تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
يازما
ماتىرىيال تۈرى

    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹13-قىسىم››

    0
    ئىنكاس
    848
    كۆرۈش
    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

    325

    بايلىق

    86

    يازما

    481

    جۇغلانما
     

    بېكەت مەسئۇلى

    3419250388

    ئەزا ئۇچۇرى 
    تىزىم نومۇرى: 1
     
    يازما سانى:
    86
     
    تىللا:
    325  
    تۆھپە:
    0
     
    جەۋھەر يازما:
    14
     
    توردا:
    112 سائەت
     
    ئاخىرقى:
    2019-5-20
     
     

    كېڭەيتىش ماھىرىتەشۋىقات ماھىرىتېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزاپىشقەدەم ئەزا

     
    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹13-قىسىم››


    شۇنداق قىلىپ تۇرمە ئېتىزلىقىدا ئىشلەش جەريانىدا تۇرمە ئاشخانىسىدىكى كىشىلەر بىلەنمۇ تۇنۇشۇپ ، قۇرسۇقۇم ئاچسا ئېتىزلىقتىكى كۆكتات يېيىشتىن ، ئاشخانىدىن موما ، شورپا دېگەندەك نەرسىلەرنى يېيەلەيدىغان بولدۇم ، بۇنىڭغىمۇ شۇكرى دەيتىم ، كامىردا ياتسا تۆت تامنىڭ ئىچىدە ئولتۇرۇپ ئادەم زەئىپلىشىپ كېتەتتى ، ئېتىزلىقتا بولسا ھارغىنىمنى ھېساپقا ئالمىسام بىرخىل ئەركىن ئازادە ئىدى ، بارا- بارا ئەمىلىم ئۆسۇپ ئايرىم سولانغان مەھبۇسلارغا تاماق توشۇيدىغان ، ھەم تۇرمە ئاپشاركىللىرنىڭ تامىقىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان بولدۇم ، ئىشقىلىپ قورسۇقۇم ئاچ قالمايتى ، تويغىدەك تاماق يېيەلەيتىم ، ئۇخلىيالايتىم …

    بۇنداق بىكارچىقىقتا ئىچىم پۇشۇپ ، كاۋا پېلىگىدىن شەپكە ، ئىككى يەڭ تەرپى يوق كۆينەك دېگەندەك نەرسىلەرنى ياسايتىم، بۇنداق نەرسىلەر بىركۇن ئۆتسىلا قۇرۇپ قالغاچقا ئاساسەن كۇندە دېگىدەك ياساپ قوياتتىم ..

    شۇنداق كۇنلەرنىڭ بىرىدە تۇرمە باشلىقىنىڭ خانىمى بىلەن ئەتىۋاتلىق يەتتە ياشقا كىرگەن بىر ئوغلى باشلىقنى كۆرگىلى كېلىپتۇ ، باشلىقنىڭ ئوغلىنىڭ تۇرمە دەرۋازىسىدىن كىرىشى ، مېنىڭ ئېتىزلىقنى يېڭى ياسىغان شەپكە بىلەن كۆينەكنى كىيىپ چىقىشىم ، باشلىقنىڭ ئوغلى غەلۋە قىلىشقا باشلىدى ، نېمە دېگەنلىكىگە قىزىقىپ قۇلاق سالدىم ..

    – ئاپا ، ئاپا ، ئاۋۇ ئادەمنىڭ كىيىۋالغان شەپكىسى چىرايلىقكە ، ماڭا ئېلىپ بەر ،، يەنە كۆينىكىمۇ بار ،،،

    – ئوغلۇم ، سەن ئۇنداق مەينەت نەرسىنى كەيسەڭ بولمايدۇ ، قايتقاندا مەن ساڭا جىق كىيىملەرنى ئېلىپ بېرەي ..

    – ياق ،،، ياق..

    بۇلارنىڭ پارىڭى تۇگەپ بولغۇچە تۇرمە باشلىقىمۇ خانىمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ بولغان ئىدى ، باشلىقنىڭ ئوغلى ئەمدى دادىسىغا غەلۋە قىلاتتى ..

    – دادا ، دادا ، ئاۋۇ شەپكىنى ئېلىپ بەر ..

    شۇنداق قىلىپ ، ئاتا- ئانىسى ئوغلىنىڭ نىيتىدىن يانمايدىغانلىقىنى بىلدى بولغان مېنى چارقىردى …

    – نېمىش باشلىق ..

    دېدىم مەن ….ئەمىليەتتە نېمىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتىم ،

    – سەن شەپكەڭ بىلەن كۆينىكىڭنى ئوغلۇمغا بەر ..

    – باشلىق چاتاق يوق ، لېكىن بۇلارنى ئۆزۇمگە ئۆلچەپ ياسىغان ، خالىسىلا بەگزادىگە باشقىدىن ياساپ بېرەي ،..

    – ھە ،ئۆزۇڭ قاراپ بىرنەرسە قىلارسەن …

    شۇنداق قىلىپ بەگزادىكى ئېلىپ ئېتىزلىق تەرەپكە ماڭدۇق ، بۇ شاكىچىك خېلە ئەقىللىق ئىدى ، ئۇنىڭغا دېگىننى ياساپ بېرىپ ، يەنە ئېتىزلىقتىكى نەرسىلەردىن ، كۆزەينەك ،، پۇشتەك ، ھەم بىر تەرخەمەكنى چىرايلىق قىرلاپ بىر كىچىك قېلىچ ياساپ بەردىم …

    شاكىچىك قاراشتىن خوشال بولغاندەك تۇراتتى … ئۇنىڭ كۇلكىسىگە قاراپ مەنمۇ خوشال بولدۇم ، ئىككى كۇندىن كېيىن ، تۇرمە باشلىقى مېنى چاقىرتىپتۇ …

    – قارىسىم ئوغلۇمنى بەكلا خوشال قىلۋېتىپسەن ، مەن مۇشۇ كەمگىچە ئۇنىڭ بۇنچىلىك كۇلگىننى كۆرمىگەن ، شۇڭا سېنى ئاشخانا بېشى قىلىپ قوياي ، ھەم تۇرمىدا خالىغان ۋاقىتتا خالىغان جايغا كىرىش – چىقىش ھوقۇقى بېرەي …

    – رەخمەت باشلىق.

