تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
يازما
ماتىرىيال تۈرى

    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹12-قىسىم ››

    0
    ئىنكاس
    732
    كۆرۈش
    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    325

    بايلىق

    86

    يازما

    481

    جۇغلانما
     

    بېكەت مەسئۇلى

    3419250388

    ئەزا ئۇچۇرى 
    تىزىم نومۇرى: 1
     
    يازما سانى:
    86
     
    تىللا:
    325  
    تۆھپە:
    0
     
    جەۋھەر يازما:
    14
     
    توردا:
    112 سائەت
     
    ئاخىرقى:
    2019-5-20
     
     

    كېڭەيتىش ماھىرىتەشۋىقات ماھىرىتېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزاپىشقەدەم ئەزا

     
    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹12-قىسىم ››
    ئاپتۇرى:مەشۇقۇم



    تۇرمە كامىردا ئولتۇرراتتۇق ، پۇشتەك ئاۋازىدىن كېيىن تۇرمە ئاشخانىسىغا ماڭدۇق ، تامىقىمنى ئېلىپ ئورۇن ئىزدەپ كېتىپ باراتتىم ، قايارتىندۇر بىرسىنىڭ ئىتتىرىشى بىلەن ئالدىمغا يىقىلىپ ئالغان تامىقىم تۆكىلىپ كەتتى ، بەلكىم بالا قازا مۇشۇنداق بولسا كېرەك ، بۇنى بىر قاراۋۇل كۆرۇپ قاپتۇ ، شۇنداق قىلىپ مېنى تاماقنى ئىسراپ قىلغان ، ئاشلىقنى قەدىرلىمىگەن دېگەندەك ناملار بىلەن تۇرمە ئېتىزلىقىدا ئىشكەشكە ئورۇنلاشتۇردى ..

    تۇرمە ئېتىزلىقى بەش مو ئەتىراپىدا كېلىدىغان ، ھەممىسىگە دېگۇدەك كۆكتات تېرىۋەتكەن ئېتىزلىق ئىدى ، بۇ ئېتىزلىقتا قانداقتۇر بىر سايىلانغىدەك دەرەخ، ياكى ساتما يوق ئىدى ، مەن ئىشقا چىققان تۇنجى كۇنى ئېتىزلىقتا ئىشلەۋاتقان بارلىق مەھبۇسلارنى ئۆز كامىرغا ئەكىرۋېتىشتى ، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە مەن ئېتىزلىقتا يالغۇز ئىشلەيدىكەنمەن ،مەن ئېتىزلىقتا ئىشلەيمەن ، بىر قاراۋۇل مېنى بېقىپ تۇرۇدۇ ، ئەمىليەتتە مېنى باقمىسىمۇ ، ئېتىزلىق تۇرمىنىڭ ئىچىدە ئىدى ، بارا-بارا مېنى باقىدىغان قاراۋۇلغا قىززىق گەپ ، يۇمۇر ، دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ بېرىپ ئىشەنچىسىگە ئېرىشۋالدىم ، قايسى كۇندىن باشلاپ ئۇنى بىلمەيمەن ، ئۇ قاراۋۇلمۇ ياتىقىتىن چىقماي ئۇخلايدىغان بولىۋالدى .. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ بۇ تۇرمىدا مەھبۇستەك ئەمەس بەلكى ئىشلەمچىدەك ياشايدىغان بولدۇم ، ئېتىزلىقتا ئىشلەش خوش ياقمىسا ، قولۇمغا سۇپۇرگىنى ئالاتتىمدە ، تۇرمە ئالدى مەيدانىغا چىقىپ ئەسكەرلار تازلايدىغان يەرلەرنى سۇپۇرەتتىم ، بۇ قىلغىنىمدىن ئۇلارمۇ خوش ئىدى ، بارا- بارا تۇرمە ئىچىدە خالىغان يەرگە بېرىپ خالىغان ئىشىمنى قىلالايدىغان بولدۇم ،،، بىر كۇنى ئادەتتىكىدەك ئېتىزلارنىڭ ئىشىنى قىلىپ بولۇپ كاۋا پىلىكىدىن ياسىۋالغان شەپكەمنى كەيدىمدە بىر تامنىڭ بولۇڭىغا بېرىپ ئۇخلاش ئۇچۇن تەييارلىق قىلدىم ، ئۇيقۇم كەلمەيۋاتاتتى ، ئاستا خىيال دۇنياسىغا غەرىق بولدۇم …

    يېرىم كېچە ئىدى ، ياتاق تەكچىسىگە چۇشكەن يامغۇر ئاۋازىدىن كېيىن يامغۇر ياققانلىقىمنى بىلدىم ، ئۇيقۇم كەلمەيۋاتاتتى…تۇيۇقسىز بىرسى چىرقىراپلا ياتىقىمغا كىردى ، شۇنچىدا ياتاق ئىشىكىنى تاقىمىغانلىقىمنى بىلدىم ..

