تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
يازما
ماتىرىيال تۈرى

    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹11-قىسىم ››

    0
    ئىنكاس
    752
    كۆرۈش
    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    325

    بايلىق

    86

    يازما

    481

    جۇغلانما
     

    بېكەت مەسئۇلى

    3419250388

    ئەزا ئۇچۇرى 
    تىزىم نومۇرى: 1
     
    يازما سانى:
    86
     
    تىللا:
    325  
    تۆھپە:
    0
     
    جەۋھەر يازما:
    14
     
    توردا:
    112 سائەت
     
    ئاخىرقى:
    2019-5-20
     
     

    كېڭەيتىش ماھىرىتەشۋىقات ماھىرىتېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزاپىشقەدەم ئەزا

     
    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹11-قىسىم ››
    ئاپتۇرى:مەشۇقۇم


    تۇرمىگە بۇگۇن يەنە يېڭى مەھبۇس كىرگەن ئىدى ، يەنە بۇرۇنقىدەك ئارىمىزدىن بىرسى ئېغىز ئاچتى ..
    ھېي ماڭقا ، بىز چىقىپ بولالمايۋاتساق ، سەن نېمىگە كىردىڭ ..- دېدى بىرسى ، 20 ياشلاردىن ئاشقان بۇ قارا كۆز ، قارا قاش ، تەمبەل كەلگەن بۇ يىگىتنى ..
    قاراشتىن بۇ يىگىتنىڭ ھېكايىسى تېخىمۇ قىززىقتەك تۇراتتى …
    دېسەم گەپ جىق ئاكا- ئاغىنىلەر ، تاماكاڭلار بارما ..- دېدى يىگىت بىر بۇلۇڭغا كېلىپ ئولتۇرۇپ
    يىگىت تاماكىنى كۇچەپ تارتىپ گەپ باشلاشقا باشلىدى …
    بىر قىز بىلەن 4 يىل يۇردۇم ، لېكىن كېيىنچە ئايرىلىپ كەتتۇق ، ئۇنىڭ بىلەن نېمە سەۋەپتىن ئايرىلىپ كەتكىنىمنى بىلمەيتىم ، شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىك بىرەر ئايدەك بولغاندىغۇ دەيمەن ….
    مەھەللىدە مېنىڭ بىر ئاغىنەم بولىدىغان ، قسقارتىپ ئۇنى ‹‹زاكا›› ئاغىنەم دەپ قوياتتىم ، بىر كۇنى ئۇنىڭ بىلەن مەھەللىنىڭ دوخمۇشىدا پاراڭلىشىپ تۇراتتىم ، ئۇنىڭغا تېلفىن كەلدى ، ئۇ ماڭا قاراپ قويۇپ تېلفۇننى ئالدى ، تېلفۇندىن چىققان ئاۋاز بەكلا تۇنۇش ئىدى ، ئاغىنەمنىڭ قولىدىن تېلفۇننى ئېلىپ قوش ئاۋازىنى ئاچتىم ،بۇ دەل مەن ياخشى كۆرگەن قىز ئىدى ، تېلفۇندىن ‹‹جېنىم ، تۇغۇلغان كۇنۇمدە نېمە ئېلىپ بېرىسەن ، سېنى كۆرگۇم كەلدى ، قاچانلىققا كۆرۇشىمىز ›› دېگەندەك ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى ، تېلفۇننى ئۇنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ ، تاماكىدىن بىر تال تۇتاشتۇرۇپ كېتىپ قالدىم ، ئاغىنەم بىلەن تاكى شۇ ئىشتىن كېيىن يېرىم يىلدەك كۆرۇشمىدىم ، ئۆزۇم يالغۇز كۆچىدا يۇرەتتم ، قاۋاقتا ئولتۇراتتىم ، بىر كۇنى خەلىق مەيدانىنىڭ ئوتتۇرسىدا كىچىك بالىلارنىڭ لەگلەك ئۇچۇرۇپ ئوينىغىننى كۆرۇپ ئولتۇراتتىم ، تېلفۇنۇم جىرىڭلاپ كەتتى ، تېلفۇننى ئالسام ھېلىقى قىز دوستۇمنىڭ سىڭلىسى ئىكەن ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇنىڭ ئاچىسى ئەيدىز بولۇپ قاپتۇ …بېششىدا ئانچە ئېرەن قىلمىدىم ، لېكىن بىر يوقلاپ كېلىش ئىستىكى ئۇلغۇيۇپ دوختۇرخانا تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ  كەتتىم ، بۇرۇنقى قىز دوستۇمنىڭ دېيىشىچە ، مېنىڭ ئاغىنەم بىلەن ئارلىشىپ ئىككى ئايدەك بولغاندا بۇ ئىككى ئاشىق- مەشۇق كۆرۇشمەكچى بولۇپتۇ ، كۆرۇشۇش ۋاقتى كەشكە توغۇرلىنىپتۇ ، قىز ئامالسىز ماقۇل بوپتۇ ، لېكىن يىگىت قىزنى بىر ياتاققا باشلاپ كىرىپتۇ ، ياتاقتا ئاغىنەمنى قوشقاندا 4 ئەر بىلەن بىر قىز يالغۇز ئولتۇرۇپتۇ ، كېيىن ئاغىنەم ئىچىملىك ئەكىرىشنى باھانە قىلىپ چىكىتىپتۇ ، كېيىنكى ئىشلارنى دېمىسەممۇ بولا ، ئۇ نىجىز گۇي ئاق چېكىشنى ئۆگىنىۋالغان بولۇپ ، قەرىزگە بوغۇلۇپ ئاخىرى مۇشۇ ئامالنى تېپىپ چىقىپتۇ ،،
    ئىچىم ئاچچىق بىلەن تولدى ، ..
    رايىم ياندى جاندىن جاھاندىن ،
    دىلغا سۇلتال ياردىن جاناندىن .
    سۇ ئىچمىدى بىچارە كۆڭۇل ،
    يا ياخشىدىن ياكى ياماندىن.
    ئۇلارنىڭ پارىڭىدىن ئايرىلىپ چىقىپ خىيال دۇنياسىغا غەرىق بولدۇم …
    -يۇرتۇڭغا بېرىپ كەلسەمغۇ بولىدۇ ئەرافات، لېكىن خوجايىنغا كۇندىلىك بېرىدىغان پۇلنى ۋاقتىدا تاپشۇرمىسام بىزگە ئارام كۇن يوق …
    – كۇندە قانچە تاپشۇرۇسىز ..؟
    – 1000 يۇئەن ، بىر ھەپتىدە 5000 يۇئەن ، شەنبە – يەكشەمبە ئارام ئالىمەن ..
    ۋارقىرۋەتكىلى تاسلا قالدىم ، ئەسلى ئۇنىڭ كۇندىلىك ۋەزىپىسىنىڭ پۇلىنى مەن بېرەي دەپ ئويلاشقان ، لېكىن بۇنچە جىق بولسا ، مەنمۇ مىليونىر ئەمەسدە ، ..
    – ئەمدى قانداق قىلارمىز نۇربىيە ،
    – بولدىلا بۇگۇن ياخشى ئوينىۋالايلى ، قالدى گەپنى كەشتە دېيىشمەمدۇق …
    ئۇنىڭ دېگىنىگە ماقۇل بولۇپ باغچا ئىچىگە قاراپ يۇرۇپ كەتتۇق ، بۇگۇن باغچىدا ئالاھىدە ئادەم كۆپمۇ قانداق ، بولۇپمۇ ئاشىق – مەشۇقلار ، بۇرۇن مەشۇقۇم تورىدىن بىر ئوقۇغان نەرسە ئېسىمگە كەلدى ، بىر مۇھاببەت ھېكايىسى ئىدى ، ئۇنىڭدا بىر يىگىت بىلەن قىزنىڭ باغچىدا تۇنۇشۇپ، باغچىدا ئايرىلىپ كەتكىنى سۆزلىنەتتى ..ھېكايىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سۆزى ئادەمنىڭ ئېسىدە قالاتتى ، ‹‹ئېسىڭدا بارمۇ ، باغچىدىكى ياغاچ ئورۇندۇق ›› …، مەن ئادىلە بىلەن ئەپسۇس تورخانىدا تۇنۇشقان ….
    – ھوي ، گەپ قىلە ساراڭ ، نېمە قاراپ تۇرۇسەن .- دېدى نۇربىيە
