تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
يازما
ماتىرىيال تۈرى

كۆز ئەتراپى قارىداشنى كېسەلگە قاراپ يەڭگىللىتىش كېرەك

0
ئىنكاس
299
كۆرۈش
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

120

بايلىق

108

يازما

303

جۇغلانما
 

بېكەت مەسئۇلى

3419250388

ئەزا ئۇچۇرى 
تىزىم نومۇرى: 1
 
يازما سانى:
108
 
تىللا:
120  
تۆھپە:
0
 
جەۋھەر يازما:
15
 
توردا:
130 سائەت
 
ئاخىرقى:
2019-6-17
 
 

كېڭەيتىش ماھىرىتەشۋىقات ماھىرىتېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزاپىشقەدەم ئەزا

 
 كۆز ئەتراپى قارىداش ئادەمنىڭ چىرايىنى خۇنۈك كۆرسىتىپ قويىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆز ئەتراپى قارىداپ قالسا، ناھايىتى تەستە يوقايدۇ. كۆز ئەتراپى قارىداشنى يوقىتىشتا، ئالدى بىلەن شەكىللىنىش سەۋەبى، تۈرىنى ئېنىق ئايرىپ، ئاندىن «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش»كە بولىدۇ.


  تېرە بوشاپ كەتسە، كۆز ئەتراپى قارىداپ قالىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تېرە بوشايدۇ، كۆز ئەتراپىدىكى تېرە ئېلاستىكىلىقىنى يوقىتىپ، كۆز ئاستى تەدرىجىي قارىدايدۇ. شۇڭا تېرە ئاسرىغاندا تېرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرىدىغان كۆز مەلھىمى ئىشلىتىش، دائىم كۆز ئەتراپىنى ئۇۋۇلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىششىق كۆز ئەتراپى قارىداشنى ئېغىرلىتىۋېتىدىغان بولغاچقا، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، ئۇخلاشتىن بۇرۇن سۇنى كۆپ ئىچىش، تېتىتقۇلىرى كۆپ تاماق يېيىش قاتارلىق ئىششىقنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان ئادەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك.


  قان ئايلىنىش راۋان بولمىسا، كۆز ئەتراپى كۆكىرىپ قالىدۇ. كۆز ئەتراپىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى راۋان بولمىسا، كۆز ئەتراپى كۆكۈچ قارا رەڭدە بولۇپ قالىدۇ. قان ئازلىق، كۆز ئۇزاق مۇددەت چارچاش، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىنىڭ ھەممىسى قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۈز قىسمى ۋە باش تېرىسىنى ئۇۋۇلاش، ئىسسىق لۆڭگە يېقىش ياكى ئىسسىق كۆز توسقۇچ تاقاش، پۈتۈن بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش، دائىم ئىسسىق سۇدا يۇيۇنۇشمۇ يۇقىرىقىدەك كۆز ئەتراپى كۆكۈرۈش ئەھۋالىنى ياخشىلايدۇ.


  پىگمېنتلار چۆكۈپ قالسا، كۆز ئەتراپى قوڭۇر رەڭدە بولۇپ قالىدۇ. دائىم كۆزنى ئۇۋۇلاش، ئۇلترا بىنەپشە نۇرىنىڭ چۈشۈشى قارا پىگمېنتنى كۆز ئەتراپىغا چۆكتۈرىدۇ، بۇ داغنىڭ بىر خىلى. شۇڭا كۆز گىرىمى قىلغاندا ھەرىكىتى سىلىق بولۇش؛ سىرتقا چىققاندا ئاپتاپتىن ساقلىنىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش، ئۇلترا بىنەپشە نۇرى كۈچلۈك بولغاندا ئاپتاپتىن توسۇش كۆزەينىكى تاقاش؛ ئاقارتىش ئۈنۈمى بولغان تېرە ئاسراش مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر كۆز ئەتراپى زىيادە سەزگۈرلىشىپ، قىچىشىپ، ياللۇغلىنىپ، دائىم كۆزنى ئۇۋۇلىغاندا، پىگمېنتلارنىڭ چۆكمە بولۇپ قېلىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك. (خۇ جېن)


  جۇڭگو ئاياللار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى.









ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ


خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ


مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

تۆھپىكارلار:


تور بىكىتىمىزدە قەلبىڭىز شاتلانغۇسى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالاھىدە ئەسكەرتىش :شاتلان تور تېخنىكا ماتىرىيال ئامبىرى بىكىتىمىز ھەرقايسى ساھەلەردىكى تور تېخنىكىغا ئائىت بىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ دوسلىرىمىزغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.ھەمدە تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى توپلاش ئۈچۈن تېخنىكىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى باشقا تېىخنىكا بىكەتلىرىدىن جۇغلىدۇق.شۇجەرياندا بىزدە كۈرۈلگەن سەۋەللىك بولسا ياكى نەشىر ھۇقۇقۇمىزغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز.بىكەت باشلىقى كىيۇ كىيۇ:3419250388

بۇ خەتنى چىكىپ ئۇلىنىش قۇشۇڭ-يانفون نۇسخا-قاماقخانا- شاتلان تورى  

by-xatlan xatlan! X3.2© 2018-2019 xatlan Inc.  

<