تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
يازما
ماتىرىيال تۈرى

    خاككىرنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى‹‹10-قىسىم ››

    0
    ئىنكاس
    630
    كۆرۈش
    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    325

    بايلىق

    86

    يازما

    481

    جۇغلانما
     

    بېكەت مەسئۇلى

    3419250388

    ئەزا ئۇچۇرى 
    تىزىم نومۇرى: 1
     
    يازما سانى:
    86
     
    تىللا:
    325  
    تۆھپە:
    0
     
    جەۋھەر يازما:
    14
     
    توردا:
    112 سائەت
     
    ئاخىرقى:
    2019-5-20
     
     

    كېڭەيتىش ماھىرىتەشۋىقات ماھىرىتېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزاپىشقەدەم ئەزا

     
    خاككىرنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى‹‹10-قىسىم ››



    بۇگۇن يېڭى كىرگەن بۇ مەھبۇس ئادەم ئۆلتۇرۇپ ياكى زەھەر چېكىپ ئەمەس ، بەلكى پارا يەپ كىرگەن ئىدى ، ئەسلى بىز قائىدىنى ئۆزگەرتىپ ئادەم ئۇرۇشنى چەكلىگەن ئىدۇق ، لېكىن بۇ 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ئەرنىڭ گېپىنى ئاڭلاش ئۇچۇن قاراپ ئولتۇردۇق ، ئۇنىڭ گېپىنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ، قاياقدىندۇر ب بىرسى تەرەت قاچىسىنى ئەكىلىپ ئۇنىڭ كاللىسىغىلا كەيدۇردى ، شۇنىڭ بىلەن جەڭمۇ باشلاندى ، ئۇرە-ئۇر دىن كېيىن ، تۇرۇپ كەتتىم ، ئۇنىڭ نېمە دېگىنىگە بەلكىم ھەممىڭلار قىزىقىدىغانسىلەر ،

    ئۇ ھۆكۇمەتنىڭ خەلىق ئۇچۇن ئاجراتقان 30 مىليوندىن ئارتۇق پۇلىنى ئۆزى يېۋالغان ئىدىن ، كېيىن يۇقۇردىن تەكشۇرۇش چۇشۇپ بۇ بايقۇشنى خېلە ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ئالغان ،…


    بۇلارنىڭ پارىڭىدىن سىلكىنىپ چىقىپ ئۆزۇمنىڭ خىيال دۇنياسىغا غەرىق بولدۇم ..

    شۇنداق قىلىپ بۇ نازىلەگە ئوخشايدىغان قىز بىلەن بىر ئايرىمخانىغا ئولتۇراتتۇق، گەپ قىلىشنى ئويلىدىميۇ ، لېكىن گېپىم خاتا بولۇپ قالسا بۇ بېشەمدىن تاياق يېيىشىمدىن قورقۇپ ئۇندىمەي ئولتۇردۇم ، بەلكىم قىز بالىدىنمۇ تاياق يەمدۇ دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن ، بۇلارنى چۇشەندۇرسەممۇ بىكار …. كېيىن ئاستا- ئاستا چۇشۇنىپ قالارسىلەر ،

    ئۇ قىز ھاراق قۇيۇشقا باشلىدى، ئۇندىمەي ھاراق ئىچەتتۇق …

    تۇيۇقسىز ئۇ ئېغىز ئاچتى …

    ئېي ..لاۋزا ، ئارقىمغا كىرىۋېلىپ ، ئۆزۇڭنىڭ تاياق يېگىننى ئازدەپ مېنىمۇ تايققا قويدۇڭ … مەخسىنىڭ نېمۇ زادى ،، گېپىڭنى ئۇچۇق قىلمىساڭ بۇگۇن بۇيەردىن ساق چىقىپ كېتىمەن دەپ ئويلاشما ..- دېدى بۇ قىز قولىدىكى رومكىنى خېلە قاتتىق ئۇستەلگە ئۇرۇپ ، بەلكىم ئۇ قىزنىڭ قولىدىكى ساقتا رومكا بولسە كېرەك كىنولاردىكىرەك پارچىلىنىئپ ئەينەك پارچىسى ئۇ قىزنىڭ قولىنى كېسىۋەتكەن ئىدى …

    شۇنداق چاققانلىق بىلەن ئۇستەلدىكى قەغەزنى ئېلىپ ، ئۇنىڭ قولىغا كۇچەپ باستىم ، ھەم ئاپتاپ توسۇش ئۇچۇن بۇ ئايرىمخانىنىڭ دېرىسىگە چايلاشتۇرۇپ قويۇلغان پەردىنى يىرتىپ ئۇنىڭ قولىنى چىڭ تېڭىپ قويدۇم ،، قىز بايامقى ياۋۇز ، بېشەم ، ھەم توڭ قاپاقلىدىدىن بىردىنلا يۇمشاپ يىغلاشقا باشلىدى …

    ئۇ گەپ قىلدىغاندەك تۇراتتى … ھاراقنى ئۆزىنىڭ رومكىسىغا لىقلاپ قۇيغاندىن كېيىن .. گۇپپىدە كۆتۇرۋېتىپ . گېپىنى باشلىدى ..