    شۇندىلا ئۆزۇمنىڭ خىيال دۇنياسىغا غەرىق بولىپ كەتكىنىمنى بىلدىم ،
    – ھە ھە، نېمە دېدىڭ ، ئاڭلىماپتىمەن ..
    – ۋاي نېمە دەيتىم دەلتى ، بۇگۇن سەن مىھمان قىلامسەن دېدىم ..
    – ھە ، ھە چاتاق يوق ..
    ئۇ ئۇدۇل كەلگەن ئويۇنچۇقلارنى ئويناشقا باشلىدى ، بىر ھازا ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن نۇربىيە ماڭا قاراپ …
    – ئەرافات ، ماقۇل دېگىنە مۇشۇ بىرسىگە بىللە چىقىپ ئوينايلى ،،
    – بولدى ، بولدى مەن چىقماي ،
    نۇربىيەنىڭ تۇنجى قېتىم ماڭا ئەركىلەپ گەپ قىلىشى ئىدى ،
    – ھېي ، سەن ئوغۇل بالىمۇ يا ، بېلىڭنىڭ ئاستىغا سۇيقاش بارمىدىمۇ يە….
    نۇربىيەبىڭ ئۇنلۇق قىلىپ ئېيتقان بۇ سۆزىدىن شۇنچىلىق خىجىل بولدۇم .
    – چىرايلىق گەپ قىلىڭە ، مانا ئوينىسام ئوينىدىم ،،،
    قاراشتىن ئىلاڭگۇچتەك كۆرۇدىغان ، موللاق ئاتالايدىغان ، 360گىرادۇس تولۇق پىرقىرايدىغان بۇ نەرسە قورقۇشلىقتەكمۇ تۇرمايتى …
    لېكىن بۇ كاساپەتكە چىقىپ ئولتۇرۇپ ، ئىككى ئۇچنى پىقىرغاندا ئاندىن قورقۇشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلدىم ، بۇ موللاقچى ئويۇنچۇق پىرقىراۋاتىدۇ ، يېنىمدى كىملەرنىڭ ۋارقىرغان ئاۋازى ئاڭلىنىڭ تۇراتتى، بۇ موللاقچى قاچان توختاپ قاچان چۇشكەنلىكىمنى بىلمەيمەن ، ئىسىمگە كېلىپ قاراسام ، نۇبىيە يېنىمدا قاقاقلاپ كۇلۇپ تۇراتتى ،
    ھېي ، سەنمۇ ئوغۇل بالىمۇ ، مۇشۇنىڭدىنمۇ قورقامسە ، -دېدى نۇربىيە كۇلكىسىنى توختىتالماي .
    گەپ قىلماي تۇرۇپ قالدىم ،،
    كىچىك ۋاقتىمدا باشقىلارنىڭ بېغىغا ئوغۇرلىققا چۇشكىنىمىزدە ئۇلارنىڭ ئىتى بېنى قوغلاپ باققان ، ھەتتا يېتىشۋېلىپ چىشلىۋالغان ، يىلان چېقىۋالغان ، ئېگىز يەردىن سەكرەپ پۇتۇمنى سۇندۇرۋالغان ، لېكىن بۇ كاساپەتكە چىقىپ ،ئۆلۇپ روھىم چىقىپ كەتكەندەك بولۇپ قالدىم ، بەدەملىرىم توختىماي تەرلەيتى ، يۇزۇمدە بولسا قان دىدارى يوق ، شۇنچىلىك قورقتۇم ، ئەگەن يەنە بىر قېتىم ئىت چىشلىۋالامدۇ ، مۇشۇ ئۇيۇنچۇققا چىقامسە دېسە ، ئىكىلەنمەيلا ئىتنى تاللىغان بولاتتىم ،
    شۇنداق قىلىپ ، كەچمۇ بولدى ، ئازراق پىۋا ئېلىۋېلىپ ئۆيگە قاراپ يۇرۇپ كەتتۇق ،
    – ئەرافات ، ئوغۇرلۇق قىلىپ بەك زىرىكتىم ، قېچىپ كېتىشنى ئويلىغان مەن ، لېكىن نېمىش قىلىپ جېنىمنى بېقىشنى بىلمىدىم …
    – راس شۇنداق ئويلىدىڭىزمۇ ، ئەگەر راس شۇنداق بولسا سىز خىزمەت تاپقىچە بارلىق چىقىملىرىڭىزنى مەن تۆلەي ، لېكىن سىز ئادىلەنىڭ يېنىغا بېرىپ كېلىڭ ….
    – بولىدۇ ،
