تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
يازما
ماتىرىيال تۈرى

كومپىيۇتېر ھەققىدە سىز بىلمەيدىغان سوغۇق بىلىملەر

0
ئىنكاس
601
كۆرۈش
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

120

بايلىق

108

يازما

303

جۇغلانما
 

بېكەت مەسئۇلى

3419250388

ئەزا ئۇچۇرى 
تىزىم نومۇرى: 1
 
يازما سانى:
108
 
تىللا:
120  
تۆھپە:
0
 
جەۋھەر يازما:
15
 
توردا:
130 سائەت
 
ئاخىرقى:
2019-6-17
 
 

كېڭەيتىش ماھىرىتەشۋىقات ماھىرىتېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزاپىشقەدەم ئەزا

 
كومپىيۇتېر دەسلەپكى ئۆيدەك چوڭلۇقتىن بارغانسىرى تەرەققىي قىلىپ ھەممە ئادەمنىڭ ئالقىنىغا چىقتى، ھەتتا بىر تال تۇز دانچىسچىلىك كىچىكلىدى، نانومىتېر تېخنىكىسىدا تېخىمۇ كىچىكلىتىپ ئادەم تىنىگە كىرگۈزۈشنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ. كومپىيۇتېرنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ھازىر كىشىلەرنىڭ خىيالىغا كەلمەيدىغان بەزى ئىشلار بولۇپ ئۆتكەن.


رەسىمدىكىسى IBM شىركىتى ياساپ چىققان ئىككى مىكرو كومپىيۇتېر ئورنىتىلغان تاختا. بىر كومپىيۇتېر بىر پارچە تۇز دانچىسى چوڭلۇقىدا.


1. تۇنجى كومپىيۇتېر پار ماشنىسىدا ھەرىكەتلەندۈرۈلگەن.



ئەنگىلىيەلىك كەشپىياتچى، ھەممە ئېتىراپ قىلغان پىروگرامما ئاتىسى Charles Babbage ‏1834-يىلى تۇنجى مىخانىكىلىق كومپىيۇتېرنى ياساپ چىققان. ئۇ بۇ يېڭى ئۈسكۈنىنى ئانالىز ماتورى دەپ ئاتىغان. ھەجىمى بىر دوم ئۆيدەك چوڭلۇقتا ئىدى. ئالتە دانە پار ماشنىسىدا ھەرىكەتلەندۈرۈلدىغان بولۇپ، تۆشۈك تىشىش ئارقىلىق پروگرامما ئىجرا قىلغان. بۇ «ئانالىز ماتورى» تۆت ئاساسىي قىسىمدىن تەركىب تاپقان. يەنى، ئايلانما دېسكا (ھازىرقى كومپىيۇتېرنىڭ CPU سىغا ئوخشايدۇ) ، ساقلىغۇچ؛ تۆشۈك تىشىپ ئۇچۇر كىرگۈزگۈچ، پىرېنتېر (ئۇ چاغدا ئېكران بولمىغاچقا ھېسابلاش نەتىجىسىنى پىرېنتېردا تۆشۈك تىشىپ چىقىرىپ بېرىدۇ) قاتارلىق ھازىرقى زامان كومپىيۇتېرنىڭ ئاساسى قۇرۇلمىسىنى ھازىرلىغان.

2. تۇنجى كومپىيۇتېر ۋىرۇسى زىيان سېلىش مەقسىتىدە ياسالمىغان.



تارىختا تۇنجى كومپيۇتېر ۋىرۇسىنى مۇداپىئە تېخنىكىسى مۇتەخەسسىسى FredCohen ئۆز قولى بىلەن لايىھەلەپ چىققان.  ئۇنىڭ كومپيۇتېر ۋىرۇسىنى ياساشتىكى مەقسىتى پەقەت پىروگراممىنىڭ كومپيۇتېرغا بولغان يۇقۇملىنىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بولۇپ، ئەزەلدىن بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ كومپيۇتېرغا ھەرقانداق زىيان سېلىشنى ئۈمىد قىلىپ باقمىغان.  لېكىن بۇ پروگرامما كومپيۇتېرنى يۇقۇملاندۇرىدۇ ھەمدە يۇمشاق دىسكا ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان كومپيۇتېرلار ئارىسىدا تارقىلىدۇ، شۇڭا ئۇ ۋىرۇس دەپ ئاتىلىدۇ.  كېيىن، ئۇ يەنە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ يۇقۇملانمىغان ئىجرا ھۆججەتلىرىنى تېپىشقا ياردەم قىلىش ئۈچۈن بىر خىل ئاكتىپ كومپيۇتېر ۋىرۇسىنى ئىجاد قىلدى.

3. تۇنجى پروگراممېر بىر ئايال.



تارىختىكى تۇنجى پروگرامما تۈزگۈچى ئايال.  ئۇ ماتېماتكا ئالىمى Augusta Ada Byron، (ئەنگىيەلىك داڭلىق شائىر بايروننىڭ قىزى) ئىتالىيە ئىنژېنېرى Luigi Menabreaw يازغان ئانالىز ماتورى ماقالىسىنى تەرجىمە قىلغان.  تەرجىمە جەريانىدا ئۇ ئۆز چۈشەنچىسىنى ھەر بىر ماقالىغا ئىزاھلاپ، كومپىيۇتېر پروگرامما تۈزۈش ئۇسۇلىنى بەرپا قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ يەنە 1843-يىلى تۇنجى بولۇپ ماتور ئارقىلىق ھېسابلايدىغان بېرنوللى سانىنى ھېسابلاش ئۇسۇلىنى لايىھىلەپ چىقتى، بۇ تۇنجى بولۇپ كومپيۇتېردا تۈزۈلگەن ئالگورىزم.  (ھېسابلاش ئۇسۇلىغا كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىققان داڭلىق ماتېماتكا ئالىمى ئەل خارەزىمنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئالگورىزم  Algorithm دەپ نام بېرىلگەن)
Ada ‏1952-يىلى 36 يېشىدا راك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.
Augusta Ada نىڭ ھازىرقى زامان كومپىيۇتېر ۋە يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىغا كۆرسەتكەن زور تەسىرىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ، 20 يىلغا يېقىن تەتقىق قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىققان يۇقىرى دەرىجىلىك پىروگرامما تىلىغا Ada تىلى دەپ نام بەردى، ھەمدە تۆتىنچى ئەۋلاد كومپيۇتېر تىلىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى دەپ ئېتىراپ قىلىندى.  