    – ئە..ئەرافات ، مۇنچىدا بىرسى ياتىدۇ ،،، ئۇلۇك ئوخشايدۇ …

    نۇربىيە دېگىنى راستەكمۇ قىلاتتى ، چۇنكى ئۇ ئىچ كىيىملىرى بىلەنلا يېنىمغا يۇگۇرەپ چىقىپتۇ ،، ئاستا يوتقاننى ئېلىپ ئۇنىڭغا ئۇزاتتىم ،

    – بۇنى بەدىنىڭىزگە يۆگىۋېلىڭ ..

    شۇندىلا نۇربىيە ئۇچىسىدا كىيىم يوقلىقىنى بىلدى بولغاي ، يۇزۇمگە كېلىشتۇرۇپ بىر كاچات سالدى ..

    – بۇ ، بۇ ، ساراڭمۇ سىز ، نېمىشقا ئادەم ئۇرۇسىز …

    – كىم سېنى ئوغۇرلىقچە كۆرىۋالسۇن دەپتۇ ..

    دېدى نۇربىيە ئۇچىسىغا يوتقاتنى يۆگىگەچ ..

    – نېمە ، ماڭا قاراڭ ئاپپاق قىز سىزنىڭكىنى كۆرمىسەممۇ، ئالمىنىڭ كىچىكلىكىنى بۇرۇنلا بىلگەن ..

    ئويلاشمايلا چاق- چاق ئورنىدا دېگەن كېپىمدىن ، يەنە بىر شاپىلاق يۇزۇمگە تەگدى ،

    – سەن سويمىنىڭ يۇرۇكى ھەجەپ يوغىناپ قاپتۇھە ..

    – بولدى ، بولدى ، خاپا بولماڭ ، يۇرۇڭ سىزنىڭ ياتىقىغىزغا چىقىپ قاراپ باقايلى …

    نۇربىيەنىڭ دېگىنى راس ئىدى ، دېگەندەك مېنىڭ قورامىمىمدىكى بۇ يىگىت سۇغا چىلىنىپ ياتاتتى ،

    – نۇربىيە ، سىز ساقچىغا مەلۇق قىلىپ ،، مەن باشقا يەرگە بېرىپ تۇراي ، ئەتە چۇشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە خەلىق مەيدانىدا كۆرۇشەيلى .

    – ھە ماقۇل ، ئەتە كۆرۇشىلى ..

    ياتاقتىن چىقىپ تاكسى توسۇپ يۇرۇپ كەتتىم ..

    دېگەدەك ئەتە نۇربىيە بىلەن كېلىشىپ قويغان يەردە ئۇچىراشتۇق ، ئۇنىڭ دېيىشىچە ئۇ ياش زەھەرلىك چېكىملىكنى جىق چېكىۋالغانلىقى ئۇچۇن قېتىپ قالغان ئىدى ، ‹‹ئامەت ۋە ئاپەت›› رومانىدا ، ئەرلەرنىڭ دۇشمىنى ئۇچ خىل بولىدۇ دېگەن يېزىلغان ئىدى ، ئۇلارنىڭ بىرىنجىسى زەھەر ئىدى ، ئاندىن ئاياللار ۋە قىمار دېيىلگەن ئىدى ….

    نۇربىيە بىلەن تاماق يەپ كېلىشنى دېيىشىپ ئولتۇراتتۇق ، يىراقتىن كېلىۋاتقان بىر قىز بىلەن يىگىتكە كۆزۇم چۇشتى ، قىزنىڭ مېڭىشلىرى ئادىلەگە شۇنچە ئوخشايتى ، ئۇلار بىزنىڭ ئالدىمىزغا كەلدى ، قىز بولسا دەل ئادىلە ، يىگىت بولسا ، ھېلىقى كىتاپ خالتىسى ئېليار ئىدى ، مەن ئادىلەگە قاراپ تۇرۇپ قالدى ، ئېليار بولسا نۇبىيەگە ، بىر ھازا جىمجىملىقتىن كېيىن نۇربىيە ئېغىز ئاچتى ، تاماق يەپ كېلەمدۇ …

    – ھە ماقۇل .

