى يانچۇقىدىن ئايرىماي ئىچەتتى ، شۇنداق قىلىپ ئېليار قاچان ھاراق ئىچىشنى ئۆگەنگەندىن باشلاپ ئۆيدىكىللىرى ئۇنى ئۆز ئۆيىدىن قوغلاپ چىقىرۋەتكەن ئىدى …. بۇنىمۇ تېخى مەن پات يېقىندا ئۇختۇم ، كۇنلەر بىر – بىرىگە ئەگىشىپ ئۆتۇشكە باشلىدى،شۇنداق كۇنلەرنىڭ بىرىدە ئادىلەنىڭ ھامىلدار بولۇپ قالغان ئىدى ، شۇنچىلىق خوشال بولدۇم ، چۇنكى ئۇ مېنڭ ئۆز پۇشتۇم ، ئۆز قېنىمدىن بولغان بالا ئەمەسمۇ ، تېخى ماڭا ئوخشاش يىتىم ئەمەس ، مەن خوشال بولماي كىم خوشال بولسۇن ، ،،

    بىر كۇنى ئادەتتىكىدەك ، مەن كۇندىلىك ۋەزىپەمنى ئورۇنداش ئۇچۇن كومپىيوتۇر ئالدىغان كەلدىم ، ئادىلە چۇشلۇك تاماق ئېتىش ئۇچۇن كۆكتات ئاقلاۋاتاتتى ،

    ئەرافات – دېدى ئادىلە ، ساڭا بىر گېپىم بار دېگەندەك ماڭا قاراپ ..
    ھە، گەپ قىل …جاپا تارتىپ نېمىمۇ قىلارسەن ، ئاشخانىدىن تاماق يېسەكلە بولماسمىدى ، – دېدىم مەن كومپىيوتۇر ئالدىدىن قوپۇپ ئادىلەنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ، …

    ئادىلەنىڭ كۆڭلىدە بىر غەم – ئەندىشە باردەك قىلاتتى ، .

    – ئەرافات ، سېنىڭچە بالىمىز تۇغۇلسا بىز يەنە مۇشۇ ئىش بىلەن ھەپىلىشىپ يۇرۇيمىزمۇ ، توغرا سېنىڭ تېخنىكاڭ ياخشى ، سەن تور ساھەسىدە ئاتامان ، سەن خاككىر لېكىن كوچىغا چىقىپ مەن خاككىر دېسەن خەق ساڭا بىر چىشلەم نان بېرەمدۇ ، ئۇنىڭ ئۇستىگەن ھازىر قىلۋاتقان ھەممە ئىشلىرىمىز قانۇنغا خىلاپ جېنىم ئەرافات ، مەنغۇ مەنلى ، سەن بولساڭ جېنىمدىنمۇ كېچىمەن ، لېكىن بالىدا گۇناھ يوق ، كوزا كۇنىدە سۇنماس كۇنىدە …

    ئادىلە يىغلاۋاتاتتى ، ئىچ ئىچىدىن يىغلاۋاتاتتى ، ئۇنىڭ نېمىشقا يىغلىغىنىنى يەنە چۇشەنمىدىم ، لېكىن ئىككىمىز بىر ئۆيدە تۇرغاندىن ياقى ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ماڭا مۇشۇنداق قاتتىق ، ھەم ئەستايىدىل تەلەپپۇزدا گەپ قىلىش ئىدى، مەن راستتىنلا قانداق قىلىشنى بىلمىدىم ، يەنە كېلىپ ئادىلەنىڭ دېگىنىنىڭ ھەممىسى دېگەندەك توغرا ئىدى ، ئويلاپ باقسام ئاتا-ئانامنىڭ تۇپراق بېشىغا بارمىغىلىمۇ خېلە بولدىغان ئىدى ، ئۆيدىن چىقىپ تۇپراق بېشى تەرەپكە يۇتۇپ كەتتتىم ، يىغلاۋاتىمەن ، ئېھ .ئانا ، بىر مېھرىكغا قېنىۋالسام نېم بولا، جېنىم دادا ، قامىتىڭگە تاغ يۆلىسىمۇ تۇرار بوغىيتى ،، .. بەك چارچەپ كەتتىممۇ ، تۇپراق بېشىدىلا ئۇخلاپ قېلىپتىمەن ، چۇش كۆرۇپتىمەن ، شۇنچىلىك كۆپ ھەم ھەيۋەت بىر قوشۇن مېنى قوغلاۋاتتى، قاتتىق چۆچۇپ ئويغۇنۇپ كەتتىم ، بۇنىڭ نېمىش ئىكەلىكىنى بىلەلمىدىم ، لېكىن ئۆيگە بېرىپلا مۇشۇ بىر قېتىمقى سودىدىن كېيىن بۇ ئىشلاردىن قول ئۇزسەك بولىدىغانلىقىنى ئىيتتىم ، ئادىلە خوشاللىقىدى مەغزىمگە بىرنى تاتلىققىدە سۆيۇپ قويدى ،، بۇ سۆيۇشتە مەن ئەزەلدىن تېتىپ باقمىغان تەم ، ھېس تۇيغۇ بار ئىدى ،،،