    ئىسمىم نۇربىيە ، ئېسىمنى بىلسەم ئاتا – ئانام ئاجرىشىپ كېتىپتىكەن ، مېنى سوت تەرەپتىن دادامغا قوشۇپ قويۇپتۇ ، كېيىن دادام چىرايلىق بىر ئايالغا ئۆيلەندى ، ئۇ ئايال ماڭا شۇنچىلىك ئۆچ ئىدى ، دادام بولسا ئۆز بالىسىدىن ئەرتىۋار كۆرەتتى ، دادام بولمىسا باھارلىق تىل ئاھانەت بىلەن تىللەپ سىلكىشلەيتى ، ئۇراتتى ..

    دادام نېفىت ئىشچىسى بولغاچقا ئايدا ئۆيگە ئاران 15 كۇن قايتالاتيتى .. شۇنداق قىلىپ ئۆيدىن 16 ياش ۋاقتىمدا چىقىپ كەتتىم ، كېينكى ئىشلارنى دېمىسەممۇ ئۆزۇڭ بىلەرسەن ، جەميەتتىكى يامان ئادەملەرگە ئالدىنىپ پايىشخانىغا سېتىلدىم ، كېيىن ئوغۇرلىقنى ئۆگەندىم ، مېنىڭچە تېنىنى ساتقاندىن ، ئوغۇرلىق قىلغان ياخشى ئىدى..

    ئۇنىڭ بىلەن خېلە ئۇزاق ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىپتىمەن ، نۇربىيەنىڭ گېپى تۇگۇگەندىن كېيىن ئۆزۇمنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلىدىم ، ئۇنىڭ ئېليار ئىسىملىك دوستۇمنىڭ ياخشى كۆررۇپ بىرگە بولالمىغان ئاشىقىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ، كېيىن ئېليارنىڭ قانچىلىك ئازاپ چەككەنلىكىنى ، ئادىلە، خانقىز .. ھەممە ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم ،. نۇربىيە شۇنچىلىك كۆڭۇل بېرىپ ئاڭلاپ ئولتۇردىن ، مېنىڭچە ئۇنىڭغا بۇنداق يولغا كىرگەندىن ياقى بىرەرسى بۇنداق ئىچىدىكى گەپلەرنى قىلىپ باقمىغاندەك تۇراتتى .. نۇربىيە يىغلاۋاتاتتى ، ئېليار ، خانقىز ئۇچۇن يىغلاۋاتاتتى، ئۇنىڭ يىغىسىنى كۆرۇپ مېنىڭمۇ كۆزۇمگە ياش كەلدى 。。 شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىش ئۇچۇن قاۋاقنىڭ ئالدىغا چىقتۇك ، …

    -ئۆيۇڭ قاياقتا …

    – ئۇرۇمچىگە بۇگۇن كېلىشىم ، تېخى تۇرار جاي تاپالمىدىم …

    – مەندىن قورقمىساق بىزنىڭ ئۆيگە كېتەيلى …

    – چاتاق يوق ..

    كۇلۇپ كەتتىم ، ئۇنىڭ مەندىن قورقمىساڭ دېگىنى نېمە دېگىنى ، يەنە تېنىنى سېتىشنى ئوغۇرلۇق ياخشىكەن دېگىنىچۇ ،،، تۇرۇپ ئويلاپ قالدىم راسلا تېنىنى ساتقاندىن ئوغۇرلۇق ياخشىمىدۇ …. ھېچنېمىنى چۇشەنمەي ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلدىم …..

    ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرىشىمگە بىر خىل خۇش پۇراق ھىد دىمىقىمغا ئۇرۇلدى ، بۇ ئۆي پۇتۇنلەي يېشىل رەڭلىك تام قەغەز ، ئۆي جازىللىرى بىلەن بېزەلگەن بولۇپ ، ئادەمگە بىرخىل ئەركىن ئازادە تۇيغۇ بېرەتتى ، ..

    – سەن ئولتۇرۇپ تۇر ، مەن تاماق ئېتەي ..