    – بولىدۇ ..

    راس گەپ قىلسا ئادىلە كەلسە قانچىلىك قىزغىن كۆرۇشۇپ كېتەرمىز دەپ ئويلىمىغىنىم قالمىغان ئىدى ، ئەمدى بولسا ئاغزىمدىن بىر ئېغىز ‹‹تىشلىقمۇ›› دېگەن گەپنىمۇ چىقىرالمىدۇ ، تاماقنىمۇ جىمجىتلا ئولتۇرۇپ يېدۇق ، تاماق يەپ بولۇپ ئۇدۇل ياتاققا قاراپ يۇرۇپ كەتتۇق ، ياتاققا كىرىپ جىمجىت ئولتۇراتتۇق ، جىمجىتلىقنى يەنە نۇربىيە بۇزدى ..

    – ئادىلە ، ماڭا بىرنەرسە ئېلىشىپ بەرسىڭىز بولامدۇ ..

    – ھە ماقۇل ..

    شۇنداق قىلىپ نۇربىيە بىلەن ئادىلە لازىمەتلىك ئالىمىز دەپ چىقىپ كېتىشتى ، ئۇلار چىقىپ كېتىشىگە ئېليار ئالدىراپ .ئېغىز ئاچتى ..

    – ئاداش ئاۋۇ قىز نېمانداق نازىلەگە قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدۇ ..

    – ھى ، ھى . كۆزۇڭ چۇشسە توي قىلامسەن يا ..

    – توينىڭ ئىشىنى قويۇپ تۇرە ، بۇ قىز بىلەن قانداق تۇنۇشۇپ قالدىڭ..

    ئېليارغا نۇربىيە بىلەن قانداق تۇنۇشقانلىقىمنى ، تاياق يېگەنلىكىمدىن تارتىپ ، نۇربىيەنىڭ كاللامنى يېرىۋەتكەنلىكىنى كام قويماي سۆزلەپ بەردىم ..

    – ئاداش شۇنداق قىلىپ نۇربىيەدىن قوقتۇم دېگىنە ..

    – توي قىپ قالساڭ سەنمۇ قورقىسەن …

    – مەن سەن ئەمەس ، نۇربىيە بىلەن توي قىلىپ قالسام…

    ئېليار شۇنداق دەپ تۇرۇشىغا نازىلە بىلەن نۇبىيە كىرىپ كەلدى .. ئادىلە بىلەن مەن بىر ياتاقتا ، نۇربىيە ئۆزىنىڭ ياتىقىدا ، ئېليار يېڭى ياتاق ئاچتۇرۇپ ياتىدىغان بولدى …

    – ئادىلە ، ئاڭلىسام مەشۇقۇم تورىنىڭ ساندانى ئوغۇرلىنىپتۇ ..

    – ھەئە ، ساندان ئوغۇرلىنىشلا ئەمەس ئەرافات، مەشۇقۇم تورىنى سېتىۋېلىپ ئۇزۇنغا قالماي ھەقلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى يولغا قويدۇق ، پۇل تاپشۇرۇشقا ئاسان بولسۇن ئۇچۇن ،مەشۇقۇم تورىغا ئەزا بولغاندا بانكا كارتا نۇمۇرنى تولدۇرۇپ كېيىن شۇ بانكا كارتىسى ئارقىلىپ پۇل تاپشۇردىغان قىلىپ توربەت لاھىلەپ چىقتۇق ، لېكىن كېيىن ساندان ئوغۇرلىنىش بىلەن بىرگە ئەزالارنىڭ بانكا كارتىسىدىكى پۇلمۇ يوقاپ كېتىپتۇ … ئەزالارمۇ تەڭلا سوتقا ئەرىز سۇنۇپتۇ …