    بىر قېتىمقى سودىدا جىقاراق پۇل تېپىش ئۇچۇن ، بۇ قېتىم بىر شىركەت تور بېتىغا كېرىپ شىركەتنىڭ كېيىنكى بىر يىللىق پىلانىنى ئوغۇرلاپ بەرسەم ، 100 مىڭ يۇئەن بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، مۇشۇ ئەڭ ئاخىرقى كومپىيوتۇر ئوينۇشۇم ئىدى ، خىيالىمدا مۇشۇ ئىشنى قىلىپ بولۇپ كومپىيوتۇرغا يېقىن كەلمەي باشقا ئىش قىلىشنى ئويلىدىم ، شۇنداق قىلىپ مۇشۇ شىركەتنىڭ تور بېتىنى تەكشۇرۇشكە باشلىدىم ، بىر ئايغا يېقىن ۋاقىت تەكشۇرۇپ يۇچۇقنى تاپتىم ھەم تۇلۇق باشقىلار دېگەن تەلەپ بويىنچە سانلىق ئامبىرىدىكى سان – سىفىرلارنى چۇشۇرۇشكە باشلىدىم ، چۇشۇرۇشكە ئاز قالغاندا تور سۈرىتىنىڭ ئاستىلاپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ، كومپىيوتۇرنىڭ كود كوزنىكىنى ئېچىپ كود يېزىشقا باشلىدىم ، چۇنكى بىر خاككىر ھۇجۇم قىلىشتىن ئاۋال چۇقۇم ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلىشى كېرەك ، قاراشتىن ئونغا يېقىن كومپىيوتۇر مېنىڭ تور ئادرىسىمنىڭ ئىزىغا چۇشكەندەك قىلاتتى ، تۇرۇپ كەتتىم ، دەرھال كومپىيوتۇرنىڭ خاتىرىسىنى تازلاشقا باشلىدىم ، خۇددى ، قاتىل نەخ مەيداننى ئۆزگەرتكەندەك … تور ئادرىسىمنىڭ ئىزىغا چۇشكەنلەرنىڭ ئىزىغا مەنمۇ قايتۇرما ئېقىن مىختارى ھۇجۇمى بىلەن قارشىلىق كورسۇتۇپ مېنىڭ ئىزىمغا چۇشۇنى پالەچ ھالغا چۇشۇرۇپ قويۇشنى ئويلىدىم ، لېكىن مېنىڭ ھۇجۇمۇم ھېچ كۇچىنى كۆرسەتمەيۋاتاتتى، بۇنداق ئەھۋال ئادەتتە ئىككى خىل ئەھۋالدا يۇز بېرەتتى ، بىرىنجىسى مەن ھۇجۇمنى توغرا قىلالمىغانلىقىم ، يەنە بىرسى قارشى تەرەپ ساقچى ئورگانلىردا بولغاندىلا ، چۇنكى ھۆكۇمەت ئورگانلىرنىڭ بىخەتەرلىكى كۇچلىك بولغاچقا بۇنداق ئۇششاق ھۇجۇملار تەسىر قىلمايتى …

    يۇرۇكۇم ئەنسىز سۇقۇشقا باشلىدى ، دەرھال سودىنى پۇتتۇرۇش ئۇچۇن سانداننى پۇتۇشكەن ئادامگە يوللاپ بېرىپ پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالدىم ، يېرى كېچە ئىدى ….