    ئىشخانىدىن چىقىپ باشقىچە خوشال بولاتتىم ، ئەمدى ئاشخانا خوجايىنىغا ئايلانغان ئىدىم …

    كونىلارنىڭ ‹‹ھەممە ئىش نىيەتكە باغلىق ›› دېگەن گېپىنى ئويلاپ ئاستا خىيالغا چۆكتۇم ..

    ئېليار بىلان ئىككىمىز بىرسىنى ئۇراتتۇق ، توساتتىن بىرسى يانچۇقىدىن پىچاقنى چىقاردا ھەم بىرگە تىقىش ئۇچۇن بولغاي يۇگۇرەپ كەلدى …

    – ئېليار ، دېققەت قىل

    – نېمدەيدىغانسەن ئاغىنە ،

    – مەن ، مەن شۇ دېققەت قىل دېدىمغۇ …

    توساتتىن ئۇرۇش توختاپ قالدى ، نېمىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمال قالغىنىمدا ساقچىلار كېلىپ بولدى …

    ئېليار بىلەن ئىككىمىز ساقچىلار بىلەھھھھھھن ماڭغاندىلا يەردە بىرسىنى قورسىقىغا پىچاق كىرىپ يېتىپ قالغانلىقىنى كۆردۇم ، قاراشتىن بۇ بايامقى پىچاق كۆتۇرگەن بالا ئىدى ..

    ساقچىخانىغا بېرىپ سوراق قىلىندۇق …

    – ئىسمىڭ نېمە ؟

    – ئەرفات ..

    – ئەرفات نېمە ، تۇلۇق دېمەم سە …

    – ئەرفات راخمان

    – ئۇرۇشقان يەردا سەن بارمۇ يوق ..

    -بار باشلىق ،

    – نېمىشقا ئۇرۇشتۇڭ..

    شۇنداق سوراق قىلىش ئارقىلىپ ئېليار بىلەن ئىككىمىز قەستەن جېدەل چىقارغان ، باشقىلارنىڭ قىز دوستغا پوخورلۇق قىلغان دېگەندەك شەرەپلىك ئاتاقلار بىلەن قاماقخانىغا سولاندۇق ، سولىنىپ بىرىنجى كۇنى بىر ساقچى كىرىپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە كېپىللىككە ئاچىقىدىغان ئادىمى بولسا ھازىر ، بولمىسا 15كۇندىن كېيىن سولاقخانىدىن چىقىپ كەتسەك بولىدىكەن ، ئېليار بىلەن تۇرۇپ  كەتتۇق. راس گەپ قىلسام كىمنى چاقىرىپ بىزنى كېپىللىككە ئەچىقىدىغانلىقىنى بىلمىدىم ، نۇربىيەنى چاقىرساق يېنىدا ئادىلە بار ، ئادىلەنى چاقىرساق ئۇ بۇ شەھەردىن كەتكەن تۇنجى كۇنى مۇشۇنداق ئىش بولسا ، ‹‹تېخى قىز بالىغا پوخورلۇق ››قىلغانلىقىمنى بىلسە ، توۋا ئىككىمىزنى نېمىشقا پوخورلق قىلدى دېدىكىنە ، بەلكىم ھېلىقى بەش – ئالتە گۇيلار تىلىنى بىر قىلۋالغان بولىشى مۇمكىن ، يەنە بەلكىم ئۇلار مۇشۇ يۇرتتىن بولغاچقا ساقچىلارنى تۇنىشى مۇمكىن ، خۇداغا شۇكرى يەنىمۇ مەن تور دۇنياسىدا جىنايەت ئۆتكۇزگەچكە ئۇلار مەندىن ئارتۇقچە گۇمانلانمىدى ، بىزمۇ بۇ تۆت تامنىڭ ئىچىدا تۇرۇپ ئىچىمىز پۇشۇپ ئاخىرى ئادىلەگە تېلفۇن قىلدۇق ،

    – ۋەي ، ئادىلە مەن ئەرپات ، بىر ھازىر ساقچىخانىدا ئىدۇق ، بىر كېلىپ كەتسەڭ ..

    – نېمدەيدىغانسەن ، زادى نېمىش بولدى ..

    – ھېچنىم ، ھازىر پاراڭلىشىش ئەپسىز … كەلگەندە دەپ بېرەي …

    – يېڭى مەھەللە ساقچخانىسىدا ..

    ئادىلەگە تېلفۇن قىلىپ تەخمىنەن ئۇچ سائەتلەر ئەتراپىدا بىر ساقچى كىرىپ كەلدى ، ھەم سېنى كېپىللىككە ئېلىپ چىقىپ كەتتى دېگەندەك قىلىپ ‹‹تەلىيىڭ باركەن ، چىقىپ كېتىدىغان بولدۇڭ بۇرادەر›› دېدى ، ئېليار بىلەن ساقچىخانىنىڭ ئالدىغا چىقساق ئادىلە تۇراتتى ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ گەپ باشلىدىم ..

    – ئادىلە ، مەن ساڭا ھەممە ئىشنى چۇشەندۇرۇپ قۇياي ، ساقچىلار دېگەننىڭ ھەممىسى راس ئەمەس ، راستىننى دېسەم ،،،

    – ھەئە ، دەپ باقا ، قىز بالا سېنى سۆيۇپ قويغاندىن كېيىن جېدەلنىڭ باشلانغىنىمۇ يالغانما ..

    – بۇ ،،، راس..

    – ئۇ قىزنىڭ سۆيۇشى تاتلىقمىكەن …

    دېدى ئادىلە تىلىنى چىقىرىپ ئىككى كالپىكىنى يالاپ قويغاچ ماڭا قاراپ ..

    – بۇ ،، ئۇ …

    – ئۇ قىز بىلە قاچان تۇنۇشۇپ قالغان ئىدىڭ …

    -ۋاي …

    – ھە .. بولدى بولدى .. قاراشتىن ئۇزۇن بولغاندەك قىلىدۇ ….