    شۇنداق قىلىپ ئۇ بۇ يۇرۇتتىن قاچىدىغان بولدى ، ئۇنىڭ خوجايىنى تۇنىۋالماسلىقى ئۇچۇن ، ئەتىسى مەن ئۇنىڭغا يالغان چاچ ، قاش ، كىرپىك ، يۇزلۇق ، دېگەندەك ئىيتاۋۇر ئادەمنىڭ تىلى كەلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بەردىم ، تەييارلىق پۇتكەندە ئايرۇپىلان ئىستانىسىغا قاراپ يۇرۇپ كەتتۇق ، بېلەتنى ئېلىپ ساقلاپ ئولتۇراتتۇق ، نۇربىيە مېنىڭ يۇرتۇمغا ، مەن غۇلجىغا قاراپ ئۇچتۇم ..
    غۇلچىغا چۇشۇپ ئاسانلا بىر ياتاققا ئورۇنلىشىۋالدىم … يېتىپ يەنە خىيالغا چۆمۇشكە باشلىدىم ، كۆز ئالدىمغا ئادىلە ، ئېليار ، ھەم ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالا كېلەتتى … ئادىلەنى شۇنچىلىك سېغىنغان ئىدىم …
    بۇ يۇرۇتنىڭ بايلىرى سېخى ، كەمبىغەللىرى مىھمان دوس ئىدى ، مەن تۇرۇشلۇق مەھەللىدىكى كىملەرنىڭ ئۆيلىرى ئېگىز ئىككى قەۋەتلىك سېلىنغان ، يەنە كىملەردۇر ئاددى كەپىسىگە شۇكرى قىلىپ ئۇچۇرغانلا ئادەمگە سالام بېرەتتى ، شۇنداق قىلىپ بۇ مەھەللىدىكى ئادەملەر بىلەن تۇنۇشىۋالدىم ، ئۇلار ‹‹ئەرافات ›› دېگەن ئىسمىمنى ‹‹ئېرپان›› دەپ ئاتىشاتتى ، مەنمۇ بۇنىڭغا ئانچە ئېرەن سېپ كەتمىدىم ، نېمە دېسە دېمەمدۇ ، ئىسمىمنى ئىرپان دېسە تېخى ماڭا پايدىلىق …
    ئىشقىلىپ بۇ يۇرتتىن شۇنداق رازى بولدۇم ، مەن غۇلجىغا كېلىپ يەتتىنجى كۇنى نۇربىيە يېتىپ كەلدى …
    مەنمۇ ئالدىن دېيىشۋالغىنىمىز بويىنچە كۇندە سائەت ئىككى بىلەن خەلىق مەيدانىنىڭ نەخ ئوتتۇرغا بېرىپ بىرەر سائەت ساقلايتىم …
    نۇربىيە بىلەن كۆرۇشۇپ بىر تاماقخانىدا تاماقلاندۇق ، ئاندىن ياتاققا قاراپ يۇرۇپ كەتتۇق ، مەن 213 ياتاقتا ، ئۇنىڭغا 214 نى ئېچىپ بېرىپ ئىككىمىز بىر ياتاققا قاراپ ئولتۇراتتۇق …نۇربىيە گەپ باشلىدى :
    ئەرافات ، سەن دەپ بەرگەن بويىنچە ئاۋال سايباغدىكى‹‹قارا ساقال ئاتام›› مازىرىغا بېرىپ ئىككى كىلو قوناقنى ئۇدۇل كەلگەن تۇپراق بېشىغا چېچىۋېتىپ ، سېنىڭ ئۆيىڭگە باردىم ، ئۆيۇڭنى تېپىپ ئىشىككە قارىسام ‹‹پېچەتلەندى›› دېگەن خەت تۇراتتى ..ئىچىم ئاچچىق بولۇپ ، ھېلىقى مەكتەپنىڭ يېنىدىكى تورخانىغا باردىم ، سەن دېگەندەك 25 – نۇمۇرلۇق كومپىيوتۇردا ئادەم يوق ئىدى ، تورخانىدىن چىكىتىشنى ئويلىدىم لېكىن يەنە ئازراق تورغا چىققىم كېلىپ ، كومپىيوتۇرنى ئېچىپ ئولتۇردۇم، خەت بېسىشنى ئويلاپ كۇنۇپكا تاختىسىدىن ھەرىپ ئىزدەۋاتاتتىم ، تۇيۇقسىز ، كومپىيوتۇر ئېكرانىنىڭ بىر بۇلىڭىغا چاپلاپ قويۇلغان كىچىل خەتكە كۆزۇم چۇشتى ، ‹‹نۇرلان بىناسى مەشۇقۇم تور كۇلۇبى ›› ، خەتتە مۇشۇلار يېزىقلىق ئىدى ، چىقىپلا نۇرلان بىناسىغا دەپ بىر تاكسىغا چىقتىم ، خىيالىمدا تاكسى خېلە چىقىدىغان بولدى دەپ تۇراتتىم ، لېكىن سىلنىڭ يۇرتتا تاكسى ھەققى ھەقىقەتەن بەك ئەرزان ئىكەن ، مەنزىلگە يېتىپ كېلىپ پۇلنى تۆلىۋېتىپ چۇشۇپ كەتتىم ، بىنانىڭ ئالدى تەرىپىدە بىر ۋېۋىسكا ئېسىلغان بولۇپ ،
