تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
يازما
ماتىرىيال تۈرى

ئۈندىدار ھەققىدە سىز بىلمىسىڭىز بولمايدىغان ئىككى بىلىم

0
ئىنكاس
276
كۆرۈش
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

120

بايلىق

108

يازما

303

جۇغلانما
 

بېكەت مەسئۇلى

3419250388

ئەزا ئۇچۇرى 
تىزىم نومۇرى: 1
 
يازما سانى:
108
 
تىللا:
120  
تۆھپە:
0
 
جەۋھەر يازما:
15
 
توردا:
130 سائەت
 
ئاخىرقى:
2019-6-17
 
 

كېڭەيتىش ماھىرىتەشۋىقات ماھىرىتېما ماھىرىمۇنەۋۋەر مەسئۇلمۆھتىرەم ئەزاپىشقەدەم ئەزا

 
يانفون نومۇرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا ئۈندىدار نومۇرىمۇ ئورگان تەرەپتىن يۇيۇلۇپ كېتەمدۇ؟
ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ۋە خىزمىتى ئۈندىداردىن ئايرىلالمايدىغان بولۇپ قالدى. ئىشىنىمەنكى كۆپ قىسىم ئابۇنتلارنىڭ ئۈندىدارى شۇ كىشىنىڭ يانفون نومۇرىغا باغلانغان. لېكىن يانفون نومۇرى بىكار قىلىنىپ كېتىپ قالسا، ئۇنىڭغا باغلانغان ئۈندىدار نومۇرىنى يەنە ئىشلەتكىلى بولامدۇ؟
ئەگەر ئىشلەتكەن ئۈندىدارىڭىزنى بىۋاستە يانفون قىسقا ئۇچۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ تىزىملىتىپ كىرىدىغان بولسىڭىز، ھەمدە ئۈندىدار نومۇرىڭىزنى ياكى QQ ئېلخەت ساندۇقى بىلەن باغلىمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا بۇ ئۈندىدارغا يەنە بىر قېتىم كىرگىنىڭىزدە، دەلىللەشتىن ئۆتەلمەسلىكى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يانفون نومۇرى تىزىمدىن ئۆچۈرۈلۈپ كېتىپ يەنە بىر قېتىم باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن قويۇپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا دەلىللەش نومۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغىلى بولمايدۇ. بۇنداق بولغاندا سىز يانفونىڭىزنى ئالماشتۇرغان ۋاقىتتا، يېڭى يانفونىڭىزدا بۇرۇنقى ئۈندىدار نومۇرىڭىزنى تىزىملىتىپ كىرەلمەيسىز.
ئۈندىدار نومۇرىنى QQ ئارقىلىق كىرگىلى بولىدىغان قىلىپ تەڭشىگەن بولسىڭىز، يانفون نومۇرىڭىز تىزىمدىن ئۆچۈرۈلگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا داۋاملىق ئۈندىدارىڭىزغا تىزىملىتىپ كىرەلەيسىز. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئېلخەت ساندۇقى ئارقىلىقمۇ تىزىملىتىپ كىرسىڭىز بولىدۇ. شۇڭا ئۈندىدار ئىشلەتكەندە ئۈندىدار نومۇرىنى ئەڭ ياخشىسى پەقەت يانفون نومۇرىغىلا باغلاپ قالماي، تاساددىپىي ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى يەنە QQ ۋە ئېلىكتىرونلۇق خەت ساندۇقىڭىزغىمۇ باغلاپ قويسىڭىز تېخىمۇ بىخەتەر بولىدۇ.