    ئادىلەنى ئويغۇتۇپ بولغان ئىشلارنى بىر قۇر سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن ،‹‹ئادىلە ئەگەر ياخشى كۇننىڭ يامىنى بولۇپ قالسا ، ئىككىمىز بۇرۇنلا مىجەزىمىز كېلىشمەسلىك تۇپەيلى مۇناسىۋېتىمىزنى ئۇزىۋەتكەن ، پەقەت سېنىڭ قورسۇقۇڭدىكى بالىنى دەپ بىر ئويدە تۇرغان ..››

    دېدىم ئادىلەگە، قالدى ئىشلارنى ئۆزەڭ جايلاپ بىر ئىشقىپ دېگەندەك قاراپ قويۇپ …ئۆيدىكى پۇتۇن بانكا كارتىسى دېگەندەك نەرسىلەرنى ئادىلەگە تاپشۇرۇپ بولۇپ ، ھەممىسىنىڭ مەخپى نۇمۇررىنڭ مېنىڭ تۇغۇلغان كۇنى ئىكەنلىكىمنى ئېيتىپ ،يۇك – تاقىلارنى ئالمايلە مۇساپىرلىق ھاياتىمنى باشلىدىم ، چۇنكى بۇنداق ئەھۋالدا مەن كەم دېگەندە 10 يىل كېسىلىپ كېتەتتىم ، مېنىڭ مۇشۇ ئىشم ئارقىلىق بىر شىركەت ۋەيران بولۇپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى ،شۇنداق قىلىپ ئادىلەگە ھەم تۇغۇلۇش ئالدىدىكى بالىغا چىدىمىغان ھالەتتە كېچە سائەت ئىككى يېرىم ئەتراپىدا ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم …

    ئەسلى بۇگەن كەشتىلا بۇ شەھەردىن چىقىپ كەتمەكچى ئىدىم ، لېكىن ئادىلەگە ، ئاددىسى ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالىغا قارىغىدەك ، ھېچ بولمىسا ئېغىريېنىك ئىشلىرنى قىلغىدەك بىر ئادەم بولمىسا بولمايتى ، شۇڭا ياتاقتىن بىرنى ئېچىپ ، ئەتە ئەتىگەندە ئورنۇمدىن تۇرۇپلا ئېليارنى ئىزدەشكە باشلىدىم ، يېرىم كۇن ئىزدەش ئارقىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كورۇشۇپ خەلىق مەيدانىدا ئۇنىڭغا بولغان ئىشلارنى دەپ بېرىپ ، ئادىلە بىلەن تۇغۇلۇشنىڭ ئالدىدىكى بالامغا قاراپ قويۇشىنى ئېيتىپ ئۇرۇمچىنىڭ بېلىتىنى ئېلىپ كېتىپ قالدىم ، كېيىنكى سەپىرىم قايان ، قانداق ئىشلار بولىدۇ ، قانداق كۇنلەرنى كورۇمەن ، ئادىلە بىلەن بالام نېمە كۇننى كۆرىدۇ بۇلار تېخى ماڭا سىر ….