4. تۇنجى كومپىيۇتېر ئويۇنى ھېچقانداق پايدا تاپالمىغان.



ھازىرقى كومپىيۇتېر، يانفون ئويۇنى ئەڭ دىققەتنى تارتىدىغان ساھەنىڭ بىرسى. ئەمما تارىختىكى تۇنجى رەقەملىك كومپيۇتېر ئويۇنى غايەت زور مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان.  تۇنجى كومپيۇتېر ئويۇنى 1962-يىلى بارلىققا كەلگەن، ماسساچۇسېتس تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىدىكى پروگراممېر Steve Russell ۋە ئۇنىڭ گۇرۇپپىسى تۈزۈپ چىققان. بۇ خىل « ئالەم ئۇرۇشى» ئويۇنىدا  ئويۇندا ئىككى ئوينىغۇچى ئالەم كېمىسىنى كونترول قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئالەم كېمىسىگە ئوق تەگكۈزۈش ۋە ۋەيران قىلىش ئۈچۈن تىركىشىدۇ.  Russell ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى بۇ ئويۇندا ھېچقانداق پايدا ئېلىپ باقمىغان، ئەمما بۇ تۇنجى قەدەم ھازىرقى كومپىيۇتېر ئويۇنلىرىنىڭ مۇقەددىمىسنى باشلاپ بەرگەن.

5. پروگراممىدىكى bug راستىنلا «قۇرت» تىن كەلگەن.
bug ئىنگىلىزچە قۇرت دېگەن مەنىدىكى گەپ. ھازىر پروگراممىدىكى ساقلانغىلى بولمايدىغان تېخنىكىلىق خاتالىققا قارىتىلىدۇ.
بۇ ئاتالغۇنى باشتا ئېدىسون 1878-يىلى ئوتتۇرىغا قويغان، لېكىن ئەينى ۋاقىتتا كەڭ تارقالمىغان.  بۇ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە گېنېرالى، كومپىيۇتېر ئالىمى Grace Hopper نىڭ خاتىرە دەپتىرىدە MarkII كومپيۇتېرىدا بايقىغان بىر bug نى يازغان.  بىراق ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ دېگىنى ھەقىقى ھاشارەت ئىدى، چۈنكى بىر پەرۋانە كومپيۇتېرنىڭ رېلې ئىچىگە قاپسىلىپ قېلىپ، كومپيۇتېر مەشغۇلاتىنىڭ نورمال ئىشلىمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك، ئۇ« بۇ مەن كومپىيۇتېردا بايقىغان تۇنجى bug» دەپ يازىدۇ.  



Grace Hopper تۇنجى تۈركۈمدىكى ئايال پروگراممىرلارنىڭ بىرسى. ئۇ تۇنجى قېتىم كود تەرجىمە قىلغۇچ (يۇقىرى دەرىجىلىك تىلدا يازغان پروگراممىنى ماشىنا تىلىغا تەرجىمە قىلىدىغان) A-0 سىستېمىسنى ياساپ چىققان، ھەمدە سودىدا ئىشلىتىدىغان كومپىيۇتېر پروگرامما تۈزۈش تىلى COBOL نى بەرپا قىلغان.

6. پروگرامما تۈزۈش تىللىرىنىڭ سانى ئىنسان تىللىرىدەك كۆپ.



نۆۋەتتە مەلۇم بولغان پروگرامما تۈزۈش تىللىرى 698 خىل. ھەر قانداق بىر دۆلەتتىكى مىللەتلەرنىڭ تىلىدىن ئېشىپ كېتىدۇ.




بۇ مەزمۇن ئالىپ تورىدىن ئېلىندى مەنبەنى ئۆزگەرتىپ تارقىتىشقا بولمايدۇ

تۆھپىكارلار:


بۇ يازمىدا كۆپ ۋاستىلىك مەنبەلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىز ئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ياكى چۈشۈرەلەيسىز . تېخى تىزىملاتمىغانمۇ؟ تىزىملىتىڭ

x
تور بىكىتىمىزدە قەلبىڭىز شاتلانغۇسى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالاھىدە ئەسكەرتىش :شاتلان تور تېخنىكا ماتىرىيال ئامبىرى بىكىتىمىز ھەرقايسى ساھەلەردىكى تور تېخنىكىغا ئائىت بىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ دوسلىرىمىزغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.ھەمدە تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى توپلاش ئۈچۈن تېخنىكىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى باشقا تېىخنىكا بىكەتلىرىدىن جۇغلىدۇق.شۇجەرياندا بىزدە كۈرۈلگەن سەۋەللىك بولسا ياكى نەشىر ھۇقۇقۇمىزغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز.بىكەت باشلىقى كىيۇ كىيۇ:3419250388

بۇ خەتنى چىكىپ ئۇلىنىش قۇشۇڭ-يانفون نۇسخا-قاماقخانا- شاتلان تورى  

by-xatlan xatlan! X3.2© 2018-2019 xatlan Inc.  

<