    نېمىمۇ دېيەلەيتىم ، ئېليارغا قاراپ قويۇپ گەپ قىلماي كېتىپ باراتتىم ،

    – ئەرفات ، سېنى يۇرۇتقا ئېلىپ كېتەي …

    – لېكىن ..

    – ساقچى ئىدارىسىگە كىرىپمۇ قايتىپ چىقتىڭغۇ ، مېنىڭچە سېنىڭ ئىشىڭمۇ بېسىقىپ قالغاندەك قىلىدۇ ، يەنە كېلىپ ئۇقۇشۇپ باقتىم ھازىر بىزنىڭ يۇرۇتنىڭ ساقچى باشلىقى مەن بىلەن بىللە ئوقۇغان بىر بالا ئىكەن ، بۇنداق بولغاندا ھېچ بولمسا ئازاق ماڭىدىغان يول تاپقىلى بولىدۇ ..

    – سەن نېمە دېسەڭ شۇ …

    شۇنداق قىلىپ ئېليار ، مەن ۋە ئادىلە ئايرۇپىلان بىلەن يۇرۇتقا قاراپ يۇرۇپ كەتتۇق ، ئايرۇپىلاندىن چۇشۇپلا يۇرتۇمنىڭ ‹‹ساراڭ دوغىپىنى ›› ئىچكىم كېلىپ كىنوخانىنىڭ ئالدىغا قاراپ يۇرۇپ كەتتىم ، لېكىن بۇ يەردە دوغاپ يوق ئىدى ، شۇندىلا ئاللىبۇرۇن توققىزىنجى ئاي كىرىپ قالغىننى بىلدىم ، ئىچىمدە كۇلىۋاتاتتىم ، يۇرۇتنىڭ مېھرى مۇشۇنداق بولسا كېرەك ، بىر ئىككى كۇن تازا قانغىدەك بازار ئايلىنىپتىمەن ، ئادىلەمۇ بۇرۇنقى ئاددى ئۆيدىن ھازىرقى شەھەرنىڭ چەت تەرىپىگە جايلاشقان ، ماشىندا ماڭسا تەخمىنەن 15 مىنۇت ئەتراپىدا شەھەرنىڭ ئىچىگە كىرگىلى بولىدىغان يەردىن بىر قورو جاي سېتىۋالغان ئىدى ، قورو تەخمىنە ئۇچ مو ئەتراپىدا كېلىدىغان ھەممە يېرى يېشىللاشتۇرۇلغان ، ئۇزۇم ، ئالما ، نەشپۇت ، بېييىدىن تارتىپ سۇغا چۇشىدىغان كۆلچەكمۇ بار ئىدى ، مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقاندا ئەگەر ئىككى قەۋەت بىنادىن بىرسى سېلىنغان بولسا بەئەينى ھەيۋەت داچىنىڭ ئۆزى ئىدى ..مەن يۇرۇتقا كەلگەندىن باشلاپ نۇربىيەنى كۆرۇپ باقمىدىم ، بەلكىم ئادىلە راس كۇنلەپ قالغاندۇ …

    كۆلچەكتە سۇغا چىلىنىپ ياتقىنىمدا ئادىلە ماشىنىسىنى ھايداپ كىرىپ كەلدى ،

    – ئەرفات ، قىش كىرىشكىمۇ ئاز قالدى ، سەن ھويلىدىكى غازاڭلارنى تازلىۋەتكەچ ، دەرەخلەرنى ئوغۇتلاپ قوي ، كېلەر يىلى تېخىمۇ ياخشى كۆكلەيدۇ …

    نېمىمۇ دېيەلەيتىم ، ئادەم پۇل تاپقانچە كىرىلىشىدىغان ئوخشايدۇ ، ئادىلە ‹‹ماقۇل ›› دېگەن جاۋابىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يەنە گەپ باشلىدى ،

    -ئاھالىلەر كومتىتىغا بېرىپ سېنىڭ سالاھىيەت گۇۋانامەڭنىڭ بېجىرىپ كەلدىم ، تەييارلىقىق بولسۇن ئەتە شىركەتكە ئىشقا چۇشىسەن ،

    – ھە ماقۇل ،

    – كەچ قايتىشىم مۇمكىن ، تاماقنى ئۆزۇڭ بىرنەرسە قىلىپ تۇرغىن ..

    – ھەئە ،

    دېدىم مەنمۇ خوش ياخمىغاندەكلا ، راس گەپنى قىلسام ئادىلە لېدىر بولۇپ ھەقىقەتەن ئۆزگەرگەن ئىدى ، بۇرۇنقى ئىككىمىزنىڭ پاراڭلىشىپ كۇلىشلىرىدىن ئەسەرمۇ يوق ، ھەي بولدىلا .. بەلكىم مەن ئارتۇق ئويلىۋالغاندىمەن دېدىم ئىچىمدە ، قولۇمغا سۇپۇرگىنى ئېلىپ ھويلىنى تازلاشقا باشلىدىم ، بىردەمدە قاياقتىندۇر ئېليار پەيدا بولدى ،،،

    – ئوھوي ، ئاغىنە نېمە ئۆيدىن چىقمايدىكى دېسەم ئادىلە سېنى تازلىق ئىشچىلىقىغا ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ دېگىنە ..

    دېدى ئېليار قاقاقلاپ كۇلۇپ ..

    – نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن ، ئاۋۇ يەردە سۇپۇرگە بار ، ئاۋال ماۋۇ يەرلەرنى سۇپۇرۇپ بولايلى ، ئاندىن سەن بىلەن پاراڭلىشىدىغان گەپ بار ..

    – ھەئە ، پاراڭلاشقاچ سۇپۇرسەكمۇ بولىدىغۇ …

    -ھەئە،، بولىدۇ ..

    ئىككىمىز يەرنى سۇپۇرگەچ پاراڭلىشاتتۇق ..

    – ئېليار ، نۇربىيەنى كۆرۇپ باقمىدىم ، ئۇ نەدە تۇرۇۋېتىپتۇ ..

    -سېنىڭ خوتۇنۇڭ سەندىن كۇنلەپ قالدى بولغاي ، شىركەتنىڭ ياتىقىدىن ياتاق ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىپتۇ ..