    ئۇرۇمچىگە تۇنجى چۇشكەن كۇنۇمدە ، قاياققا مېڭىپ نېمىش قىلىشنى ئوقمايلا تۇرۇپ قالدىم ، قورسۇقۇم ئاچقانداق قىلىپ تاماق يېيىش ئۇچۇن ئاشخانىغا قاراپ ماڭدىم ، تۇيۇقسىز بىرسى قارا دېگەندەك ئارقىمغا قاراپ قالدىم ، ھەجەپ نازىلەگە ئوخشايدىكەندېسە ، توۋا … ئاپتۇبۇس بېكىتىدە ئاپتۇبۇس ساقلاپ تۇرغان بۇ قىز نازىلەنىڭ ئۆزى ئىدى ، قورسۇقۇمنىڭ ئاچلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ ئۇ قىزنىڭ ئارقىدىن ماڭدىم ، قىز بىلەن تەڭ ئاپتۇبۇسقا چىقتىم ، بۇ قىزغا قارىغانسىرى نازىلەگە ئوخشاپ كېتەتتى ، قىزنىڭ ھەركىتىنى كۇزەتتىم ، بۇگۇن ئاپتۇبۇستا ئادەم ئالاھىدە جىق ئىدى ، ئۇقىز ئاستا مېڭىپ ئاپتۇبۇسنىڭ ئوتتۇرسىغا كەلدى ، كۆزۇمنى ئۇنىڭدىن ئۇزمىگەچكىمۇ ئېنىق كۆرۇپ تۇردۇم ، بۇ چىرايلىق قىز شۇنداق چاققانلىق بىلەن بىر ئوتتۇرياش ئەرنىڭ پورتىمالىنى سۇغۇلۋالدى ، قاراپ تۇرۇپ قالدىم ،،

    ئۇ ئاپتۇبۇس توختىشىغا چۇشۇپ قالدى ، مەنمۇ ئارقىدىنلا ئەرگىشىپ چۇشتۇم ، ….

    ئوي نازىلە ،،، – دەپ چاقىردىم ئۇ قىزنى ..

    قىز خىيالىدا يوق كېتىپ باراتتى ،،،،،

    يەنە بىر قېتىپ چاقىردىم ، يەنە سادا يوق ، مەنمۇ قىزنىڭ ئارقىدىن ئەگىشىپ مېڭىۋەردىم … بىر تار كوچىغا كىرگەندە ئۇ قىز ئارقىغا ئۆرۇلۇپ ماڭا قاراپ تۇراتتى ، مەنمۇ ئەمدى گەپ باشلاي دېيىشىمگە قاياقتىندۇر ئۇچ بەسلىك كەلگەن ياش يىگىتلار چىقىپ كەلدى …..ھەم تاياق – توخماق دېگەنگە كۆمىۋەتتى …مەن بىلەن بىرگە ئۇ قىزنىمۇ ئۇرۇشقا باشلىدى ، … ھۇ پاسكىنا سەن بازار ئوينىماي نەدىكى سويمىلارنىڭ كەينىدىن يۇردۇڭما ، سېنىڭ ئاكام قانچە پۇلغا سېتىۋالغان بىلەمسە،، ھە بىلەمسەن…. قىز يىغلاشقا باشلىغان ئىدى …. .ئۇلار مېنى ئۇرۇپ ھېرىپ قالدىمۇ قانداق ، ئەمدى كۆزىمىزگە كۆرۇنمە دېگەندەك تەھدىت سۆزلىرنى قىلىپ كېتىپ قالدى ، ئۇ قىز بولسا ماڭا بىرنەرسىنى چۇشەنمىگەندەك قاراپ تۇراتتى …ئەسلى بۇگۇن تاماق يېيىش ئۇچۇن ئاشخانا ئىزدەپ كېتىپ باراتتىم ، لېكىن تاماق يېمەيمۇ قورسۇقۇم تويۇپ بولغان ئىدى ،

    ھېي لاۋزا ، مېنى تۇنامتىڭ ، ئارتۇق ئىشقا ئارلاشماي يولۇڭغا ماڭساڭ بولمامدۇ ..- دېدى ئۇ قىز چىرايىنى سەت قىلىپ ،

    ياق ، ياق، كەچرۇڭ ، سىزنىڭ نېمىشقا كەينىڭىزگە كىرىۋالغىنىمغا كەلسەك گەپ بەك تولا ، خالىسىڭىز تاماق يېيىشكەن پاراڭلاشساق ، – مېنىڭ سىللىقلىق بىلەن دېگەن گېپىم تەسىر قىلدىمۇ ، ئۇ قىز بىردەم ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن گەپ باشلىدى ،

    ئالدىمىزدىكى چوڭ يولدىن ئۆتۇپ ئوڭ تەرەپكە ئازراق ماڭساڭ بىر قاۋاق بار ، شۇيەرگە كىرىپ ئايرىمخانىدا ئولتۇرۇپ تۇر ….- دېدى قىز ..