    – ھە.. ماقۇل ….

    بايام ھاراقنى جىق ئىچىۋالدىممۇ ، بېشىم قېيىپ تۇراتتى ، قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن ، بىرسى نوقۇغاندىن كېيىن ئويغاندىن قارىسام نۇربىيەنىڭ قولىدا ئىككى قاچا تاماق تۇراتتى ، ئۆزۇمنى تۇتالماي كۇلۇپ تاشلىدىم ، نۇربىيەنىڭ قولىدىكىسى ئىككى قاچا تەييار چۆپ ئىدى ، كۇلكەمنى زادىلا تۇتالمىدىم ، ئۇنىڭ تاماق ئېتىمەن دەپ كىرىپ كېتىپ تەييار چۆپ كۆتۇرۇپ چىققىنىنى ئويلىساملا قاقاقلاپ كۇلگۇم كېلەتتى ..

    – ئېي نېمدا ماز كۇلسە ، ئاپام – دادامدىن كىچىك ئايرىلغاچقا تاماق ئېتىشنى ئۇخمايمەن ، يېمىساڭ بۇمۇ يوق ،،

    نۇربىيە مېنىڭ گېپىمنى ساقلەپ تۇرماي ، بىر قاچا تەييار چۆپنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتى ، ..

    ئىچىمدە .. بۇ قىزغا چاق -چاق قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم .. قورسۇقۇمنىڭ ئاچلىقىدا ئامال يوق ئۆزۇم ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتتىم ،،،

    توڭلاتقۇدا ، قېتىق ، شاكىلات ئىچىملىك ،تۇخۇم، يەنە نەشپۇت .. قاتارلىق يېمەكلىكلەر بار ئىدى … بۇرۇن ئادىلە بىلەن توي قىلماستا ئۆزۇم ئانچە مۇنچە تاماق ئېتىپ يەيتىم …شۇڭلاشقىمۇ ماڭا ئانچە تەس توختىمىدى ، تۇخۇمدىن ئىككىنى چېقىپ قورۇپ ، تەييار چۆپنىڭ دورا – دەرمەكلىرنى ئۇستىگە تۆكتۇم ، نەشپۇتنى ئاخلاپ قېتىققا ئارلاشتۇرۇپ سالات قىلىپ چاققانلا نۇربىيەنىڭ ئالدىغا ئەچىقتىم ، ئۇ قاراپ تۇرۇپ قالدى ، …

    -ھېي ، ئەرافات ، سەن ئاشپەزما ؟

    ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئىسمىمنى ئاتىشى ئىدى …

    -ياق ، مۇنداقلا ئېتىپ باقتىپ …

    – ۋاي يوقالغىنە ، ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش ، داڭلاپ قويسا ئېشىۋالىدۇ ،

    گەپ قىلمىدىم ، نېمىمۇ دېيەلەيمەن ، يەنە ئۇ گەپ باشلىدى ،

    – سەن ئاۋۇ سافادا يات ، مەن ياتاق ئۆيدە ياتىمەن ، مۇنچىغا كىرىشىڭگە بولمايدۇ ، يەنە ياتاق ئۆيۇمنىڭ ئىشىكى تاقالمايدۇ ، ئەگەر باشقا نىيەتتە بولساڭ …

    شۇلارنى دەپ بولۇپ ، يېنىدىن پىچاقنى چىقىرىپ ئۇستەلگە قاداپ قويدى ،،،

    شۇنداق تىزلىك بىلەن سافاغا بېرەپ ، پەسكە قاراپ ، پۇتۇمنى سۇنۇپ يېتىۋالدىم ، كۆزۇمنىڭ ئالدىدىن بايامقى كۆرۇنىڭ كەتمەيۋاتاتتى ، بايام نۇربىيە پىچاقنى قاياقتىن چىقاردىكىنە ، بەلكىم يوتىسىغا ئېسىۋالغاندۇ ، .. كاساپەت ، ئەسلى بۇ ئۆيگە كىرمەيدىغان يەر ئىكەنتۇق ، ھەي شۇ مەسچىلىكتە كىرىپ قاپتىمەن ، ئەگەر ئۇ مېنى ئۆلتۇرۋەتسە ھېچكىم مېنى تاپالمەيدۇ ،، ئادىلە قانداق قىلا ….توساستىن كاللامغا ئادىلە كەلدى ، نېمىش قىلىۋاتقاندۇ ، ساقچىلار ئۇنى تۇتىۋالمىغاندۇ ، ئىليار ئادىلەگە قاراپ قويسا بولاتتىغۇ …..