    – ھەئە مۇنداقدە ، سەن ھېس قىلدىڭمۇ ، ئادىلە بۇرۇنقى ئادىلە ئەمەس ئىكەن ، ئۇنىڭ مىجەزى بۇنداق ئەمەس ئىدى …

    – بۇ ئىش …….، مەنمۇ بۇنى ھېس قىلغان لېكىن تازا بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن ، ھېي ساراڭ ، ئۆزۇڭنىڭ خۇتۇنى بولغاندىن كېيىن سوراپ باقساڭلا بولمىدىمۇ …

    – راس ، راس ، ھەجەپ ئېسىمگە كەلمەپتا ..

    – كەچلىك تاماققا نېمە يەيمىز ،،

    -تاڭ جۇمۇ ، ئاۋال تازلاپ بولايلى ئاندىن تاماق ئېتىشنى باشلايلى ،

    – ھە ، ماقا ..

    تەخمىنەن بىر سائەتتىغۇ دەيمەن ، تازلىقمۇ تۇگەپ سۇ ئۇزۇش كۆلىدە سۇغا چۇشۇپ پاكىزلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، تاماققا تۇتۇش قىلدۇق ، توڭلاتقۇدا تۇزۇكمۇ بىر نەرسىلەر يوق ئىدى ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا يەيدىغان نەرسە ئاساسەن يوق ئىدى ، ئامال يوق ئېليار بىلەن قارت ئويناپ ئولتۇرۇشتىن باشقا ئامال يوق ئىدى ، قارتنى قانچىلىك ئوينىدۇق ، نېمە ئوينىدۇق ئېسىمدە قالماپتۇ ، كەچ سائەت سەككىز بولغاندىغۇ دەيمەن ئادىلە كىرىپ كەلدى ..

    – تاماق يېدىڭلارمۇ ،

    – پۇتۇن ئويدە يەيدىغان نەرسە بولمىسا نېمىنى يەيمىز خانىم ..

    – ئۇف ، ئاشخانا ئۆيدە ، ئۇن ، سەي ، گۇرۇچ ، ماي ، گۆش ھەممىسى بارغۇ …

    – ئۆيدە قانچە توڭلاتقۇ بار ،

    – ئىككىسى بار ،

    – مەن بايامدىتىن ، مىھمانخانىدىكى توڭلاتقۇغا قاراپ يوق ئوخشايدۇ دەپتىمەن ….

    شۇئان ئېليارغا سەنمۇ دېققەت قىلمىدىڭمۇ دېگەندەك قاراپ قويدۇم ، ئۇ ھېچ ئىپادىسىزلا ‹‹ھەممە ئىشتا كاللىنى ئشلىتىش كېرەك ›› دېگەندەك قىلىپ بىگىز بارمىقى بىلەن كاللىسىنى ئىككىنى بوشقىنە نۇقۇپ قويدى .

    – نېمە تاماق يەيسىلەر ، مەن تاماق ئېتىپ بېرەي ..

    – سەنمۇ ئاۋارە بولما ، ئۆيدە نان بارمۇ ..

    – يوق ، دېگىنە ..

    – ئەمسە ، گاڭپەن ئەتكىن ، ساڭا ئاسان توختايدۇ ، خېمىر يۇغۇرمايسەن ئەمسمۇ …

    ئادىلە تاتلىققىنە كۇلۇپ قويۇپ چىقىپ كەتتى ، تاماقنى يەپ بولۇپ ئىككىمىز ھۇجرا ئۆيگە كىرىپ كەتتۇق ، لېكىن ئېليار قايەردە يېتىشىنى بىلمىدى بولغاي ،،

    – مەن قايەردە ياتىمەن ..

    – سەنچۇ بۇرادەر ، مەن ياتقان ئۆيدىن باشقا پۇتۇن ھويلىدىكى قايەردە ياتساڭ مەيلى ،،

    ئىككىمىز كۇلگىنىمىزچە ياتاققا كىرىپ كەتتۇق ، يېرىم كېچە ئىدى …

    – ئادىلە ، بۇ تۇرالغۇنى قانچىگە ئالدىڭ ..

    – نېمە سوراپ قالدىڭغۇ ..

    – شۇ بىلگىم كەلدى ،..

    – بۇ ئۆينى ئىككىمىز تاپقان پۇلغا ئەرزانلا ئالدىم ،

    – ھەئە ، يەنە بىر گەپ سورىسام بولامدۇ ،،

    – ھە سورىغىنە ،،

    – سېنىڭ مىجەزىڭ بۇرۇن مۇنداق ئەمەس ئىدى ، يەنە كېلىپ سەن كۇندە مۇشۇنداق ئۆيگە كەچ كېلەمسەن ..

    ئادىلە ئۇندىمەي تۇرۇپ قالدى ،، بۇنىڭدىن مەنمۇ بىرەر ئىش بولغانلىقىنى ھېس قىلدىم . كاللامغا كەلمىگەن خىياللار كېلىشكە باشلىدى …

    – سەندىن ھامان يۇشۇرۇپ قالالمايمەن ، سەنمۇ مەندىن قورسىقىمدىكى بالىنى سوراپ باقمىدىڭ ، بەلكىم ئانچە مۇنچە بىلگەنسەن ، شۇ ئىشتىن كېيىن دوختۇر مېنى ھامىلدار بولسام ساق-سالامەت يەڭگىش نىسپىتىمنىڭ 20% گىمۇ يەتمەيدىغانلقىنى ، شۇڭا ھامىلدار بولماسلىقىمنى دېگەن ..

    نېمە دېيىشىمنى ئۇقالمىدىم ، گەپمۇ قىلماي ئادىلەنى چىڭ قۇچاقلىۋالدىم ، كۆڭلۇم ئۆزىگە خىتاپ قىلىۋاتاتتى ، ھەممە ئادەم نىيتىگە يارىشا كۇن كۆرىدۇ ، سىزمۇ ، ئۇمۇ ، مەنمۇشۇ …

    ئەتىگەندىلا ئادىلەنىڭ ئويغىتىشى بىلەن كۆزۇمنى ئاچتىم …

    – ماۋۇ كاستىيۇم بۇرۇلكىنى كىيىۋال ،

    – ۋاي – ۋۇي بولدىلا ، پادىچىلار ئىشتىنى كېيەيچۇ ،،

    – بۇگۇن ئالاھىدە كۇن ئىتتىك بولغىنە..

