تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
يازما
ماتىرىيال تۈرى

ئىجتىمائىي پەن مۇھىممۇ ياكى تەبىئىي پەن مۇھىممۇ؟

0
ئىنكاس
258
كۆرۈش
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

120

بايلىق

108

يازما

303

جۇغلانما
 

بېكەت مەسئۇلى

3419250388

ئەزا ئۇچۇرى 
تىزىم نومۇرى: 1
 
يازما سانى:
108
 
تىللا:
120  
تۆھپە:
0
 
جەۋھەر يازما:
15
 
توردا:
130 سائەت
 
ئاخىرقى:
2019-6-17
 
 

كېڭەيتىش ماھىرىتەشۋىقات ماھىرىتېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزاپىشقەدەم ئەزا

 
 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئارقا كۆرۈنۈشى:

  ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلاپ قالدى، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئىجتىمائىي پەن ياكى تەبىئىي پەننىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر كۆرۈلدى. مەلۇم بىر ئاخبارات ژۇرنىلىدا «جەمئىيەتنىڭ چۈشكۈنلىشىشى ئىجتىمائىي پەننى كەمسىتىشتىن باشلىنىدۇ» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى، ئاپتور شەخسىي كەچۈرمىشىنى چىقىش قىلىپ، ئىجتىمائىي پەننى كەمسىتىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتتىن قاتتىق ئازابلانغان. يەنە بىر تەرەپتىن، جەنۇبتىكى بىر شەھەرنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى نۇتۇق سۆزلىگەندە: «ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگەنسەك جاھاندا ھېچنېمىدىن قورقمايمىز» دېگەننى قايتا تەكىتلەش زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

  جۇڭگو ياشلار گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ۋاڭ جوڭنىڭ كۆز قارىشى: ئىجتىمائىي پەنلەرنى كەمسىتىشكە بولغان ئەندىشە ئەمەلىيەتتە تارىخ ۋە رېئاللىققا نىسبەتەن ئېغىشلارنى تۈزىتىش، ئۆتمۈشتىكى تەجرىبە ۋە ساۋاقلارنى يەكۈنلەشتۇر؛ «ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىش»نى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇش ھازىرقى جۇڭگو دۇچ كېلىۋاتقان تاشقى مۇھىت بېسىمى ۋە ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. كەيپىيات ۋە شۇئارلار جەمئىيەتنىڭ سېزىمچانلىقى ئارقىلىق كەمتۈكلۈكنى تولدۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، لېكىن زور دەرىجىدە تەۋرەنسە چەكتىن ئېشىپ كېتىدۇ. ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەنلەرنىڭ ئىجتىمائىي قىممىتىنى ئۆلچەشتە، «ياكى ئۇ، ياكى بۇ» دەيدىغان بىر تەرەپلىمە قاراشتىن ساقلىنىش، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ چوڭ ئەندىزىسىدىن چىقىش قىلىپ ئويلىنىش كېرەك.

  مەسىلەن، بەزى كىشىلەر ئادىمىيەت ئىجتىمائىي پەن تۈرىدىكى ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش، ئىش ھەققى تۆۋەن بولۇشنى باھانە قىلىپ، ئىجتىمائىي پەن كەمسىتىلدى، دەپ قارايدۇ، بۇنىڭدا بەلكىم سەۋەب- نەتىجە ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئوخشاش بولمىغان ئىش ئورۇنلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى ۋە مائاش سەۋىيەسىدە تەبىئىي ھالدا بازارلاشقان تەڭشەش مېخانىزمى بار، ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر پەن سۈنئىي ھالدا كەمسىتىلگەنلىكتىن، مۇناسىپ ئىش ئورنى مائاش سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەھۋالدا، بازار خىزمەت ئورنىنىڭ ئېھتىياجىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ. «ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە بىلىملىرىنى ياخشى ئۆگىنىش»نى قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشتا، مەنپەئەتپەرەسلىك يولىغا قايتماسلىق كېرەك. ئىلىم-پەن ۋە ئەقىل- ئىدراك − ئىجتىمائىي مەدەنىيلىكنىڭ ئېقىمى، يېڭىلىق يارىتىش روھى − جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ كاتالىزاتورى.

  ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى ئىلىم-پەن بىلەن ئادىمىيەت ئەمەلىيەتتە بىر يول. ئىلمىي تەرەققىيات ئادىمىيەت ئاساسىدىن ئايرىلالمايدۇ؛ ئىجتىمائىي پەنلەرمۇ پەن تەتقىقات ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز كىرگۈزۈپ، ئىنسانىي غەمخورلۇقنى ئىجتىمائىي رېئاللىقنىڭ ماھىيىتىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ. يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ناھايىتى تېزلا پەن ۋە كەسىپنىڭ مۇھىم تاللىشىغا دۇچ كېلىدۇ. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مەيلى تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى كەسپىنى تاللىسۇن ياكى ئادىمىيەت ئىجتىمائىي پەن كەسپىنى تاللىسۇن، ھەممىسىدە كەسپىي ئالاھىدىلىكنى تولۇق چۈشىنىش ئاساسىدا شەخسىي ئىرادىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قارارىغا يۈز كېلەلىشى كېرەك. ئومۇمىي قىلىپ ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەنلەردىن قايسىسى ئەڭ مۇھىم، دەپ يۇقىرى-تۆۋەنلىك تالىشىش يۈزەكى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى رېئال ئېھتىياجدىن ئاجراپ كېتىدۇ.