    – مېنىڭچە ئادىلە ، بۇ قېتىم مەشۇقۇم تورىغا ھۇجۇم قىلغىنى چوقۇم كەسىپ ئەھلى ئىكەن ، تور بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئادەملەر مۇنبەر، پاراڭلىشىش قورالى ، ئېلخەت قاتارلىق نەرسىلەرگە ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۇچۇن ئوخشاش مەخپى نۇمۇر سالىدۇ ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، سەن خالىغان بىرسىنىڭ مەخپى نۇمۇرنى بىلىۋالساڭ قالغانلىرنىڭمۇ مەخپى نۇمۇرغا .ئېرىشكەن بولىسە، ئەلۋەتتە بانكا كارتىسى ، تور بانكىسىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس …

    – توغرا دەيسەن ، لېكىن بۇ قېتىمقى ئىشتىن مەشۇقۇم تورىنىڭ كۇندىلىك چېكىلىش قېتىم سانى بىراقلا چۇشۇپ كەتتى …

    – مەشۇقۇم تورنىڭ مەزمۇنلىرى ياخشى بولسا يەنە باشقىلار كىرىۋرىدۇ …بىز بۇرۇن بىر ھېكايە ئۇقۇغان ئېسىڭدە بارمۇ … ھېلىقى خاككىرنىڭ ھېكايىسى ..

    – ھەئە ئېسىمدە ‹‹خاككىرنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى››نى دەمسە ..

    – دەل شۇ ، شۇنى يازغان بالىنى تەكلىپ قىلىپ ، مەشۇقۇم تورىغا يازغۇچى قىلىپ قويساڭ بولمامدۇ ..

    – ۋاي جېنىم ، مەن بۇرۇنلا تەكلىپ قىلىپ مائاش بېرىپ ئىشلىتىۋاتىمەن ..

    ھەي ئەقىللىق خۇتۇندە بۇ …دېدىم ئىچىمدە..

    – ھە كېيىنچۇ ..

    – ھازىر ‹‹كۇسەندىكى مەخلۇقلار رىۋايىتى ›› بىلەن ‹‹قىز بالا سۆيۇش كېلىشىمى›› دېگەن ئەسەرنى يېزىۋاتىدۇ …

    ئادىلە بىلەن بىردەم مەشۇقۇم تورى توغۇرلۇق پاراڭلاشتۇق ،، كېيىن ئۆزىمىزنىڭ پارىڭىغا كەلدۇق ..

    – ئەرفات ، نېمىشقا ماڭا يالغان گەپ قىلىسەن ، سەن ئەزەلدىن ئۇنداق جىق پۇلنىڭ بارلىقىنى دېمىگەن ئىدىڭغۇ ..

    – مەنمۇ بىلەيمەن ئادىلە ، خانقىز ئۆلىشنىڭ ئالدىدا بىر خەت بەرگەن ، كارتا شۇ خەتنىڭ ئىچىدىن چىققان ئىدى ، بەلكىم خانقىز بۇرۇنلا كارتا مەخپى نۇمۇرنى مېنىڭ تۇغۇلغا كۇنۇم قىلىپ قويغان ئوخشايدۇ …

    – مۇنداق دېگىن ، بىرگەپ بار ، چوقۇم راس گەپ قىلغىن …

    – ھە ، دېگىنە ..

    – يېنىڭدا مەن يوق ، قانچە قىز بىلەن سۆيىشىپ بولدۇق ..

    – نەدىكى گەپنى قىلدىكەنسەن ،،

    – دېگىنە ، راس گەپ قىلساڭ كەچۇرۇم قىلىمەن ..

    – ھېچكىم بىلەن ..

    – ئەرفاتجان ، ئاڭلىسام نۇربىيە بىلەن بىر ئۆيدە يېتىپلىغۇ …دەپ باقسىلا قېنى ..

    – بۇ … ئۇ دېگەن ، بولدىلا دېسەم دېدىم ،

    ئادىلەنىڭ ئىككى قولىنى تۇتىۋالدىمدە قانغىدەك سۆيۇشكە باشلىدىم ..ئادىلە قاقاقلاپ كۇلۇپ توختىمايۋاتاتتى ..

    – نېمە بولدۇق ، سۆيۇشلىرىم ئېغىر كەلدىما ..

    – ماڭا ۋاي .. سېنىڭ يۇزۇڭگە قاراپ كۇلگىم كېلىپ ..