    ئېرىنچەكلىك بىلەن تۇرۇپ ئەينەككە قارىدىم ، توۋا ماڭا كاستۇم بۇرۇلكا خېلە يارىشىدىكەن جۇمۇ ، مۇشۇ كەمگىچە مەن ھېس قىلماپتىمەن دېسە..

    – ئەرفات ، مەن ئالدىرايمەن ماڭغىلى ، ئىشىكىم ئالدىرايدۇ ياتقىلى دەپ ، نېمدا قىلسە، ئاغزىڭنى ئاچە ماۋۇنى يېدىزىپ قوياي ..

    – ھائائائا..

    – ماۋۇ سۇتنى ئىچە ، بولغنە تېز ..
    شۇنداق ئالدىراشلىق ئىچىدە ئادىلەنىڭ ماشىنىسىغا چىقىپ شىركەتكە قاراپ يۇرۇپ كەتتۇق ، شىركەتكە كىرىپ ، ئادىلەنىڭ ئۇختىرىشى بىلەن يىغىن ئېچىلدىغان بولدى ، ئادىلە پۇتۇن خىزمەتچى يىغىلىپ بولغاندا گەپ باشلىدى ..

    – ھۆرمەتلىك كەسىپداشلار ، بۇگۇن مەن يېڭى باش دېرىكتورنى تۇنۇشتۇرماقچى ، بۇياق مېنىڭ يولدىشىم ، ئىسمى ئەرفات ، مەشۇقۇم تورىنىڭ لېدىرى ، مەن ئەمدى ئۆي ئايالى بولىمەن ،..

    ئادىلەنىڭ دېگە بۇ گېپىدىن ھاڭ – تاڭ قالدىم ، نېمە دېيىشىمنى ئۇقالماي تۇرۇپ قالغىنىمدا گۇلدۇر – قاراس چاۋاق ئاۋازى بىلەن مېنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى ..

    – مەن ، نېمە دېيىشىمنى بىلمەي قالدىم ، گەپنى قىسقا قىلاي ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، خىزمەتچى گورۇپا باشلىقىنى ئالدىمىسا ، گورۇپا باشلىقى بۆلۇم باشلىقىنى ، بۆلۇم باشلىقى ئۆزىنىپ ئۇستىدىكى شىركەت مەسئۇلىنى ، مۇشۇ تەرتىپتە شىركەت تەرەققىي قىلسا ، ئىشىنىمەن ، يەنە ئون يىلدا ، ھازىرقى ئاددى خىزمەتچى مەشۇقۇم تور تېخنىكا شىركىتى تارمىقىدىكى چوڭ بىر شىركەتكە ئىگە بولىشىدا گەپ يوق ، شۇنىڭ ئۇچۇن ھەممىمىز تەڭ كۇچ چىقىرايلى ..

    چاۋاك ئاۋازى دېگەم يېغىپ كەتتى ، ئادىلە ئاستا قولىقىمغا پىچىرلىدى ..

    – نەدىن يادىلۋالدىڭ بۇ گەپنى ،

    – ھى ،، ھى مەشۇقۇم تورىنىڭ كۇندىلىك ھېكمەتلىردىن . ئەسقېتىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن ،

    شۇنى دەپ تۇرۇشۇمغا ، قاياقتىندىن ئىكككى ساقچى پەيدا بولدى ،

    – ئەرفات دېگەن قايسىڭ .

    – مەن ، مەن .

    – سېنى مەلۇم جىنايەت بىلەن چېتىشلىقى بار دېگەن گۇمان بىلەن ئەپ كېتىپ سوراق قىلىمىز …



    13-قىسىم تۈگىدى.

    ______________________________________________

    خاككىرنىڭ مۇھاببەت ھېكايىسى ‹‹14-قىسىم››

    تۇرمە ئاشخانىسىنى باشقۇرۇشنى خېلە ئوبدان قاملاشتۇرۇپ كېتىپ بارغىنىمدا مېنى يەنە بۇرۇنقى ئەسكى كامىرغا قايتۇرۋەتتى ، كېيىن بىلسەم ، تۇرمە باشلىقىنىڭ بىر تۇنۇشىنىڭ ئوغلى جىنايەت بىلەن تۇرمىگە كىرگەن بولۇپ ، باشلىق ئاغىنىسىنىڭ يۇزىنى قىلىپ مېنى كامىرغا قايتۇرغان ئىدى ، بۇنىڭدىن ئانچە ھەيرانلىق ھېس قىلمىدىم ، چۇنكى ‹‹قول ئىچىگە ئىگىلىدۇ ›› ئەمەسمۇ .

    مەلۇم بىر كۇنى ھەممە مەھبۇسنى تۇرمە مەيدانىغا يىغىلىشقا بۇيرۇق قىلدى ، يىغىلىپ بولغاندا تۇرمە باشلىقى سۆز قىلىپ مۇنۇلانى دېدى ..

    – بۇگۇندىن باشلاپ بارلىق تۇرمىدىكى بەش ئەزايى ساق ، ئەمگەك كۇچى بارلار تۇرمە كۆتۇرە ئالغا ئېتىزلىققا چىقىپ پاقتا تېرىدىغانلىقىنى ، كىمنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولسا كەچۇرۇم بېرىدىغانلىقىنى ، كىمنىڭ ئىپادىسى ناچار ، ياكى قېچىشقا ئۇرۇلسا جىنايىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردىغانلىقى توغۇرلۇق يۇقۇردىن بۇيرۇق چۇشتى ..

    دېدى تۇرمە باشلىقى ، ئەتىسىدىن باشلاپ ھەممىمىز ئېتىزغا چىقىپ پاقتا تېرىشكە باشلىدۇق ..

