تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
يازما
ماتىرىيال تۈرى

ئۈندىداردىكى بۇ تەڭشەكنى ئېتىۋەتسىڭىز پۇلىڭىز تېخىمۇ بىخەتەر

0
ئىنكاس
252
كۆرۈش
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

120

بايلىق

108

يازما

303

جۇغلانما
 

بېكەت مەسئۇلى

3419250388

ئەزا ئۇچۇرى 
تىزىم نومۇرى: 1
 
يازما سانى:
108
 
تىللا:
120  
تۆھپە:
0
 
جەۋھەر يازما:
15
 
توردا:
130 سائەت
 
ئاخىرقى:
2019-6-17
 
 

كېڭەيتىش ماھىرىتەشۋىقات ماھىرىتېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزاپىشقەدەم ئەزا

 
ئۈندىداردىكى بۇ تەڭشەكنى ئېتىۋەتسىڭىز پۇلىڭىز تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ
مەنبە تېخنىكام سالونى
پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتتى، سىرتقا چىققاندا بىر يانفون بولسىلا كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، يۈرۈش-تۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ، ئىنتايىن قولايلىق. بۇنىڭ ئۈستىگە كۆچمە چىقىم قىلىشنىڭ تۆھپىسى ئىنتايىن زور، كۆچمە چىقىم قىلىش ئەمەلىيەتتە ئۇنچىلىك «يامان» ئەمەس ئىدى، ئىلگىرى پەقەت توردىلا چىقىم قىلغىلى بولاتتى، كېيىن خەلققە قولايلىق بەزى ئىقتىدارلار سەپلىنىپ، ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن. ھازىر قارىماققا ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندەك كۆرۈنىدۇ، سىملىق توردا ۋە كۆچمە توردا كۆچمە چىقىم قىلىشقا بولىدىغان بولۇپ كەتتى.
دۆلەت ئىچىدىكى كۆچمە پۇل تۆلەش سۇپىسى ئاساسلىقى چىقىمدان ۋە ئۈندىدار، چىقىمدان ئارقىلىق كۆچمە چىقىم قىلىش بىر قەدەر بالدۇر قوللىنىلغان، ئابۇنت مىقدارىمۇ ھەممىدىن كۆپ، ئۈندىدار ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىنىڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ كۆچمە چىقىم قىلىش ئىقتىدارىنى زورايتقان. گەرچە سۇپا ئوخشىمىسىمۇ، ئەمما ئىشلەتكەندە ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. ئەمما ئادەتتە ئىشلەتكەندە يەنىلا دىققەت قىلىش كېرەك، نېمىلا دېگەن بىلەن بۇ بىزنىڭ بايلىقىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئۈندىدار ئىشلەتكۈچىلەرمۇ ئۈندىدارنى پەقەت ئىجتىمائىي ئالاقە ئۈچۈنلا ئەمەس، ئاساسلىقى پۇل تۆلەش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىدۇ، ئۇنداقتا ئۈندىدار ئىشلەتكۈچىلەر بۇ خىلدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرگەندە چوقۇم دىققەت قىلىشى كېرەك، بولمىسا سىستېما «يوللۇق» يولدا ھەق تۇتىدۇ، لېكىن ھەر ئايدا تۇتۇلىدىغان بۇ «يوللۇق» ھەقلەرنى ئۈندىدارنىڭ بەزى ئىقتىدارلىرىنى ئېتىۋەتكەندە ساقلىنىپ قالغىلى بولىدۇ، ئۇنداقتا بىرلىكتە قاراپ باقايلى.