    ئاستا قوپۇپ ئەينەك ئالدىغا كەلدىم ،، ئۆزۇمگە ئۆزۇم قاراپ كۇلۇپ تاشلىدىم ، ئادىلە ئاغزىغا سۇگىۋالغان لەۋسۇرۇخ مېنىڭ يۇز كۆزۇمگە چىققان ئىدى ،

    ئاستا ئادىلەگە قاراپ …

    – خەپ سېنى ، چىراقنى ئۆچۇردۇم ئەمىسە …

    – ۋۇ ساراڭ ، نېمە قىلۋاتىسە ،،، قويىۋەت ..

    ئادىلەنىڭ سۆيىشى ھەقىقەتەت تاتلىق ئىدى ، نېمىلا دېمىگەن بىلەن ھالال جۇپتۇم ئەمەسمۇ …

    ئەتىگەندىكى تاتلىق ئۇيقامنى ئادىلە بۇزدى ..

    – قوپە جېنىم ساڭا دەيدىغان گەپ بار ،،

    – ھە.. نېمە .

    – نۇربىيەنى مەن بىللە ئېلىپ كېتەي ، ئىشەچىلىك ئادەم لازىم بولۇپ تۇراتتى ،

    – ۋاي ،،،ۋاي ،،، سەندىن كۇنلەپ قالدىم دېگىنە ..

    – بەك ئەقىللىق جۇمۇ سەن ..

    – ھە مەيلى ، لېكىن ئېليار مەن بىلەن بىللە تۇرۇپ تۇرسۇن ، ئۇزۇم بوپتىكەن مۇنداق قەدىناسىم بىلەن بىللە تۇرمىغىلى ..

    – ماقۇل ، بىز ھازىرلا ماڭىمىز ، شىركەتتىن تېلفۇن كەپتۇ ..

    – نېمە ..

    – خاپا بولما ،ۋاقتىم بولسىلا كېلىپ تۇرۇمەن ..

    – ھە ماقۇل ،

    بىر تاكسىدا تۆتىمىز ئايرۇپىلان ئىستانىسىغا قاراپ يۇرۇپ كەتتۇق ، ئادىلە بىلەن نۇربىيەنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن ئېليار بىلەن مەن ئايرىپىلان ئىستانىسىنىڭ ئالدىدا ئاسمانغا قاراپ تۇراتتۇق …

    – ئېليار ، ئۇ ئىككىسىنى يولغا سېلىپ خاتا ئىش قىلىپ قويدۇقمۇ قانداق ..

    – سەن ئەمدى ھېس قىلدىڭما دەلتى ، ئۇلار بېرىپ كۇچادا تازا ئوينايدىغان بولدى …

    – ئۇنداقمۇ بولماس ئاداش..

    – ھەي ، ئىشقىلىپ مېنىڭ ئارزۇيۇم بىرەر قېتىممۇ ئەمەلگە ئېشىپ باقمىدى ، مەن تېخى ئادىلە بىلەن ئىككىڭلار قالىدىغان ، مەن بىلەن نۇربىيە كېتىدىغان بولساق دەپ خىيال قىلغان ئىدى ، ئەمدى بۇ شەھەردە ئىككىمىز تازا زېرىكىدىغان بولدۇق ..

    – ئۇنداقمۇ بولما ،، سەن بايامتىن ئۇلار كۇچاغا بېرىپ ئوينايدۇ دېدىڭما ..

    – ھەئە ،

    – ئەمسە ئۇلار ئويۇننى باشلىغىچە بىز ئويناپ تۇرمايلىمۇ ..

    – ھى ،،، ھى ،، يۇرە ئەمسە ..

    تاكسىدىن بىرىغا چىقىپ ئاۋات دېسكوخانىغا قاراپ يۇرۇپ كەتۇق …

    دېسكوخانىدا ئەتىگەن بولغاچقىمۇ ئادەم ئاز ئىدى ، ئىككىمىز يالغۇز ئولتۇرۇپ ھاراقنى بىكارغا بەرگەندەك ئىچىۋەردۇق ، ئىككىلىمىزنىڭ كەيپىياتى ياخشى بولغاچقىمۇ ھاراق كۇچىنى كۆرسەتمەيۋاتاتتى … دېسكوخانىدا قاچانلاردىن ئادەم جىقلاشقا باشلىدى ئۇنى بىلمەيمىز …ئۇسۇل مەيدانىدا قىز ئوغۇل بولۇپ بىر توپ ئادەملەر بېشىنى چايقاپ ئۇسۇل ئويناۋاتاتتى ، ئىككىمىزمۇ خېلە تەڭشىلىپ قالغاچقىمۇ كاللىمىز قىززىپ قالغان ئىدى ..