    يېڭى چىققان بىر ئىككى كۇن كەچۇرۇم ئېلىش ئۇچۇن جېنىمنى تىكىپ تۇرۇپ پاقتا تەرگەن بولساممۇ ، زادى مەن بىلەن بىر كامىردا تۇرۇدىغان بىرەيلەندىن ئاشالمىدىم ، كېيىن بىلسەم ئۇ خۇمپەر ساقتىلىق ئىشلىتىدىكەن ئەمەسمۇ ، مەنمۇ بۇنداق ھۇنەرلەردىن ئازراق ئۆگىنىۋالدىم ، پاقتا تېرىپ تازا كىچىك تەرىتىم قىستىغاندا خالتىنىڭ ئاغزىنى ئاچاتتىمدە ‹‹ئوزا›› قىلىشقا باشلىدىم ، مۇشۇنداق قىلىپ يۇرۇپ ئەمگەك خۇلاسىسى چىقىردىغاندا مېنىڭ ئىپادەم ئالاھىدە ياخشى بولغانلىق سەۋەپلىك ماڭا تۇلۇق بىر يىل كەچۇرۇپ بەرگەن ئىدى ..

    ئەمگەكمۇ تۇگەپ كامىردا يەنە زىرىكىشلىك كۇنلەر باشلاندى ، شۇنىڭغا ئەكىشىپ مەنمۇ خىيال دۇنياسىغا غەرىق بولدۇم…

    شىركەتتىكى خىزمەتچىلەرگە سۆز قىلىپ تۇرۇشۇمغا ، قاياقتىندىن ئىكككى ساقچى پەيدا بولدى ،

    – ئەرفات دېگەن قايسىڭ .

    – مەن ، مەن .

    – سېنى مەلۇم جىنايەت بىلەن چېتىشلىقى بار دېگەن گۇمان بىلەن ئەپ كېتىپ سوراق قىلىمىز …

    ھەي يىتمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ دېگەندەك ھېچ ئاڭقىرالماي تۇرۇپ قالدىم ، بۇگۇن تۇنجى باشلىدىر بولغان كۇنۇم ئىدى ، ساقچىلارنىڭ يالاپ ئېلىپ مېڭىشى بىلەن ساقچىخانىغا كەلدىم ، ئۇلار مېنى ۋاقتىنچە تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قاماپ قويدى ، ئۆزۇمنىڭ نېمە گۇنا بىلەن بۇيەرگە ئېلىپ كېلىلگىنىمنى بىلەلمىدىم ، بىرەر سائەتتىن كېيىنغۇ دەيمەن ، بىر ساقچى كىرىپ كەلدى ،

    – نېمشقا سېنى ئېلىپ كەلگىنىمىزنى بىلەمسەن ،

    – ياق ، باشلىق

    -سېنى ئۆيۇڭنىڭ ئەتراپىدىكىلەر گۇمانلىق ئادەمگە ئوخشايدىكەن دەپ دىلو مەلۇم قىلدى ، سەن تۇنجى كەلگەن كۇندىن باشلاپ ئۇدا تۆت كۇن ئۆيۇڭدىن چىقماپسەن ..

    نېمە دەي توۋا ، ئەمدى باشقىلاردىن قورقۇپ ئۆيۇمدىن كۇندە چىقىشىم كېرەكمۇ ،

    – شۇنداق باشلىق ، بەك چارچاپ كەتكەچكە دەم ئالدىم .

    – سالاھىيەت گۇۋانامەڭ بارمۇ …؟

    – يېنىمدا يوق ، ئەگەر لازىم بولسا ئايالىم ئەكىلىپ بەرسۇن ،

    – تېلفۇن قىل ، ئىتتىك بولسۇن ،

    ئادىلەگە تېلفۇن قىلىپ ھايال ئۆتمەي ئادىلە كىرىپ كەلدى ، پەرىزىمچە ئۇ مۇشۇ ساقچىخانىنىڭ ئالدىدا مېنى ساقلاپ تۇرغان بولىشى مۇمكىن ، ئادىلەنىڭ كىرىپ سالاھىيەت گۇۋانامىسىنى بېرىشى بىلەن مېنى قويۇپ بەردى ، ساقچىخانىدىن چىقىپ ئۇدۇل ئۆيگە قايىتتىم ، ئادىلە مېنى ئاپىرىپ قويۇپ شىركەتكە ماڭچى . ئۆيدە يېتىپ خىيالغا چۆمدۇم ،

    نېمىشقا كەلگۇلۇكنىڭ ھەممىسى ماڭا كېلىدۇ ، بۇگۇن باشلىدىر بولغان كۇنۇم ئەمەسمىدى ، بىردەمدىلا ئېليار ئۆيگە ئۇنۇپ بولدى ، چۇقۇم ئادىلە ئەۋەتكەن بولىشى مۇمكىن ئىدى ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى ،

    – نۇربىيە بىلەن قالداق بولۇپ كەتتىڭ ،

    – راس گەپ قىلسام ئاداش ، ئۇنىڭ مىجەزى بىلەن چىقىشالمىغىدەكمەن ، يەنە كېلىپ ، بولدى ئۇدۇللا دەۋېرەي ، قايسى كۇنى ئۇنىڭ بىلەن ئىشتىن چۇشۇپ بىردەم ھاراق ئىچىپ كەلگەن ، مەن تاماق يەپ كېلىشنى ئىيتسام ،نۇربىيە قەتتى ماڭا ھاراق ئىچىشىپ بەر دەپ تۇرۇۋالدى ، ئىككىمىز ئىچىپ خېلە تەڭشەلگەندە نۇربىيە سەن بىلەن تۇنۇشقان كۇنلەرنى ئەسلەيدىغانلىقىنى ، سەن بىلەن ئۆتكەن خوشال كۇنلەرنى كەينى -كەينىدىن سۆزلەپ كەتتى ، مەنمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم ، مۇنداقچە قىلىپ دېسەم ئاداش نۇربىيە سېنى ياخشى كۆرىدىكەن ، شۇڭا مەنمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلمىدىم ،

    – نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن ئاغىنە ، مېنىڭ ئايالىم بار ، سەنمۇ بۇنى ئېنىق بىلىسەنغۇ ، ياخشى گەپنى قىلىپ كۆڭلىنى ئېلىۋالساڭ بولمىدىمۇ …

    – لېكىن …. ئۇ سېنى ياخشى كۆردىكەن ،

    – بۇرادەر ، مېنىڭ خۇتۇنۇم بار ، نۇربىيە تېخى ئاغزىدا ياخشى كۆرىمەن دېمەپتىغۇ ، سەن بېرىپ ياخشى سوراپ باق ، سەنمۇ بۇنداق بويتاق يۇرىۋەرمە ..

    – ھە ، قېنى كېيىن بىر گەپ بولار ، ھاراق ئىچىپ كېلەمدۇق …
    – نەگە بېرىپ ،

    – مەنمۇ بىلمىدىم ، خۇتۇنۇڭدىن قورقمىساڭ مۇشۇ ھويلىدىلا ئىچەيلى .

    – سەن مېنى خۇتۇندىن قورقۇدۇ دېمەكچىمۇ ، ئىچسەك ئىچتۇق ، لېكىن سەن مىھمان قىلىسەن ،

    – كېلىشتۇق ،

    ئېليار ھاراق ئالغىلى چىكەتتى ، مەن مىھمانخانا ئۆيدىكى كىروسلوغا سېلىپ قويغان ئەدىيالنى ئېلىپ سۇ ئۇزۇل كۆلىنىڭ سېلىپ قويدۇم ، كۆزپەسلىنىڭ ئاخىرى بولغاچقا پۇتۇن ھويلىنى غازاڭ قاپلاپ كەتكەن ئىدى ، ئېليارمۇ ئۇزۇنغا قالاي ئىككى قولىدا قارا سۇلياۋ خالتىنى كۆتۇرگىنىچە كىرىپ كەلدى ، سېلىپ قويغان ئەدىيالغا بۇ نازۇ نېممەتنى تىزىغاندىن كېيىن سۇرۇننى باشلىدۇق ،ئېليار ھاراقنى خېلە ئەكەلگەن بولۇپ ، بىر قاراشتىن ئىككىمىز بۇگۇن بۇ ھاراقلارنى ئىچىۋەتسەك ئەتىسىمۇ مەسلىكىمىز يېشىلمەيدىغاندەك تۇراتتى ،ئېليار ھاراق قۇيۇشقا باشلىدى ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېغىزىدىن گەپمۇ تەڭ قۇيۇلۇشقا باشلىدى ،

    – ساڭا دېسەم ئەرفات ، ئويلاپ باقساق پۇتۇن ئامەتنىڭ ھەممىسى ساڭا كېلىدىكەن ، ماڭا پۇتۇن نەسچىلىك كېلىدىكەن ، سەنمۇ ئويلاپ باق ، نازىلە نېمىشقا ماڭا تەگمەيدۇ ، نېمىشقا بولاتتى ، شۇ پۇلى يوقكەن دەپ ، لېكىن ئاقىۋەت قانداق بولدى ، ھەي ، ساڭا دېسەممۇ چۇشەنمەيسەن ، بودىلا ھارىقىمنى ئىچەي …

    بۇگۇن مەن دەيدىغان گەپلەرنى ئېليارنىڭ دېۋالغىنى قىززىق ، خانقىز ، ئادىلەنىڭ قورسىقىدىكى بالا ، يەنە بۇگۇنكى تۇنجى باشلىدىر بولغان كۇنۇم نېمىلەرنى كۆرمىدىم ، بۇلارنى ئېليار چۇشەنمەيدۇ ، ئۇ چۇشەنسىمۇ نېمە پايدىسى ، ئېليارغا قاراپ گەپ باشلىدىم ..

    – ئاداش كۆڭلۇڭنى يېرىم قىلما ، نازىلە بولمىسا ، مانا شۇنىڭغا قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان نۇربىيە بارغۇ ..

    – نۇربىيەنىمۇ سەن كەلتۇرۇپ بولۇپسە ،

    ئېليارنىڭ بۇ دېگەن گېپىنى بېششىدا دەماللىققا چۇشۇنەلمىدىم ، ئېليارمۇ دېگەن گېپىنىڭ خاتالىقىنى بىلدى بولغاي ، ھىجىيىپ گەپ باشلىدى ..

    – خاتا سۆزلەپ قويۇپتىمەن ، دېمەكچى بولغۇنۇم ، نۇربىيە ئۆزى سېنى ياخشى كۆرۇپ قاپتۇ ،

    ئۇنىڭ دېمەكچى بولغىننى چۇشەندىم ، ئارتۇق گەپ قىلمىدىم ، چۇنكى ئۇمۇ مەس ، مەنمۇ مەس ، ئىككىمىز گەپ تاكاللاشساق كاللىمىزنىڭ قىززىق ۋاقتىدا بىرەر ئىش چىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ . قاياقتىندۇر نازىلە ماشىنىسىنى ھايداپ ھويلىغا كىرىپ كەلدى ، ماشىنىدىن نازىلە بىلەن نۇربىيە تەڭلا چۇشتى ، نۇربىيە شوخلۇق قىلىپ گەپ باشلىدى ..

    – ئوھۇي ،كاتتا زىياپەت قۇرۇپ كېتىپسىلەرغۇ ، مېنى چاقىرۋېلىشقا كۆڭلۇڭلار ئۇنىمىدىما ..

    نۇربىيە شۇلارنى دېگەچ مېنىڭى يېنىمغا كېلىپ ئايىغىنى سالدى ھەم قېشىمدىلا ئولتۇرۇشقا تەمشەلدىيۇ ، بىرنەرسىنى ھېس قىلغاندەك ئېليارنى قېشىغا بېرىپ ئولتۇردى ، توغرا ئۇ ھېس قىلمىسىمۇ نۇربىيەنىڭ كەينىدىن نازىلە قاراپ تۇراتتى ، نازىلە يېنىمىزغا كېلىپ :

    – سىلەرگە تاماق ئېتىپ بېرەي ، نېمە تاماق يەيسىلەر ..

    دېدى ، نېمىلا دېمىگەن بىلەن مېنىڭ ياخشى كۆرۇڭ ئالغان خۇتۇنۇمدە ، نازىلەنىڭ كۆزىگە قارىدىم ، ئۇنىڭ كۆزىدىن ئەزەلدىن كۆرنمىگەن بىرخىل نۇر كۆرۇندى ، بۇ نېمە ئىش ئەمدى ، بەلكىم مەس بولۇپ قالغاندىمەن ،

    – يەڭگە ، ئاچچىق قىلىپ تۇخۇ خوردىقى قورۇپ بېرىڭە ،

    دېدى ئېليار ..