ئېلاننى بىر بېسىۋېتىپ ئۈتۈپ كەتكەن بولسىڭىز




ھازىر ئىنتېرنېت تورى مەھسۇلاتلىرى مۇلازىمىتى ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، ئەزا بولۇشنى ئېلىپ ئېيتساق، ئەزا بولۇشمۇ ھەقسىز بولمايدۇ، ھەق تاپشۇرغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئەزا بولغىلى بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن ئۈندىدار ئابۇنتلىرى بىۋاسىتە ئۈندىدار ئارقىلىق ھەق تاپشۇرىدۇ، ئىشلىتىش جەريانىدا سىستېما مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئاپتوماتىك ھالدا داۋاملىق ھەق تاپشۇرۇش ئىقتىدارى ئىچىلىدۇ، يەنە ئابۇنتلارغا بىر پارچە ئۇچۇرنى ئەۋەتىدۇ، شۇڭا بۇنداق ئۇچۇرنى كۆرگەندە سىستېما ئاپتوماتىك ھەق تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئىچىۋېتىدۇ، گەرچە سوممىسى ئاز بولسىمۇ، لېكىن بانكا كارتىسىدىن بىلىپ-بىلمەي خېلى پۇلىمىز ئازلاپ كېتىدۇ، كۆڭلىمىزدە بۇنىڭدىن يەنىلا ئەنسىرەيمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار مۇشۇ خىل ۋاسىتىلارنى قوللىنىپ ئابۇنتلارنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلايدۇ.
ئەمەلىيەتتە بىز بۇ تەڭشەكنى ئېتىۋەتسەكلا بولىدۇ، يەنى【ئۈندىدار】【微信】 نىڭ 【مەن】【我】 دېگەن تۈرگە كىرىپ،【ھەق تۆلەش】【支付】دېگەن تاللاش تۈرىنى باسىمىز، كىرگەندىن كېيىن ئوڭ تەرەپ ئۈستى بۇرجەكتىكى ئۈچ دانە چېكىتنى باسىمىز، كىرگەندىن كېيىن【ئاپتوماتىك ھەق تۇتۇش】【自动扣费】 دېگەن تاللاش تۈرى بار، ئاشۇ تاللاش تۈرىگە كىرگەندىن كېيىن ئىچىدىكى ئاپتوماتىك ھەق تۇتۇش تۈرىنى بىكار قىلىۋەتسىلا بولىدۇ، بۇ سىزنىڭ ئىنتېرنېت تورى مۇلازىمىتى بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمىڭىز بولغاچقا، شۇڭا ئۇنى ئېتىۋەتمىسىڭىز، ئۇلار «يوللۇق» ئاساستا ھەق تۇتىدۇ.

ھازىر كۆچمە چىقىم قىلىش ناھايىتى قولايلىق بولۇپ كەتتى، ئەمما بۇنىڭغا ئەگىشىپ «ھىيلە-مىكىرلەر» مۇ بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىدى، ئاپتوماتىك ھەق تۇتۇش گەرچە بەزىدە ناھايىتى قولايلىق بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ رۇخسىتىمىزنى ئالمايلا ھەق تۇتقاندەك، ھېچقانداق بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوقتەك ھېس قىلىمىز، كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئىشقا دىققەت-ئېتىبارىنى ئاغدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

سالونىمىز سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى قانداراق سالون ، ئاستىغا سۆز قالدۇرۇپ سالونىمىزنى بىر باھالاپ بېقىڭ

تۆھپىكارلار:


تور بىكىتىمىزدە قەلبىڭىز شاتلانغۇسى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالاھىدە ئەسكەرتىش :شاتلان تور تېخنىكا ماتىرىيال ئامبىرى بىكىتىمىز ھەرقايسى ساھەلەردىكى تور تېخنىكىغا ئائىت بىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ دوسلىرىمىزغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.ھەمدە تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى توپلاش ئۈچۈن تېخنىكىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى باشقا تېىخنىكا بىكەتلىرىدىن جۇغلىدۇق.شۇجەرياندا بىزدە كۈرۈلگەن سەۋەللىك بولسا ياكى نەشىر ھۇقۇقۇمىزغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز.بىكەت باشلىقى كىيۇ كىيۇ:3419250388

بۇ خەتنى چىكىپ ئۇلىنىش قۇشۇڭ-يانفون نۇسخا-قاماقخانا- شاتلان تورى  

by-xatlan xatlan! X3.2© 2018-2019 xatlan Inc.  

<