    يېرىم كېچە ئىدى ، شۇنچىلىك كىچىك تەرىتىم قىستاپ كېتىپ بولالماي قالدىم ، تازلىق ئۆيى دەل نۇربىيە كىرمە دېگەن مۇنچىنىڭ ئىچىدە ئىدى ، مەندە نېمە ئامال ئۇنىڭ گېپىگە كىرمىسەم مېنى ئۆلتۇرۋېتىشتىن يانمايدۇ ئۇ ، ئەگەر مۇشۇ پەيىتتە بىرسى كېلىپ كىچىك تەرەتنى قىستاپ تۇرۇشقا تۇرامسە ياكى بىر ئوق بىلەن جېنىڭغا تۇرامسا دېسە ، ھېچ ئىكىلەنمەيلا ئۆلۇشنى تاللىغان بولاتتىم ، قىسقىسى قەتتى بولالماي قالدىم ، ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ ئىككى تەرەپكە كۆز يۇگۇرۇتتۇم ،كۆزۇمگە يوغانراق بولغان قىزىل ئەتتىرگۇل چىلاقلىق گۇل لوڭقىسى چېلىقتى ، ئاستا ئۇنىڭ سۇيىنى تۆكىۋېتىپ ، ئىچىگە ئوق ئېتىشقا باشلىدىم ، نۇربىيە بىلەن پىۋىنى جىق ئىچىۋالدىممۇ ، بۇ چوڭ لوڭقىنى لىپمۇ-لىق توشقۇزۇپ ئەتتىرگۇلنى ئاۋايلاپ چىلاپ قويۇپ مەغرۇر ھالدا ئاشخانا ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم ، كۆزۇمنى ھەرقانچە چىڭ يۇمىۋالساممۇ ئۇخلاشقا ئامال بولىدى ، ئامال يوق ئادىلە بىلەن ئېليارنى ئەسلەشكە باشلىدىم ..

    توۋا ئېليار نېمىشقا نازىلەنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن ئۇرۇقلاپ كېتىدۇ ، بەلكىم بىر قىزنى ياخشى كۆرۇپ ۋېسالىغا يېتەلمەسلىك ، يەنە بەلكىم نازىلەنىڭ بالدۇر ئۆلۇپ كەتكىندىن شۇنداق بولغاندۇ ، .. ئادىلەنى شۇنداق كۆرگۇم كەلدى ، توۋا ئۇنىڭغا تولىمۇ ئامراق ئىدىم ، ئىككىمىز توي قىلىپ بىر ھەپتىدەك بولغاندا ئادىلە ماڭا ئەركىلەپ بېشىمنى يۇيۇ قوي دېگەن ئىدى ، مەنمۇ ئامال يوق يۇيۇپ قويدۇم ، كېيىن ئۇنىڭ چېچىنى تاراپ قويۇشقا ئۆتتۇم ، لېكىن مېنىڭ بۇ قىلغانلىرىم ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنىمە ئەمەس ئىدى ، ئۇ پۇتۇمنى تۇتۇپ قوياتتى ، تىرناقلىرىمنى ئېلىپ قوياتتى ، …

    شۇنداق خىيال سۇرۇپ ئولتۇرسام ، قاتتىق بىر ئاۋازدىن چۆچۇپ كەتتىم ….

    قارىسام نۇربىيە ئىدى …

    – ھېي تۇغۇلغاندا باش سۇيى ئىچىۋالغان ساراڭ ، مېنڭ ئەتتىر گۇلۇمدا ئاچاڭنىڭ ھەققى بارمىدى …

    – نۇر بىيە خاپا بولماڭ ، مەن چۇشەندۇراي ،، …

    گېپىمنىڭ ئاخىرى تۇگىمەستىن ، نۇربىيە قولىدىكى گۇل لوڭقىسىنى بېشىمغا ئاتتى ، ‹‹زىڭڭڭڭ›› ، قىلغان ئاۋاز بىلەن ھوشۇمدىن كېتىپتىمەن ، كۆزۇمنى ئاچسام دوختۇرخانىدا ياتىمەن ، مەن ئويغۇنۇپ ئۇزاق ئۆتمەي دوختۇر كىرىپ كەلدى ،

    – ئەرافات ، دېگەن كىمۇ ..

    – مەن ، مەن

    -ھە ، سېنىڭدە چوڭ ئىش يوق ، بۇگۇن چۇشتىن كېيىن بېشىڭنى تىكىپ قويساقلا بولىدۇ ،

    – ھە .. ھە .