    نازىلە تاماق ئەتكىلى كىرىپ كەتتى ، نۇربىيە ماڭا قاراپ تۇراتتى ، مەن ئېليارغا قارايتىم ، بۇگۇن بىر ئىش بولىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۇرۇپ ، ئارتۇق گەپ قىلماي جىم ئولتۇردۇم ، ئېليار ھاراق قۇياتى ، مەن ئىچەتتىم ، نۇربىيەمۇ ئىچەتتى ، بىرھازادىن كېيىن نۇربىيە مەس بولۇپ قالدىمۇ قانداق سۆزلەپلا كەتتى ،

    – ئەرفات ، سېنىڭ خۇتۇنۇڭ سېنى ياخشى كۆرىدۇ ،

    ئۇنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشنى خالىماي گېپىنى بۆلىۋەتتىم ،

    – نېمە دەيدىغانسەن نۇربىيە ، مەس بولۇپ قاپسەن ، ئۆيگە كىرىپ ئارام ئال ،

    – مەن مەس ئەمەس ،

    بۇ گەپ بەلكىم پۇتۇن دۇنيادا ئومۇملاشقان گەپ بولىشى مۇمكىن ، ھەرقانداق مەس ئادەمنىڭ يېنىغا بېرىپ ‹‹سەن مەس دېسە›› ئىشىنىمەن ، ھەممىسى ‹‹مەن مەس ئەمەس ››دەيدۇ ..

    ئاستا ئېليارغا قاراپ :

    -نۇربىيەنى ياتاق ئۆيگە ئەكىرىپ قويامدۇق ..

    دېدىم ، ئېليارمۇ :

    – مەن ئەكىرىپ قوياي

    دېگىنىچە نۇربىيەنى كۆتۇرۇشكە تەمشىلىپ ، .ئاستا بىلىنى تۇتتى ، نۇربىيە بولسا قاياقتىندۇر كىچىك قەلەمتۇرىچىنى چىقىرىپ ئېليارنى ئوڭ يوتىسىغا تىقىۋەتتى ، مىنۇت ئىچىدە يۇز بەرگەن بۇ ئىشتىن ھېچنىمىنى ئاڭقىرالماي جايىمدا قېتىپ قالدىم ، ئېليار بولسا يەردە پۇتۇنى تۇتقىنىچە ياتاتتى ، نۇربىيە بولسا خىيالىدا يوق يەنە ھاراق ئىچىپ ئولتۇراتتى ، مۇشۇ ۋاقىتتا مەن بىر ئىشنى بىلىپ يەتتىم ، بەلكىم نۇربىيە مەس بولۇپ قېلىپ ئېليارنىڭ نىيتىنى خاتا چۇشۇنىپ قالغاندۇ ، تۇغۇلغاندىن تاكى ئۆلگەنگە قەدەر ھايات ئۆگىنىش ئىچىدە ئۆتىدىكەن ، لېكىن بىز نېمە ئۆگەندۇق ، سىز نېمە ئۆگەندىڭىز ، نۇربىيە نېمە ئۆگەندىن ، ئەمدى ئېليار بىلەن نۇربىيەنىڭ توي ئىشى مۇمكىن بولماسلىقى مۇقەرەر ئىدى ..

    جاراڭ-جۇرۇڭدىن چۆچۇپ كەينىمگە قارىدىن ، نازىلەنىڭ قولىدا كۆتۇرۇپ چىققان تامىقى يەرگە چۇشۇپ كەتكەن ئىدى ، نازىلەگە قاراپ تۇراتتىم ، نازىلە بولسا ماڭا قايناپلا كەتتى :

    – ھېي ، ئاغىنەڭ قانسىراپ ياتسا مۇشۇنداق ھاراق ئىچىپ ئولتۇرامسەن ،

    شۇئان ئۆزۇمنىڭ تېخىغىچە ئولتۇرغىنىمنى بىلىپ ئورنۇندىن تۇرۇپ ئېليارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدىم ، نازىلە نۇربىيەگە قاراپ قالدى ،

    تەكشۇرۇش ئارقىلىپ چوڭ ئىش يوقلىقىنى پەقەت ئازراق پىچەق تىلىۋەتكەنلىكىنى بىلدۇق ، دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئېليار شىركەتنىڭ ياتىقىغا قايىتتى ، مەن ئۆيگە قاراپ ماڭدىم ، ئۆيگە كىرىپ كۆرمىگە ئىشنى كۆردۇم ..

    نۇربىيە بىلەن ئادىلە بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىۋاتاتتى …

    ئەسلى بېرىپ ئادىلەنىڭ قولىدىن تارتىپ ئۆيگە ئەكىرىپ كېتىشنى ئويلىغان ئىدىم ، لېكىن ئادىلەنى چۇشۇنەتتىم ، ئۇ بىرەر ئىش بولمىسا ئېليار پىچاق يېگەن ھاراق سۇرۇنىدا ھاراق ئىچمىگەن بولاتتى ، ئۇلارنىڭ پارىڭىغا قوشۇلۇپ ئۇچۇن ، ئۇ ئىككىسىنىڭ يېنىغا قاراپ يۇرۇپ كەتتىم

    14-قىسىم تۈگىدى.



    تۆھپىكارلار:


    بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

    مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

    x
    تور بىكىتىمىزدە قەلبىڭىز شاتلانغۇسى
    كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

    سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

    بىكەت باشلىقى

    QQ:3419250388

    نامى:شاتلان تورى

    QQ1群:812447719

    QQ2群:3419250388

    قىززىق لىنىيە كىيۇ كىيۇ

    3419250388

    (工作日:365天
    www.xatlan.cn
    3419250388@qq.com

    بۇ خەتنى چىكىپ ئۇلىنىش قۇشۇڭ-يانفون نۇسخا-قاماقخانا- شاتلان تورى  

    Powered by wzmiao! X3.2© 2001-2013 wzmiao Inc.