  شياۋجياڭ مۇلاھىزىسى:

  لۇشۈننىڭ «دوختۇرلۇقنى تاشلاپ، ئادەبىيات بىلەن شۇغۇللىنىش» ھەققىدىكى ھېكايىسىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئۇ مېدىتسىنادا گەرچە ئادەمنىڭ كېسىلىنى داۋالىغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئادەمنىڭ روھىنى ئويغىتالمايدىغانلىقىنى بايقىغان. لۇشۈن قەلەمنى قورال قىلىپ، كونا جەمئىيەتتىكى رەزىللىكلەرنى سۆكۈپ، بەزى جۇڭگولۇقلارنىڭ ناچار ماھىتىنى ئېچىپ تاشلاپ، «مىللىي روھ» دەپ تەرىپلىگەن. «دۈشمەنلەرگە قاتئىي تىز پۈكمەي، باش ئېگىپ خەلققە تۆھپە قوشۇش» لۇشۈننىڭ ئۆمۈرلۈك كارتىنىسى.

  لۇشۈننىڭ «تېبابەتچىلىكتىن ۋاز كېچىپ ئەدىبكە ئۆتۈش»ى بىلەن ماس كېلىدىغىنى چيەن ۋېيچاڭنىڭ «ئىجتىمائىي پەندىن ۋاز كېچىپ، تەبىئىي پەن بىلەن شۇغۇللىنىش» ھېكايىسىدۇر.

  1931-يىلى چيەن ۋېيچاڭ خەنزۇ تىلى، تارىخ ئىككى پەننىڭ ھەر ئىككىسىدىن 100 نومۇر ئېلىشتەك نەتىجىسى بىلەن چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن، ئۇ فىزىكا ئىمتىھانىدا ئاران بەش نومۇر ئالغان، ماتېماتىكا ۋە خىمىيە ئىمتىھانىدا جەمئىي 20 نومۇر ئالغان. «18-سېنتەبىر ۋەقەسى»دىن كېيىن، چيەن ۋېيچاڭ تارىخ ئۆگەنمەي، ئايروپىلان ۋە زەمبىرەك ياساشنى ئۆگىنىش نىيىتىگە كەلگەن. فىزىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ يۇشۈن ئۇنى رەت قىلغان، چيەن ۋېيچاڭنىڭ جاھىللىق بىلەن قايىل قىلىشى ئارقىسىدا ئۇنى قوبۇل قىلغان، ئوقۇش پۈتكۈزگەندە، چيەن ۋېيچاڭ فىزىكا فاكۇلتېتىدىكى نەتىجىسى ئەڭ ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالغان. كېيىن ئۇ «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ»نىڭ تۆھپىكارى بولغان.

  لۇشۈن بىلەن چيەن ۋېيچاڭ ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەننى تاللاشتا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان يول تۇتقان، ئۇلارنىڭ ۋاز كېچىشى ۋە ئىنتىلىشىنىڭ ئۆزىگە خاس قائىدىسى بار، ئۇلار ئۆزلىرى تاللىغان يول ۋە نىشانغا قاراپ جاھىللىق بىلەن ماڭدى. يول ئوخشىمىسىمۇ نىشانى ئوخشاش ئىدى، ئۇلار دۆلەت ۋە مىللەت ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. ھازىر، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ روھى بولمىسا بولمايدۇ. مەدەنىيەت-سەنئەت خىزمىتى، پەلسەپە- ئىجتىمائىي پەنلەر خىزمىتى يىلتىزنى تەربىيەلەپ، روھنى ئۇرغۇتىدىغان خىزمەت بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىدە ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  يېقىندا، ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى قوزغاپ، خۇاۋېينى جازالىدى ۋە قاتتىق بېسىم ئىشلەتتى، بۇ دەل خۇاۋېي ۋەكىللىك قىلغان «جۇڭخۇا ئەقىل- پاراسىتى» ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئامېرىكىلىقلارنى ھەسەت قىلدۇرغانلىقىدىندۇر. شۇڭا، ئىجتىمائىي پەن ياكى تەبىئىي پەننىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىش راستىنلا مۇھىممۇ؟

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
تۆھپىكارلار:


تور بىكىتىمىزدە قەلبىڭىز شاتلانغۇسى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالاھىدە ئەسكەرتىش :شاتلان تور تېخنىكا ماتىرىيال ئامبىرى بىكىتىمىز ھەرقايسى ساھەلەردىكى تور تېخنىكىغا ئائىت بىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ دوسلىرىمىزغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.ھەمدە تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى توپلاش ئۈچۈن تېخنىكىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى باشقا تېىخنىكا بىكەتلىرىدىن جۇغلىدۇق.شۇجەرياندا بىزدە كۈرۈلگەن سەۋەللىك بولسا ياكى نەشىر ھۇقۇقۇمىزغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز.بىكەت باشلىقى كىيۇ كىيۇ:3419250388

بۇ خەتنى چىكىپ ئۇلىنىش قۇشۇڭ-يانفون نۇسخا-قاماقخانا- شاتلان تورى  

by-xatlan xatlan! X3.2© 2018-2019 xatlan Inc.  

<