    يىغلىۋەتكىلى تاس قالدىم ، مېنىڭ مۇشۇ ئوكۇل ، دوختۇر دېگەندەك ئىشلار بىلەن خوشۇم يوق ئىدى ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئوكۇلدىن قورقاتتىم …

    چۇشلۇك تاماق ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى ، ئەتىگەندىن بېرى ناشتا قىلمىغاچقىمۇ ، قورسۇقۇم شۇنداق ئاچقان ئىدى ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتا نۇربىيە كىرىپ كەلدى ،

    نېمىشقىلىشىمنى بىلمىدىم ، ئۇنىڭ يەنە كېلىپ ساراڭلىق قىلىشىدىن ئەنسىرەپ كارۋاتتىن پەسكە چۇشىۋالدىم ، نۇربىيە كۇلىۋەتتى ، ئۇنىڭ بۇ كۇلىشى ھەقىقەتەن نازىلەگە ئوخشايتى ، ئوخشاش ئەمەس دەل ئۆزى ئىدى ، يۇرۇكۇم بىر يېقىملىق تۇيغۇ بىلەن سۇقىۋاتاتتى …ئۇنىڭ بىلەن كارۋاتتا ئولتۇراتتۇق ،

    – نۇربىيە ، تۇنۇگىنكى ئىش ئەسلى مۇنداق ، ئۆزىڭىز مۇنچىغا كىرمە دېدىڭىز ، لېكىن تازلىق ئۆيى مۇنچىدا تۇرسا ، مەندە نېمە ئامال ، …

    – خاپا بولما ، مەن قىززىق قانلىق قىلىپ قويۇپتىمەن ، بۇگەن بالدۇرلا بىركۇنلۇك ۋەزىپەمنى ئورۇنلاپ بولدۇم ، چۇشتىن كېيىن بىكار ئىدىم ، ..

    – راسما ، ئەمسە بېرىپ ئويناپ كىلەمدۇق ،،

    – لېكىن سېنىڭ بېشىڭ….

    – چاتاق يوق ،

    ئۇنى چىقىپ تۇرۇشنى ئىيتىپ ، كىيمىمنى ئالماشتۇرۇپ ، چاققانلا چىقتىم ، قورسۇقۇمنىڭ ئاچقانلىقىنى ئويلاپ تاماق يېيىش ئۇچۇن چوڭ بازار تەرەپكە قاراپ يۇرۇپ كەتتۇق ، قورساق تويغاندىن كېيىن ، سۇ ئۇستى باغچىسىغا بېرىپ ئويناپ كەلمەكچى بولدۇق ، باغچىغا يېتىپ كېلىپ ، پىيادىلەر يولىدا كېتىپ باراتتۇق ،نۇربىيە قاراپ گەپ باشلىدىم ..

    – ئوغۇرلۇق قىلمىسىڭىز بولمامدۇ ،

    – بۇ ئىشنى قىلمىسام ، مېنى سەن باقامسەن …

    – مەن باقمايمەن ، لېكىن خالىسىڭىز سىزنى باقىدىغانلار بار ،،،،

    – كىمكەن ئۇ، مەندەك ئىپپىتىنى سېتىپ پۇل تاپقان ، خەقلەرنىڭ تەستە تاپقان پۇلىنى ئوغۇرلاپ كۇن ئالدىغان قىزنى كىممۇ ئۆز چۇپتى بولۇشقا ، ئۆمۇرلۇك ھەمرايى بولىشقا تاللايدۇ ..

    -ئۇ ئىشنى سىز بىلەن بىز ئەمەس بەلكى ئۇستىدىكى زات ئوڭشايدۇ، نۇربىيە ، بىر مېنىڭ يۇرتۇمغا بېرىپ ئايالىم ،ھەم بىر دوستۇمنى كۆرۇپ كەلسىڭىز … ئۇلارنى بەك كۆرگۇم كەلدى ….

    10-قىسىم تۈگىدى .



    تۆھپىكارلار:


    بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

    x
    تور بىكىتىمىزدە قەلبىڭىز شاتلانغۇسى
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

    سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

    بىكەت باشلىقى

    QQ:3419250388

    نامى:شاتلان تورى

    QQ1群:812447719

    QQ2群:3419250388

    قىززىق لىنىيە كىيۇ كىيۇ

    3419250388

    (工作日:365天
    www.xatlan.cn
    3419250388@qq.com

    بۇ خەتنى چىكىپ ئۇلىنىش قۇشۇڭ-يانفون نۇسخا-قاماقخانا- شاتلان تورى  

    Powered by wzmiao! X3.2© 2001-2013 wzmiao Inc.