    يوغان قىلىپ ‹‹مەشۇقۇم تور كۇلۇبى ›› ، دېگەن خەت يۇرۇپ تۇراتتى، كۇلۇپنىڭ ئىشىكىدىن كىرىشىمگە ‹‹مەشۇقۇم تور كۇلۇبىغا خۇش كەپسىز ، قانداق ياردىمىم كېرەك ؟›› دېگەن ئىللىق ئاۋاز ئاڭلاندى ، ..مەن نېمە دېيىشىمنى ئۇقالماي دۇدۇقلاپ كەلدىم ،،
    – مەن مەن ، ئادىلەنى ئىزدەپ كەلگەن .
    – كەچرۇپ باش دېرىكتور ھازىر يىغىندا ، كۇتۇش زالىدا سەل كۇتۇپ تۇرۇق ، كۇتۇش زالىدا ئىچىملىك ، ئۇششاق يېمەكلىك بار ،، سىلەر ئۇچۇن ھەقسىز تەييارلانغان …
    شۇنداق خۇرسەن بولدۇم ، ئەگەر ھەممە شىركەت مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا بىزنىڭ رايۇنىمىز ھەقىقىي تەرەقىي قىلغان بولاتتى ، تەخمىنەن يېرىم سائەت ئەتراپىدا ساقلاپ ئولتۇردۇم …. بىر چىراق قىزچىقىپ كەلدى ، قىزنىڭ ئارقىدىم 4 ئادەم قولىدا ماتىريال كۆتۇرۇپ كېتىپ باراتتىم ،ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتم ، ئۇمۇ بىر نەرسىنى سەزگەندەك ئالدىمغا كەلدى ،
    -بىر دوستۇمغا بەك ئوخشايدىكەنسىز ، بىرەر ياردىمىم كېرەكمۇ ..
    – سىز ، سىز ئادىلە بولامسىز ..
    – ھەئە مەن شۇ ، مېنى بىرەر ئىش بىلەن ئىزدەپ كەلگەنما ،
    دېدى ئادىلە ،، مەن ئەيمەنگەن ھالەتتە ئۇنىڭ كەينىدىكى ئادەملەرگە قاراپ قويدۇم ، ئادىلە بىر نەرسىنى سەزگەندەك كەينىگە بۇرۇلۇپ ،
    – ھەممىڭلار ئىشتىن چۇشۇپ ئەتە كەلسەڭلار بولىدۇ .. بۇگۇن بىر سائەت بۇرۇن ئىشتىن چۇشتىڭلار ، ئەتە بەش مۇنۇت بۇرۇن كېلىشىڭلارنى ئۇمۇد قىلىمەن …
    ئۇلارنىڭ ھەممىسى ‹‹ بولىدۇ باش دېرىكتور ›› دېيىشكىنىچە قايتىپ كېتىشتى ،..
    ئۇنىڭ بىلەن بىر ئىشخانىغا كىردۇق ، ..ئادىلەگە سەن بىلەن تۇنۇشقاندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە بولغان ئىشلارنى سۆزلەپ بەردىم ، …
    – كېيىنچۇ ، ئادىلە نېمە دېدى ..- دېدىم مەن ..
    ئۇنىڭ دېيىشىچە ، سەن كېتىپ ئىككى كۇنگە قالماي ساقچىلار سېنى ئىزدەپ كىرىپتۇ ، ئادىلە ساقچىلارغا سەن دېگەندەك جاۋاپ بېرىپتۇ ، كېيىن ساقچىلار ئادىلەنى ئاۋارە قىلىشقا باشلاپتۇ ، ئۇ تۇتۇپ تۇرۇغ ئورنىدا تۇغان ئۇچىنجى كۇنى قورسىقى ئاغرىشقا باشلاپ ئۇنى ساقچى تەرەپتىن دوختۇرخانىغا يۆتكەپتۇ ، كېيىن دوختۇلار بالىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقۇپ بالىنى چۇشۇرۋېتىپتۇ ، … شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشلارمۇ بېسقىپتۇ ، ئادىلە دوختۇرخانىدىن چىقىپ بانكىغا بېرىپ بىر كارتىنى سېلىپ پۇل ئالاي دەپ قارىسا ئىچىدە 2 مىليوندىن ئارتۇق پۇل تۇرغىدەك ، پۇلنى جايىغا قويۇپ ، مەشۇقۇم تورىنى سېتىۋاپتۇ ، كېيىن ھازىرقى مەشۇقۇم تور كۇلۇبىنى قۇرۇپتۇ ، ئۇنىڭ دېيىشچە ،، كۇلۇپقا ئەزا بولۇپ ھەققى 10 يۇئەن ئىكەن ، كۇلۇپقا ئەزا بولسىلا، رەسىم لاھىلەش ، توربەت قۇرۇش ، فىلىم ئىشلەر ، ئاۋاز ئېلىش ، ئۇنۇم لاھىيەسى ، قاتارلىق توربەت تېخنىكىللىرنىڭ ھەممىنى ئۆگىنەلەيدىكەن ، لېكىن مۇشۇ يېقىندىن باشلاپ ، توربەتتىن چاتاق چىقىپتۇ ، ئۇ نېمە دېدى ،، ئىشقىلىپ بىر سانداننى بىرسى ئوغۇرلاپ ، يەنە بىرسىگە سېتىپ ، ئەزالارنىڭ مەخپى ئۇچۇرى ئاشكارلىنىپ كېتىپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن سوتتىن بۇنىڭغا مەشۇقۇم تورىنى ئەيىپلەپتۇ … ھازىر ئادىلە شۇ ئىشلار بىلەن ئالدىراش ئىكەن ، ئۇنى ئاۋارە قىلىشنى خالىماي غۇلجىغا بارسا خەلىق مەيدانىدا ، سائەت ئىككى بىلەن ساقلاپ تۇرۇشنى ئېيتىپ سېنىڭ قېشڭغا خەۋەر يەتكۇزۇش ئۇچۇن ئايرۇپىلان بىلەن ئۇچۇپلا كېلىۋالدىم ، …
    نۇربىيە ئەمدى گېپىم تۇگىدى دېگەندەك ماڭا قاراپ قويدى ،،،
    .ئىچىمدىن يىغلىغۇم كېلەتتى ، يەنە خوشال بولاتتىم ، ئادىلە ھەقىقەتەن ئەقىللىق ئىدى، لېكىن ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بالا ……
    بىر كېچە ئۇيقىدىن بىدار ئۆتتۇم ، كارتىدىكى پۇلنى ئويلايتىم … كاللامغا خانقىز كەلدى ،،، ئەجىبا ئۇ ئۆزىنىڭ كارتىسنىڭ مەخپى نۇمۇرنى مېنىڭ تۇغۇلغان كۇنۇم قىلىپ سېلىپ قويغان بولغىيمىتى ،،،،ئادىلەنىڭ سوتتا يېڭىپ چىقىشىنى بىر ئاسماندىكى زاتتىن تىلەييىم …..
    يېرىم كېچە ئىچى ،نۇربىيە ئىچ كىيىملىرى بىلەنلا چىقىراپ مېنىڭ ياتىقىمغا چىقىپتۇ ….
    – نېمە بولدى نۇربىيە ،
    – ئۇ ياتاقتا ئادەم بار ئىكەن .. ئۇلۇك ئادەم….


    11-قىسىم تۈگىدى.


    تۆھپىكارلار:


    بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

    x
    تور بىكىتىمىزدە قەلبىڭىز شاتلانغۇسى
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

    سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

    بىكەت باشلىقى

    QQ:3419250388

    نامى:شاتلان تورى

    QQ1群:812447719

    QQ2群:3419250388

    قىززىق لىنىيە كىيۇ كىيۇ

    3419250388

    (工作日:365天
    www.xatlan.cn
    3419250388@qq.com

    بۇ خەتنى چىكىپ ئۇلىنىش قۇشۇڭ-يانفون نۇسخا-قاماقخانا- شاتلان تورى  

    Powered by wzmiao! X3.2© 2001-2013 wzmiao Inc.