    نېمىشقا- دېدىم ، چۇنكى ھېچنىمىنى چۇشەنمىگەن ئىدىم ، ..

    ئەجىبا يەنە تاياق يېگۇڭ بارما ،،،- دېدى بۇ قىز كەينىگىمۇ قاراپ قويماي …

    ئۇقىزنىڭ سىمايى بارا- بارا كۆز ئالدىندىن يۇتۇشكە باشلىدى ، توۋا نازىلەگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن دېسە، ئۇنىڭ مېڭىشلىرى ، قول سېلىشى ، يەنە قاراشلىرىچۇ ،،، لېكىن قاراشتىن بەك قوپال ھەم بېشەمدەك قىلاتتى ،ئورنۇمدىن ئاستا تۇرۇپ ئاددىلە دەپ بەرگەن يول بويىنچە قاۋاققا كىرىپ ساقلاپ ئولتۇردۇم ، تەخمىنەن بىر سائەتكە يېقىن ۋاقىتتا ئۇ قىز كىرىپ كەلدى ، ‹‹مەن ساڭا ئايرىمخانىدا ساقلاپ تۇر دېمىدىممۇ ، گېپىمنى چۇشەنمىدىڭما ،،››

    ،، دەپ چالۋاقاپلا كەتتى بۇ جىنتەك ، بىر ئايرىمخانىغا چايلىشىپ ، يەرگە قاراپ ئولتۇراتتىم ، چۇنكى بىر ئېغىز گېپىم ئارتۇق كەتسە ئالدىمدا ئولتۇرغا بۇ قىزدىن ئۆلگىدەك تاياق يەيدىغاندەك قىلاتتىم ، ئەگەر ھازىر قېشىمدا ئېليار بولغان بولسا قانچىلىك خوشال بولاتتى بۇنى بىلمەيتىم ، لېكىن تەغدىرنىڭ كۆزى بارلىقى ئېنىق ، چۇنكى بۇ قىزنى ماڭا ئۇچراشتۇردى ، لېكىن ئۇنى ئۆزۇمنىڭ يۇرتىغا ئېلىپ كېتەلەرمەنمۇ ، ئېليارنىڭ بۇ ‹‹تىرىلگەن نازىلە›› نى كۆرۇشكە تەلىيى ئوڭ كېلەرمۇ ، ئاستا قولۇمنى چىقىرىپ ساناشقا باشلىدىم ئادىلەنىڭ قورسۇقىدىكى ئوغۇل بولسا ئالتە ئايدا ، قىز بولسا 5 ئايدىن ئارتۇق ۋاقىتتا يەڭگىيتى ، ساقچىلار مېنى ئىزدىگەنمىدۇ ، ئادىلەگە قاتتىق تەگمىسىلا بولەتتىغۇ ، ….

    ئاستا خىيالىمدىن سىلكىنىپ چىقتىم ، مەن تۇرۇشلۇق كامىرغا يەنە بىرەيلەن يېڭى كەلگەن ئىدى ، ئورنۇمدىن تۇرۇپ كۇتىۋېلىش زىياپىتى ئويۇشتۇرۇش ئۇچۇن تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم ..

    9-قىسىم تۈگىدى .


    تۆھپىكارلار:


    بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

    x
    تور بىكىتىمىزدە قەلبىڭىز شاتلانغۇسى
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

    سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

    بىكەت باشلىقى

    QQ:3419250388

    نامى:شاتلان تورى

    QQ1群:812447719

    QQ2群:3419250388

    قىززىق لىنىيە كىيۇ كىيۇ

    3419250388

    (工作日:365天
    www.xatlan.cn
    3419250388@qq.com

    بۇ خەتنى چىكىپ ئۇلىنىش قۇشۇڭ-يانفون نۇسخا-قاماقخانا- شاتلان تورى  

    Powered by wzmiao! X3.2© 2001-2013 wzmiao Inc.