    قايقتىندۇر بىر قىزنىڭ ئاۋازى ئىدى .

    – ئوھۇي ، كېلىشكەن يىگىتلەر ، ھەمرا بولۇپ ھاراق ئىچىدىغان قىزلار لازىممۇ ،

    – بۇ ئۇ ..

    ئېليار ئويلىشىپ تۇرغاندا مەن سۆز ئاچتىم ،

    – بولدى رەخمەت ئاپپاق قىز ، يانچۇقىمىزدا ئۇنچە جىق پۇل يوق ..

    بۇ قىزمۇ خېلە ئەقىللىقمۇ قانداق ..

    – ئاكا ، يانچۇقتا پۇل بولمىسا ، ھاراقنى بىكارغا بەردىمۇ ..

    گەپ قىلماي تۇرۇپ قالدىم ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا نېمە دېيىشىمنى ئوقالماي قالدىم …

    قاياقتىندۇر 5~6 ياش باللا كېلىشكە باشلىدى ،

    – ھېي پاسكىنا بۇ يەردە نېمە قىلۋاتىسەن …

    – نېمە ئىشىڭ ، ئەمدى مېنى ئىزدىمە ، بۇ مېنىڭ يېڭى يىگىتىم ..

    قىز شۇنداق دېدىدە ، مېنىڭ يۇزۇمگە بوشقىنە سۆيۇپ قويدى ، ئەتىگەندىن ياقى ھاراق ئىچىۋاتقاچقىمۇ ھېچ نېمىنى ئاڭقىرالماي قالدىم ،،،

    تويۇقسىز يۇزۇمگە تەككەن مۇشتىن ھوشۇمنى تاپقانداك بولدۇم ، قىز بولسا ئاسمان زېمىزدا يوق ئىدى ، ئېليار ئۇستىدىن سەكرەپ چىقىپ مېنى ئۇرغاننىڭ كۆكرىكىگە بىرنى تەپتى ،

    – ئۇرە ھېيي .

    دېگەن ئاۋازدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېلىپ بىزنى ئۇراشقا باشلىدى ،بۇنداق ۋاقىتتا ئىككىمىزنىڭ بۇرۇنقى مەكتەپتە باشقا بالىلارنى ئورۇشقا ئىشلەتكەن ئامالدىن باشقا ئامالنى ئىشلەتسەك بولمايتى ، بىز مەكتەپتە ئۇرۇشقاندا باشقىلارنىڭ ئادىمى كۆپ بولسا ئىككىمىز بىر ئادەمنى ئۇراتتۇق ، باشقىلار بىزنى ئۇراتتى ، نېمە ئىشكىن بىز ئۇرغان ئادەم تاياققا چىدىماي قاچسا ئۇ تەرەپتىن ھەممە ئادەم قاچاتتى …

    ئىككىمىز بىرسىنى ئۇرۇشقا باشلىدۇق ،، لېكىن بۇ قېتىم بىزنىڭ ئامالىمىز ئەسقاتمايدىغاندەك تۇراتتى ،، قاياقتىندۇر بىرسى ۋارقىراپ تۇرۇپ يانچۇقىدىن پىچاقنى چىقاردى …

    – ئېليار….

    دېدىم مەن ئېليارغا قىيمىغاندەك

    12-قىسىم تۈگىدى.



    تۆھپىكارلار:


    بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

    x
    تور بىكىتىمىزدە قەلبىڭىز شاتلانغۇسى
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

    سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

    بىكەت باشلىقى

    QQ:3419250388

    نامى:شاتلان تورى

    QQ1群:812447719

    QQ2群:3419250388

    قىززىق لىنىيە كىيۇ كىيۇ

    3419250388

    (工作日:365天
    www.xatlan.cn
    3419250388@qq.com

    بۇ خەتنى چىكىپ ئۇلىنىش قۇشۇڭ-يانفون نۇسخا-قاماقخانا- شاتلان تورى  

    Powered by wzmiao! X3.2© 2001-2013 wzmiao Inc.