ئېلاندىن كىيىن يەنە بىر يازمىنىزغا ئۈتەيلى

يانفون يۈتۈپ كەتسە ئۈندىدار ھېسابات نومۇرىنى قانداق قىلىمىز؟ ئامالى بۇ يەردە
يانفون ئاللىقاچان ئىستېمالچىلار تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە دېگۈدەك چوڭقۇر سىڭىپ كىرىپ بولدى. ئىلگىرى ئاچقۇچ ۋە پورتمالنى ئالماي ئۆيدىن چىقمايتۇق، ھازىر ئەمدى ئاچقۇچ بىلەن يانفوننى ئېلىۋالساقلا بولىدىغان بولۇپ قالدى. پۇل تۆلەش ئۇسۇلىمۇ نەق پۇل تۆلەشتەك «ئىپتىدائىي» ئۇسۇلدىن كۆچمە چىقىم قىلىش ئۇسۇلىغا ئۆزگەردى، ئۈندىدار ھازىر كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئىشلىتىدىغان ئالاقە يۇمشاق دېتالى ۋە چىقىم قىلىش قورالىغا ئايلاندى. ئۇنداقتا، ئەگەر يانفون يۈتۈپ كەتسە، ئۈندىدار ھېسابات نومۇرىنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ناۋادا قارشى تەرەپ ئۈندىداردىكى پۇلنى يۆتكىۋالسا ياكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرگە ھېكايە توقۇش ئارقىلىق ئالدامچىلىق قىلسا قانداق قىلىش كېرەك؟ تۆۋەندىكى بىر قانچە ماھارەتنى ئۆگىنىۋالسىڭىزلا، باشقىلارنىڭ پۇلىڭىزنى «ئوغرىلاپ» كېتىشىدىن قورقمىسىڭىزمۇ بولىدۇ!
1. SIM كارتىسىنى ئىناۋەتسىز قىلىش
يانفونىڭىز يۈتۈپ كەتسە ھەرگىز ھودۇقۇپ كەتمەڭ، بىرىنچى قەدەمدە، تېلېفون بېرىپ، يانفونىڭىزنىڭ يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىپ تېلېفون نومۇرىڭىزنى توڭلاتقۇزۇڭ! ھازىر ئۈندىدار ۋە چىقىمدان قاتارلىق يۇمشاق دېتاللارنىڭ ھەممىسىگە قىسقا ئۇچۇردا دەلىللەش نومۇرىغا ئېرىشىش ئارقىلىق كىرگىلى بولىدۇ ھەم مەخپىي نومۇر ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، شۇڭا يانفون يۈتۈپ كەتكەندىن كېيىنكى تۇنجى قەدەمدە تېزدىن يۈتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىپ، يان تېلېفون نومۇرىنى ۋاقتىنچە توڭلىتىپ، باشقىلارنىڭ ئۈندىدار نومۇرىمىزدىن پايدىلىنىپ ئالدامچىلىق قىلىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك.
2. ئۈندىدار نومۇرىنى توڭلىتىش
يان تېلېفون نومۇرىنى توڭلاتقاندىن كېيىن، باشقا ئالاقىلىشىش قورالى ئارقىلىق تېڭشۈن مۇلازىمەت تېلېفونىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇنىڭ ياردىمىدە يۈتكەن يانفوندىكى ئۈندىداردىن چېكىنىپ چىققىلى بولىدۇ. ياكى تېخىمۇ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن يەنە بىر يانفوندا بىۋاستە ئۈندىدارغا چىقىش كېرەك، ئەگەر يېنىمىزدا يانفون بولمىسا ياكى قارشى تەرەپنىڭ مەخپىي نومۇرنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى بايقىساق، توردا ئۈندىدار بىخەتەرلىك مەركىزىگە بىۋاستە كىرىپ، ھېسابات نومۇرىنى توڭلىتىش ئىقتىدارىنى تاپقاندىن كېيىن، توڭلاتماقچى بولغان ئۈندىدار نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، ئالاقىدار بىخەتەرلىك دەلىللەش ئۇسۇلىنى تاللاپ سالاھىيەت دەلىللەش ئارقىلىق توڭلىتىشنى تاماملىشىمىز كېرەك.


ئادەتتىكى ئەھۋالدا QQ نومۇرى، يانفون نومۇرى ياكى بانكا كارتىسى ۋە ياكى چىراي پەرقلەندۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق سالاھىيەت دەلىللەشكە بولىدۇ. بۇ ئىككى تەرتىپ بويىچە ماڭغاندا ئۈندىدار ھېسابات نومۇرىنى بىۋاستە توڭلىتىپ قويغىلى بولىدۇ. ئەگەر توڭلىتىشنى بىكار قىلماقچى بولساق، بۇمۇ ناھايىتى ئاددىي، ئوخشاشلا ئۈندىدار بىخەتەرلىك مەركىزىگە كىرىپ، «تېخىمۇ كۆپ ئىقتىدارلار» نى تاللاپ، ئېرىتمەكچى بولغان ئۈندىدار ھېسابات نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، ئوخشاش باسقۇچتىكى سالاھىيەت دەلىللەشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ئېرىتىش تاماملىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، يانفون ئوغرىلانغان ياكى يۈتۈپ كەتكەن ھامان، ئەڭ ياخشىسى ئامال تېپىپ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەرنى خەۋەرلەندۈرۈپ، قارشى تەرەپكە ئالدىنىپ قالماسلىقنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەك. بولمىسا ئاتا-ئانىمىز ياكى دوستلىرىمىز قارشى تەرەپكە ئالدىنىپ، زىيان كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، يانفونغا ئەڭ ياخشىسى مەخپىي نومۇر بېكىتىش كېرەك، مەيلى قۇلۇپ مەخپىي نومۇرى بولسۇن ياكى چىقىم قىلىش مەخپىي نومۇرى بولسۇن، ئەڭ ياخشىسى «123456» ياكى «666666»، «888888» دېگەندەك ھاماقەت سانلارنى مەخپىي نومۇر قىلماسلىق كېرەك. ئۆز شەخسىيىتىمىزگە ۋە مال-مۈلكىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىدە ئېھتىياتچان بولىشىمىز كېرەك.


تۆھپىكارلار:


تور بىكىتىمىزدە قەلبىڭىز شاتلانغۇسى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىڭ

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ئالاھىدە ئەسكەرتىش :شاتلان تور تېخنىكا ماتىرىيال ئامبىرى بىكىتىمىز ھەرقايسى ساھەلەردىكى تور تېخنىكىغا ئائىت بىلىملەرنى تېخىمۇ كۆپ دوسلىرىمىزغا يەتكۈزۈش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.ھەمدە تېخىمۇ كۆپ بىلىملەرنى توپلاش ئۈچۈن تېخنىكىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى باشقا تېىخنىكا بىكەتلىرىدىن جۇغلىدۇق.شۇجەرياندا بىزدە كۈرۈلگەن سەۋەللىك بولسا ياكى نەشىر ھۇقۇقۇمىزغا دەخلى يەتتى دەپ قارىسىڭىز بىكەت باشلىقى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز تىز سۈرئەتتە بىر تەرەپ قىلىمىز.بىكەت باشلىقى كىيۇ كىيۇ:3419250388

بۇ خەتنى چىكىپ ئۇلىنىش قۇشۇڭ-يانفون نۇسخا-قاماقخانا- شاتلان تورى  

by-xatlan xatlan! X3.2© 2018-2019 xatlan Inc.  

<